باش بەت>قەشقەر

يېڭىساردا قاناتلانغان ئارزۇ

يوللانغان ۋاقىت:2019-04-03 12:41:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:دىلنۇر تۇرغۇن مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

يېڭىسار ناھىيەلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپكە شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن ئوقۇتقۇچى: خەن شۆدۇڭ


سۈرەتتە: خەن شۆدۇڭ بالىلار بىلەن بىرلىكتە ئويۇن ئوينىماقتا.


سۈرەتتە: خەن شۆدۇڭ بالىلارغا دەرس ئۆتمەكتە.

باھار كەلدى، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلاندى.

ئوقۇش باشلاشقا ئاز قالغانسېرى، كۆڭلۈمدىكى تەقەززارلىق تېخىمۇ كۈچەيمەكتە ئىدى؛ مەن بىر مەۋسۇم بىللە ئۆتكەن يېڭىساردىكى ئاشۇ ئۇيغۇر بالىلار چوقۇم مېنىڭ كېلىشىمنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتىدۇ.

ھېلىھەم ئېسىمدە، ئالدىنقى مەۋسۇم تەتىلگە قويۇپ بېرىلگەن كۈنى چۈشتىن كېيىن، سىنىپىمدىكى بىر نەچچە كىچىك زېرەكچاق ئۆيۈمگە قايتىپ چاغان ئۆتكۈزىدىغانلىقىمدىن خەۋەر تېپىپ، ماڭا يازغان نۇرغۇن باغاقچىلارنى رەتلىك قاتلاپ كونۋېرتقا سېلىپ خىزمەت ئۈستىلىمگە قويۇپ قويغانىدى.

مەن يولغا چىققان ۋاقىت دەل تەتىل قويۇپ بەرگەن ۋاقىت بولۇپ، بالىلار يۈك-تاقامنى كۆتۈرۈپ ماڭغانلىقىمنى كۆرۈپ، يۈگۈرۈپ كېلىپ مېنى قۇچاقلاپ، ماڭا قىيمىغان ھالدا خوشلاشقانىدى. بۇ ئۇيغۇر بالىلار جاپاغا ئالاھىدە چىدايدۇ، ئىنتايىن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىدۇ، سىنىپنىڭ تازىلىقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قىلىدۇ، ھەر كۈنى ئەتىگەندە مەكتەپكە بالدۇر كېلىپ، ئەتىگەنلىك ئوقۇشقا كىرىشىپ كېتىدۇ.

بىر ئوقۇش مەۋسۇمى ئىنتايىن قىسقا، ئۇنى-بۇنى ھېس قىلىپ بولغىچىلا ئۆتۈپ كېتىدۇ. بىز ئالدىراشلىق ئىچىدە بارا-بارا ئۆزىمىزنى تاكاماللاشتۇرىمىز. بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ۋە بالىلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، يېڭىسار ناھىيەلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپ پۈتۈن ناھىيە بويىچە 2-بولۇشتەك ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى.

مەن ئىلگىرى بالىلار بىلەن مۇنداق ئەھدىلەشكەنىدىم: پەقەت سىلەر تىرىشىپ ئۆگەنسەڭلارلا، چاغاننى ئۆتكۈزۈپ قايتىپ كېلەشىمدە، سىلەرگە شەندۇڭدىن ياخشى يېمەكلىكلەرنى، يەنە كىچىك سوۋغىلارنى ئېلىپ كېلىمەن.

يۈك-تاقىلارنى يىغىشتۇرۇپ قايتىش ئۈچۈن يولغا چىقتىم. دوستانە ئۇيغۇر خىزمەتداشلىرىم بىزدەك شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارغا قىزغىنلىق بىلەن كۆپ ياردەملەرنى قىلدى، مەن ئازغىنە كۆڭلۈمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئۇلارغا دادام ئۆز قولى بىلەن تېرىغان خاسىڭدىن ئېلىۋالدىم. سىنىپىمدىكى ئوماق بالىلارغا تاتلىق-تۈرۈملەر، ئالاھىدە مەھسۇلاتلار، ئۆگىنىش بۇيۇملىرى سېتىۋالدىم، يەنە ئۆيۈمنى ئاختۇرۇپ تۈرلۈك كىچىك خاتىرە بۇيۇملىرىنى تېپىپ، ئۇنتۇپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ سەپەر خالتامغا بالدۇرلا سېلىۋالدىم.

