باش بەت>قەشقەر

قەشقەر «ساياھەت كاتتا زىياپىتى» تەييارلىدى

يوللانغان ۋاقىت:2019-05-28 18:02:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:دىلنۇر تۇرغۇن مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر



ئۆزگەرتىپ ياسالغاندىن كېيىنكى قەشقەر قەدىمىي شەھىرى ئۆزگىچە مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى، شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر قەشقەرگە كەلسە چوقۇم قەدىمىي شەھەرنى زىيارەت قىلىدىغان بولدى. ساياھەتچىلەر قەدىمىي شەھەر كوچىلىرىدا مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى بىۋاسىتە ھېس قىلىپ، ئۆزگىچە مەدەنىيەت تۈسىدىن بەھرىمەن بولدى.

سۈرەتتە: 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ساياھەتچىلەر قەدىمىي شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، قەشقەر ساياھىتى ئارقىلىق ئۇنتۇلغۇسىز گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرماقتا.      (مۇخبىرىمىز جىن شياۋپىڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 5-ئاينىڭ 19-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار گۇ يۈ، ما كەي). 5-ئاي كىرىشى بىلەن قەشقەر ساياھەتچىلىكى جانلىنىپ كەتتى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» دەپ ئاتىلىدىغان قەشقەردە شۇ جاينىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، مىللىي ئۆرپ-ئادىتىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى.

 5-ئاينىڭ 19-كۈنى ــ «جۇڭگو ساياھەت كۈنى» بولۇپ، بۇ كۈنى ئەتىگەندە قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىدا، مەنزىرە رايونى خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ مىللىيچە كىيىملەرنى كىيىشىپ ئورۇنلىغان قەدىمكىگە تەقلىد قىلىنغان شەھەرگە كىرىش مۇراسىمى، سەر خىل مىللىيچە ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرى ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. مىللىيچە مۇزىكا، ئۇسسۇل ئامىللىرى بىر گەۋدىلەشكەن شەھەرگە كىرىش مۇراسىمى ئارقىلىق، قەدىمىي شەھەرنىڭ ئەزىز مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىشتىكى ئۆزگىچە قائىدە-يوسۇنى نامايان قىلىندى. شادىيانە مىللىي مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، ساياھەتچىلەر بىلەن يەرلىك ئاھالىلەر بىرلىكتە ئۇسسۇل ئويناپ، ئارقىدىنلا قەدىمىي شەھەرگە بىللە كىرىپ، قەدىمىي شەھەر ساياھىتىنى باشلىدى.

قەشقەر شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى دېڭ جىيۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى شەھەرگە كىرىش مۇراسىمى ھەر كۈنى پەقەت بىر قېتىملا ئۆتكۈزۈلەتتى، بۇ يىل ساياھەتچىلەرگە قەدىمىي شەھەرنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تېخىمۇ بىۋاسىتە ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، شەھەرگە كىرىش مۇراسىمىنى ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. بۇ يىل ساياھەتچىلىكنىڭ جانلىنىش مەزگىلىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى كۆرگەزمە رايونى ۋە ئاساسىي مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، چۈشەندۈرگۈچىلەرنىڭ كەسپىي ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، سېرك ئويۇنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك ساياھەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

قەدىمىي شەھەردىكى توپا رەڭلىك لاي تاملار، ھەر خىل رەڭدىكى ياغاچ ئىشىك، دېرىزىلەر، كۆڭۈل قويۇپ نەقىش ئويۇلغان لىم-تۈۋرۈكلەر، ھەر قايسى دۇكانلارنىڭ ئۆزگىچە بېزىلىش ئۇسلۇبى كىشىنى ئىختىيارسىز دۇكانغا كىرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا قىزىقتۇرىدۇ. دېڭ جىيۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، ساياھەت، مال سېتىۋېلىشتىن ئىبارەت بىر پونكىت شەكلىدىكى مۇلازىمەتلەرنى ساياھەتچىلەرگە بىۋاسىتە ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بۇلتۇر 6-ئايدىن بۇيان، قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى ئورانقاي كوچىسىدا «قەشقەر تەسىرلىرى» يېمەك-ئىچمەك ۋە مەدەنىيەت كوچىسى بەرپا قىلدى، ھازىر بۇ يەردە يېمەك-ئىچمەك دۇكىنى، قاۋاقخانا، قەھۋەخانا، قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى دۇكىنى قاتارلىق 32 دۇكان بار.

دېڭ جىيۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قەشقەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بىز ساياھەت تۈرلىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ساياھەتچىلەرنى خۇشال-خۇرام كېلىپ، رازىمەنلىك بىلەن قايتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز. بۇ يىل 1-ئايدىن 4-ئايغىچە قەشقەرگە كەلگەن ساياھەتچى 1 مىليون 239 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.8 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە «1-ماي» قىسقا دەم ئېلىش مەزگىلىدە 199 مىڭ ئادەم (قېتىم) ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %370.3 ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، قەشقەر شەھىرى يەنە قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ بۇلاق بېشى رايونىنى ئۆزگەرتىپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كوزىچى ياربېشىدىكى ئىمارەتلەرنى رېمونت قىلىپ، ئۆزگەرتىپ، ئىپارخان مەنزىرە رايونىنى A4 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ساياھەت تۈرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەرلىك يەنە 10 يېزا، كەنتتە ساياھەتچىلىك بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا، كەنت ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، يەرلىكنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.