باش بەت>قەشقەر

شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە ئىنگلىز تىلى دەرسخانىسى مۇسابىقىسىنى تەشكىللىدى

يوللانغان ۋاقىت:2019-05-29 10:34:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:دىلنۇر تۇرغۇن مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر


سۈرەتتە: شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار بىلەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماھىرلار خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خەن خەيلىن خەۋىرى، فوتوسى: 5-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە ئوتتۇرا مەكتەپ ئىنگلىزتىلى دەرسخانىسى مۇسابىقىسى قەشقەر ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلدى. قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 12 ناھىيە (شەھەر) ۋە ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق مەكتەپلەردىكى 31 نەپەر ماھىر مۇسابىقىگە قاتناشتى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى قەشقەردە تۇرۇشلۇق شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار تەشكىللەپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مۇسابىقە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇپپا بويىچە ئېلىپ بېرىلغان. مۇسابىقىنىڭ باراۋەر، ئادىل، ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار مۇسابىقىدە باھالىغۇچى بولغان ھەمدە قەشقەر 2-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزىدىكى شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن ئوقۇتۇش تەتقىقاتچىلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ گۇرۇپپىلىرىنى باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

مۇسابىقە ئۈچ كۈن داۋاملاشقان بولۇپ، باھالىغۇچى ئوقۇتقۇچىلار مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ سەرخىل دەرسلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەمدە ماھىرلارنىڭ دەرسخانىدىكى ئىپادىسىنى مەركەزلىك باھالىدى. ئوقۇتۇشنىڭ يارقىن نۇقتىسى، ئالاھىدىلىكلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىر چاغدا، يەنە ساقلانغان مەسىلە ۋە يېتەرسىزلىكلەرنىمۇ كۆرسەتتى ھەمدە تۈزىتىش توغرىسىدىكى پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. باھالىغۇچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئىككى نەپەر گۇرۇپپا باشلىقى يەنە ئىككى ئوقۇتۇش باسقۇچىدا مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئومۇمىي ئەھۋالىدىن مەخسۇس تېمىلىق ئىنكاس قىلىش دوكلاتى بەردى.