ھەر قېتىم سەپەرگە چىققاندا، ئاتا-ئانام ۋە خوتۇنۇم گەرچە ماڭا قىيالمىسىمۇ، مېنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىمنى ئىزچىل قوللاپ كەلدى. گەرچە ئۇلاردىن ئايرىلىپ يىراقلارغا بارغان بولساممۇ، يالغۇزسىراپ قالمىدىم. بارلىق تۇغقانلىرىم، رەھبەرلەر ۋە خىزمەتداشلىرىم ماڭا كۆڭۈل بۆلدى، مەن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەسئۇلىيىتىمنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم. پەقەت خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، ئەلا نەتىجە بىلەن ۋەزىپىلەرنى تاماملىيالىساملا، ئاندىن ئۇلارغا ئەڭ ياخشى جاۋاب قايتۇرغان بولىمەن. ھازىر مەن خىزمەتداشلىرىم بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرىمەن. ئوقۇتقۇچى بولغانىكەنمىز چوقۇم ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان يەرگە بېرىشىمىز كېرەك. ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا مائارىپقا ياردەم بەرگىلى كەلگەنلىكىمدىن ئۆزۈمنى ئىنتايىن تەلەيلىك ھېس قىلىمەن. گۈزەل يېڭىسار بىز قايتىپ كەلدۇق.

ئايروپىلاننىڭ يەرگە قونۇشى بىلەن قەلبىم چەكسىز ھاياجانغا تولدى، قەشقەر ئايروپورتىدىن چىقىپلا، يېڭىسار ناھىيەلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپتىكى خىزمەتدىشىم مەمەتجاننى كۆردۈم. ئۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ بىزنى ئالغىلى كەلگەنىكەن.

يېڭىسار ناھىيەلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگىنىمدە، مەندە بىر خىل ئۆيگە قايتقاندەك تۇيغۇ بولدى، ياتاقنى يىغىشتۇرۇپ، كۆكتات، گۈرۈچ سېتىۋېلىپ، ئوقۇش باشلاشتىن ئىلگىرىكى تەييارلىق خىزمەتلەرنى قىلىۋالدىم. مەن بىلەن بىللە شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن جاۋ مۇئەللىم ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: يېڭىسارغا قايتقىنىمدا خۇددى ئۆيگە قايتقاندەك ھېسسىياتتا بولىمەن، شۇنداق تەبىئىي، شۇنداق خاتىرجەم. شۇنداق، يېڭىسارغا كەلگەن تۇنجى كۈندىن باشلاپ، شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار بۇ يەرنى ئاللىقاچان ئۆز ئۆيىمىزدەك كۆرۈپ، 2-باشلانغۇچ مەكتەپكە سىڭىپ كەتكەنىدۇق.

گەرچە يېڭىساردىن ئايرىلغىنىمىزغا بىر ئاي بولغان بولسىمۇ، لېكىن بىزگە بۇ ۋاقىت ئىنتايىن ئۇزۇن تۇيۇلدى. سىنىپقا كىرگىنىمىزدە بالىلار ئىنتايىن خۇشال بولۇپ چۇرقۇرۇشۇپ چاۋاك چېلىشىپ كەتتى، بالىلارنىڭ بويى ئۆسۈپ قالغاندەك، خېلى گەپ ئۇقىدىغان بولۇپ قالغاندەك ئىدى. بالىلارغا ئېلىۋالغان سوۋغاتلارنى تارقاتمىغان بولساممۇ، ئۇلارنىڭ چىرايىدىن يۇرتۇمدىكى كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمنى سۆزلەپ بېرىشىمنى سوۋغاتتىن بەكرەك تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى. كۆپلىگەن بالىلار شىنجاڭدىن چىقىپ باقمىغان بولغاچقا، ئۇلار سىرتقى دۇنيانى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنى چۈشىنىشكە ئىنتىزار ئىدى. يېڭى دەرس ئۆتمەكچى ئىدىم، لېكىن دەرس مەزمۇنىنى ۋاقىتلىق ئۆزگەرتىپ، بالىلارغا چاغان ئۆتكۈزۈشتىكى ئادەتلەرنى تونۇشتۇرۇپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت دەرسى ئۆتۈپ بەردىم، بالىلار دەرسنى ئىنتايىن ئەستايىدىل ئاڭلىدى. مېنىڭچە، ھەر بىر بالا خۇددى ئويۇشقا تەييارلانغان قاشتېشىغا ئوخشايدۇ، مەن شۇنداق ئىرادىگە كەلدىمكى، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا ئۇلارنى يېتەكلەپ گۈزەل كەلگۈسىگە ئاتلىنىمەن.

ئارزۇ باھاردىكى گۈل. ھەر بىرىمىزنىڭ ئارزۇسى ئىنتايىن كىچىك بولسىمۇ، پەقەت ئۇنى ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىغا سىڭدۈرسەكلا، ئارزۇيىمىز گۈزەل، ئەھمىيەتلىك ئارزۇغا ئايلىنىدۇ، ھەقىقىي تۈردە ئىشقا ئاشىدۇ. يېڭىساردا ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزنى قاناتلاندۇرۇپ، بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلەيلى.