باش بەت>قەشقەر

«زەر ئاقىدىغان دەريا» ناملىق فىلىم مەملىكەت بويىچە ھەر قايسى يېزا رەقەملىك كىنو تورىغا قويۇلدى

يوللانغان ۋاقىت:2019-05-30 04:01:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:دىلنۇر تۇرغۇن مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر


مۇخبىرىمىز ۋاڭ ۋېنبو خەۋىرى: شىنجاڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىي تېما قىلىنغان «زەر ئاقىدىغان دەريا» ناملىق فىلىم يېقىندا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېزا رەقەملىك كىنو تورىغا قويۇلدى. فىلىمدە شىنجاڭدىكى «جۇڭگودىكى ئەڭ پەزىلەتلىك كەنت ئەمەلدارى» ليۇ گوجۇڭنىڭ ئىش ئىزلىرى ماتېرىيال قىلىنغان بولۇپ، پات ئارىدا قەشقەر ۋىلايىتىدىكى كەڭ تاماشىبىنلار بىلەن  يۈز كۆرۈشىدۇ.

«زەر ئاقىدىغان دەريا» ناملىق فىلىمنى شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى، «ئىزدىنىش» كىنو-تېلېۋىزىيە مەركىزى بىرلىكتە ئىشلىگەن بولۇپ، فىلىمدە، پوسكام ناھىيەسىدىكى «جۇڭگودىكى ئەڭ پەزىلەتلىك كەنت ئەمەلدارى» ليۇ گوجۇڭنىڭ ھەقىقىي ئىش ئىزلىرى ماتېرىيال قىلىنىپ، سەنئەت جەھەتتە قايتا ئىجاد قىلىش ئارقىلىق، قەشقەر يېزىلىرىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ۋە شىنجاڭدىكى كادىرلارنىڭ «ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش»تەك شانلىق ئوبرازى تولۇق نامايان قىلىنغان.

ليۇ گوجۇڭ پوسكام ناھىيە گۈلباغ يېزا كۆكدۆڭ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇپ، بۇ كەنتتە پەقەت 59 ئائىلىلا بار، ليۇ گوجۇڭ ئائىلىسى بۇ كەنتتىكى بىردىنبىر خەنزۇ ئائىلىسى ئىدى. 1998-يىلى، ليۇ گوجۇڭ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغاندىن كېيىن، كەنتتىكىلەرنى يېتەكلەپ، توك يوق، يول يوق بولۇش، شۇنداقلا ئۇزۇن مۇددەت ئاچچىق سۇ ئىچىشتەك ناچار شارائىتلارغا خاتىمە بېرىپ، دېھقانلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنى ئون نەچچە يىل بۇرۇنقى 300 يۈەنگە يەتمەسلىكتىن 2012-يىلىدىكى 7000 يۈەنگە يەتكۈزگەن، %94 كەنت ئاھالىسى ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەنىدى.

كۆكدۆڭ كەنتىدىكى ئاممىنىڭ قەلبىدە، ليۇ گوجۇڭ ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم يۆلەنچۈكى ئىدى، لېكىن، ئۇنىڭ ئائىلىسى ئىنتايىن نامرات بولۇپ، كونا، خام خىش قۇرۇلمىلىق ئۆيدە ئولتۇراتتى، ئۆيدە پۇلغا يارايدىغىنى 18 دىيۇملۇق كونا تېلېۋىزور بىلەن كونا توڭلاتقۇ ئىدى. ليۇ گوجۇڭ ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: كەنتتە يەنە بەش نامرات ئائىلە يېڭى ئۆي سالمىدى، مەن ئۇلار يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن ئاندىن ئۆزۈم ئۆي سالىمەن، بۇنداق بولغاندا ئۇلار بىلەن قوشنا بولالايمەن. 2013-يىلى، ليۇ گوجۇڭ «جۇڭگودىكى ئەڭ پەزىلەتلىك 10 كەنت ئەمەلدارى»نىڭ بىرى دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى، شۇ يىلى 10-ئايدا، ليۇ گوجۇڭ خوتۇنى بىلەن موتوسىكلىت مىنىپ ئۆيگە قايتىش يولىدا تاسادىپىي يىقىلىپ چۈشۈپ، يارىسى ئېغىر بولغاچقا، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي 62 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت، رادىيو-تېلېۋىزىيە، ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «زەر ئاقىدىغان دەريا» فىلىمى ھۆججەتلىك فىلىم ئۇسلۇبىدا ليۇ گوجۇڭنىڭ ئاددىي-ساددا ھاياتىنى نامايان قىلىپ، قەشقەر يېزىلىرىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنىڭ ئەھۋالى ۋە شىنجاڭدىكى كادىرلارنىڭ «ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش»تەك ئوبرازىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.

شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ليۇ گوجۇڭنىڭ ئىش ئىزلىرىنى چوڭ ئېكرانغا ئېلىپ چىقتى ھەمدە بۇ فىلىمنى شىنجاڭغا مەدەنىيەت جەھەتتە ياردەم بېرىدىغان نۇقتىلىق مەھسۇلات قاتارىغا كىرگۈزدى. شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىدىكى ئالاقىدار خادىم مۇنداق دېدى: «زەر ئاقىدىغان دەريا» ناملىق بۇ فىلىمنىڭ بەدىئىيلىك جەھەتتە ئۈچ خىل ئالاھىدىلىكى بار: بىرىنچى، ئۆزگىچە سۈرەتكە ئېلىش ئالاھىدىلىكى، ئىككىنچى، ھەقىقىي ھېسسىياتنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى، ئۈچىنچى، چوڭقۇر مەنىگە ئىگە ئاساسىي تېما. بۇ فىلىم ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى، بولۇپمۇ يېزا ئاساسىي قاتلاملىرىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەش، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك ئوبرازى يارىتىلىپ، شۇ جايدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسىنى نامايان قىلىشتەك مەقسەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ فىلىمدە سۈرەتكە ئېلىنغان مەزمۇن دەۋر خاراكتېرىنى تولۇق نامايان قىلغان بولۇپ، «توغرا ئاممىۋى پىكىر ئارقىلىق كىشىلەرنى يېتەكلەش، مۇنەۋۋەر ئەسەر ئارقىلىق كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇش، ئالىيجاناب، پەزىلەتلىك ئادەم تەربىيەلەش» تەلىپىگە تامامەن ئۇيغۇن. بۇ فىلىمنىڭ قويۇلۇشى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى سەپلىرىدىكى ئىلغار تىپلارنى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش، شىنجاڭلىقلارنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىنتىلىدىغان روھىنى يارىتىش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇش، شۇنداقلا قانات يايدۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرغان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيە پائالىيىتى ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىدۇ.