باش بەت>قەشقەر

جۇڭشەن داشۆسىنىڭ 2019-يىلى 2-قاراردىكى يۇقىرى قاتلام داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى قەشقەرگە يېتىپ كەلدى

يوللانغان ۋاقىت:2019-05-10 02:31:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:تۇمارس يالقۇن مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

سۈرەتتە: جۇڭشەن داشۆسىنىڭ تەربىيەلەشكە قاتناشقان كۇرسانتلىرى قەشقەردىكى پائالىيىتىنى باشلىدى.

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋۇ مىڭ خەۋىرى، فوتوسى: 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، جۇڭشەن داشۆسىنىڭ 2019-يىلى 2-قاراردىكى مەخسۇس تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ 28 نەپەر كادىرى قەشقەرگە كېلىپ، مۇددىتى يەتتە كۈن بولغان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغان ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتى، بۇرچنى ئەستە مەھكەم ساقلىغان چېگرا رايون سەپىرى» تېمىسىدىكى تەربىيە پائالىيىتىنى باشلىدى.

بۇ يىل 3-ئايدا، جۇڭشەن داشۆسىنىڭ 2019-يىلى 1-قاراردىكى مەخسۇس تەربىيەلەش كۇرسى ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشقانىدى. ئىگىلىنىشىچە، جۇڭشەن داشۆسى يۇقىرى قاتلام داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تېمىسىدىكى تەربىيە پائالىيىتى جۇڭشەن داشۆسى بۇ يىل يولغا قويغان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغان ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتى، بۇرچنى ئەستە مەھكەم ساقلىغان چېگرا رايون سەپىرى» باش تېمىسىدىكى جۇڭشەن داشۆسى-قەشقەر 2019-يىللىق مەخسۇس تەربىيەلەش پىلانىنىڭ بىر قىسمى، شۇنداقلا 2019-يىللىق «ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش» بويىچە ئەتىيازلىق خىزمەت يىغىنىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى ئىكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭشەن داشۆسىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ھەر يىلى ئەترەت باشلاپ قەشقەرگە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ ئۇدۇللاشتۇرۇشقا كېلىپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن كېڭىشىش ئارقىلىق، جۇڭشەن داشۆسىدىكى 150 نەپەر باشقۇرۇش سەۋىيەسى يۇقىرى كادىر ۋە كەسپىي تېخنىك خادىمنى بەش تۈركۈمگە بۆلۈپ قەشقەر ۋىلايىتىگە سىياسىي، ئىدىيە، تارىخ، مەدەنىيەت قاتارلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك مەخسۇس تېمىسىدا تەربىيە قوبۇل قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئاساسىي قاتلامدا خالىس كېسەل كۆرۈش، ئوپېراتسىيەدە ئۈلگە كۆرسىتىش قاتارلىق نامراتلارنى يۆلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى پىلانلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭشەن داشۆسى يەنە كېيىنكى يېرىم يىلدا ئۆز قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىنىڭ كادىر باشقۇرغۇچىلىرىنى مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەشكە تەشكىللەپ، تېخىمۇ سىستېمىلىق، تېخىمۇ قاراتمىلىق تەربىيەلەش ئارقىلىق دوختۇرخانىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن بىر تۈركۈم زاپاس كادىرلارنى يېتىشتۈرۈپ، دوختۇرخانىنىڭ كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن، سادىق، پاك كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، مەكتەپ ۋە دوختۇرخانا تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى پىلانلىدى.