«1-ماي» مەزگىلىدە قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنى كۆپلەپ جەلپ قىلدى
يوللانغان ۋاقىت:2019-05-08 12:42:00
مەنبە:قەشقەر گېزىتى
مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان
مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر


«1-ماي» ئەمگەكچىلەر بايرىمى مەزگىلىدە قەشقەر قەدىمىي شەھىرى جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 52 مىڭ 500 ئادەم (قېتىم)غا يېتىپ، 2018-يىلىدىكىدىن سەككىز ھەسسە ئاشتى.
قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ قويۇق مىللىي ئۆرپ-ئادەت ئالاھىدىلىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، شۇنداقلا ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى مىللىي ئۆرپ-ئادەتنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى. شەھەر ئىچىدىكى گىرەلىشىپ كەتكەن كوچا-رەستىلەر، ئۆزگىچە ئۇسلۇبلار ساياھەتچىلەرنىڭ سۈرەتكە تارتىشىغا ناھايىتى ماس كېلىدىغان بولۇپ، مەنزىرە رايونىدا نۇرغۇن ئەسلىي قىياپەتلەر، ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى، ئەنئەنىۋى يېمەك-ئىچمەكلەر گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ، قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىك ساياھەتچىلەرگە بۇ جاينىڭ سىرلىق ھەم ئۆزگىچە مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. (تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز ئادىلجان ئابدۇقادىر فوتوسى)