باش بەت>قەشقەر

شاڭخەيلىك 100 نەپەر تېببىي مۇتەخەسسىس قەشقەرگە كېلىپ «ساغلاملىقنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش . داۋالاش جەھەتتە خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

يوللانغان ۋاقىت:2019-04-12 12:37:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:تۇمارىس يالقۇن مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر


مۇخبىرىمىز ۋاڭ كېكې خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 7-كۈنى، شاڭخەي قاتناش داشۆسىنىڭ تېببىي شۆيۈەنى قارىمىقىدىكى خەلق 9-دوختۇرخانىسى (گۇرۇھى)دىكى 100 نەپەر داۋالاش مۇتەخەسسىسى قەشقەرگە كېلىپ، «ساغلاملىقنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش . داۋالاش جەھەتتە خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، پائالىيەتنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق 2-دوختۇرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.


قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى زاكىر زوردۇن قاتارلىق ۋىلايەت رەھبەرلىرى باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

باشلىنىش مۇراسىمىدىن كېيىن، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق 2-دوختۇرخانىسىدا خالىس كېسەل كۆردى، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ھەر قايسى كېسەللىك رايونى، پەرۋىش بۆلۈملىرى، ئوپېراتسىيە ئۆيى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش سىنىپىغا كىرىپ، داۋالاش جەھەتتە بىرگە بىر ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇردى ھەمدە مۇرەككەپ، داۋالاش قىيىن كېسەللىكلەرگە دىياگنوز قويۇش بويىچە نەق مەيداندا بالنېتسا تەكشۈرۈپ، چىگىش سوئاللارغا جاۋاب بەردى؛ يەنە مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە سۆزلەپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق 2-دوختۇرخانىسىدىكى تېببىي خادىملار بىلەن مۇرەككەپ، داۋالاش قىيىن كېسەللىكلەرنى ئورتاق مۇزاكىرە قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، 51 نەپەر مۇتەخەسسىس بەش گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمەت نۇقتىسى، مەھەللە، مەكتەپ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ خالىس دىياگنوز قويۇپ، ھەر مىللەت كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ 1-سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان خىزمەتچىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلدى.


ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەت يەتتە كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، پائالىيەتنى شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى تەشەببۇس قىلغان، شاڭخەي قاتناش داشۆسىنىڭ تېببىي شۆيۈەنى قارىمىقىدىكى خەلق 9-دوختۇرخانىسى (گۇرۇھى)دىكى تېببىي مۇتەخەسسىسلەر قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئالتە ناھىيە (شەھەر)گە بېرىپ، ساغلاملىق جەھەتتە ياردەم بېرىش، داۋالاشنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرىدىكەن.