باش بەت>قەشقەر

شاڭخەينىڭ «مىنخاڭ» ناملىق ساياھەت كۆتۈرە ئايروپىلانىدىكى 100 نەپەر ساياھەتچى پوسكامغا يېتىپ باردى

يوللانغان ۋاقىت:2019-05-13 12:10:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:تۇمارىس يالقۇن مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

    سۈرەتتە: شاڭخەيلىك ساياھەتچىلەر پوسكام ئالتۇن توغراق دۆلەت ئورمان باغچىسى مەنزىرە رايونىدا سەيلە قىلماقتا.

    مۇخبىرىمىز ۋاڭ كېكې، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خوۋ سۈنسەي خەۋىرى، فوتوسى: 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، شاڭخەينىڭ «مىنخاڭ» ناملىق ساياھەت كۆتۈرە ئايروپىلانىدىكى شاڭخەي «پېنسىيونېرلار كۇلۇبى»نىڭ 100 نەپەر ئەزاسى پوسكام ئالتۇن توغراق دۆلەت ئورمان باغچىسى مەنزىرە رايونىغا بېرىپ، پوسكامنىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادىتىنى ھېس قىلدى.

    ساياھەتچىلەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بۇيلۇق تاجىك ئۆرپ-ئادەت بازىرى، جىگدە كارىدورى، كۆلدىكى ئارال، كوئېنلۇن غەلىتە تاش سارىيى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. شاڭخەيلىك ساياھەتچى ۋاڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئىزچىل مەن ئىنتايىن تەلپۈنىدىغان جاي ئىدى، بۇ قېتىم پوسكامغا كېلىپ ساياھەت قىلىپ، سۈرەتكە تارتىپ ھارمىدىم، ئېسىل تائاملارنى تويغىچە يېدىم. ھەر كۈنى يېڭى خۇشاللىق، يېڭى بايقاشلارنى ھېس قىلدىم. قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، بۇ يەردىكى كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمنى تېخىمۇ كۆپ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىمگە يەتكۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى شىنجاڭنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پوسكام ناھىيەسى ئالتۇن توغراق دۆلەت A5 دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ ماركا ئۈنۈمىگە تايىنىپ، ئالتۇن توغراق مەنزىرە رايونى، قار تېيىلىش مەيدانى، گۈلباغ مەنزىرە رايونى، نەم يەر باغچىسى قاتارلىق جايلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە يۈرۈشلەشكەن مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، ساياھەت بايلىقى ۋە ساياھەت بازىرىنى جانلاندۇرۇپ، «ئۈچ باغچا، ئۈچ خىل دەرەخ، بىر شەھەر»دىن ئىبارەت پوسكام ساياھەت نام كارتىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلدى.

    ئىگىلىنىشىچە، شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ساياھەتچىلەرنى قەشقەرگە ئەكىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ساياھەتچىلىك ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، شاڭخەي قاتارلىق ئىچكى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى قەشقەرگە كېلىپ سەيلە-ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىپ، قەشقەر ۋىلايىتى ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىغا تۆھپە قوشقان.