باش بەت>قەشقەر

دۇڭيىڭدىكى مېھرىبان كارخانىچىلار يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى كىيىم-كېچەك كارخانىسىغا 1000 يۈرۈش خىزمەت كىيىمى زاكاز قىلىپ كارخانىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىدى

يوللانغان ۋاقىت:2019-05-30 03:52:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:دىلنۇر تۇرغۇن مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر


سۈرەتتە: ئىشچىلار يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى كىيىم-كېچەك كارخانىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئىشلىمەكتە. (ماتېرىيال سۈرەت)

تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز جوۋ گۇاڭشۆ خەۋىرى، فوتوسى: 5-ئاينىڭ 23-كۈنى، شەندۇڭ «كېرۈي» پاي كونترول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەت كىيىمى زاكاز توختامى ئىمزالاش مۇراسىمى يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ شىركەت 1000 يۈرۈش خىزمەت كىيىمىنى يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى كىيىم-كېچەككە ئىش قوشۇش كارخانىلىرىنىڭ تىكىپ تاماملىشىغا تاپشۇرۇپ بەردى.

توختام ئىمزالاش مۇراسىمىدىن كېيىن، شەندۇڭ «كېرۈي» پاي كونترول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ زۇڭسەيى جاڭ يۈپىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بىز يانفوندا تەشەببۇسنى كۆرگەندىن كېيىن، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدۇق، شۇنىڭ بىلەن دۇڭيىڭ رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە دۇڭيىڭ شەھەرلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن ئاكتىپ ئالاقىلىشىپ ئۇدۇللاشتۇرۇپ، يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى كارخانىلارنىڭ بىزگە بىر قىسىم خىزمەت كىيىملىرىنى پۈتكۈزۈپ بېرەلەيدىغان-بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئۇقۇشتۇق. شۇ ئارقىلىق يەرلىكتىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئازراق بولسىمۇ ياردەم بېرىشنى ئويلىدۇق.

جاڭ يۈپىڭ تىلغا ئالغان تەشەببۇسنامە بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا، دۇڭيىڭ شەھەرلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشقان نامرات ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى كارخانىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئىشلەپچىقىرىش زاكاز تالونى ئاز بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، «دۇڭيىڭغا مۇھەببەت» تاراتقۇ سۇپىسى ئارقىلىق دۇڭيىڭ شەھىرىدىكى مېھرىبان كارخانىچىلارغا چىقارغان «زاكاز تالونى ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش» تەشەببۇسى بولۇپ، تەشەببۇستا ھەر قايسى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خىزمەت كىيىمى، مەكتەپ فورمىسى، ئەمگەك مۇھاپىزەت كىيىملىرى قاتارلىقلارنىڭ زاكاز تالونلىرىنى يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىنىڭ ئۈستىگە ئېلىشىغا تاپشۇرۇشى ئۈمىد قىلىنغانىدى. تەشەببۇسنامە تاراتقۇ سۇپىسىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئوقۇرمەنلەر ۋە ھەر ساھەدىكى مېھرىبان زاتلار ئاكتىپ تارقاتتى ۋە كۆڭۈل بۆلدى.

يېڭىشەھەر ناھىيە «بەيخۈي» شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى توختام ئىمزالاش ھەمكارلىقنىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدۇ، «كېرۈي» چوڭ شىركەت، كەسىپلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان، بىز چوقۇم ئىش قوشۇش ئىقتىدارى بار كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ، خېرىدارلارنىڭ تەلىپى بويىچە ماتېرىيال تاللاپ ۋە ئىش قوشۇپ، زاكاز ۋەزىپىسىنى سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ۋاقتىدا تاماملاپ، سەمىمىيىتىمىز ئارقىلىق يىراقتىكى خېرىدارلارنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئەمەلىي كۈچىمىز ئارقىلىق بۇ چوڭ خېرىدارلارنى تۇتۇپ قالىمىز.

ئىگىلىنىشىچە، «كېرۈي» گۇرۇھى 2001-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، چەت ئەلدە نېفىت-گاز مۇلازىمەت بازىرى ئېچىپ، دۇنيادىكى 57 دۆلەتتە تارماق شىركەت، بالا شىركەت ۋە ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلغان ھەمدە مۇكەممەل بولغان يەر شارى ماركىتېڭ سىستېمىسى ۋە مۇلازىمەت تورى بەرپا قىلغان.

دۇڭيىڭ شەھەرلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى پىلان، كەسىپ گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى جەي جيەنفېڭ مۇنداق دېدى: تەشەببۇسنامە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دۇڭيىڭدىكى نۇرغۇن مېھرىبان كارخانىچىلار ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى ۋە ئالاقىلىشىپ ئۇدۇللاشتۇردى. نۆۋەتتە، «كېرۈي» گۇرۇھى توختام ئىمزالىغاندىن باشقا، يەنە باشقا مېھرىبان كارخانىچىلارمۇ خىزمەت كىيىمىگە ئىش قوشۇش زاكاز تالونى بېرىش توغرىسىدا ئاكتىپ كېڭەشمەكتە. ئىگىلىنىشىچە، دۇڭيىڭ شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە، «كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىن ئىبارەت خىزمەت پىكىر يولى بويىچە، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارغا قارىتىلغان سودىگەر چاقىرىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، رۇيى توقۇمىچىلىقى، چىڭداۋ تېز تارقىتىش، خەيياڭ كىيىم-كېچەكلىرى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم كارخانىلارنى يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە ماكانلاشتۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە، تۈرلۈك كىيىم-كېچەك، پەلەي، پايپاق ۋە ئاياغ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 16 مىليون 420 مىڭ قۇر، 18 مىليون دانە، 11 مىليون جۈپ ۋە 2 مىليون جۈپ ئىكەن.