باش بەت>قەشقەر

شەندۇڭ ئۆلكىسى قەشقەر ۋىلايىتىدە شەندۇڭ-قەشقەر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2019-06-18 11:48:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:تۇمارىس يالقۇن مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر


مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ھەر يىلى 5 مىليون يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ

سۈرەتتە: ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلمەكتە.

مۇخبىرىمىز مىرزائەخمەت ئابلىكىم خەۋىرى، فوتوسى: شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان شەندۇڭ-قەشقەر «شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئوقۇش مۇكاپاتى» تارقىتىشنى باشلاش مۇراسىمى ۋە 2018-يىللىق تۇنجى تۈركۈمدىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى تەقدىرلەش يىغىنى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلدى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى ياڭ گوچياڭ مۇراسىمغا قاتناشتى.

ئۇزاقتىن بۇيان، شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەمدە مائارىپ جەھەتتە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئىدىيە، مەبلەغ، تۈر، ئىختىساسلىقلار ۋە ئەقلىي كۈچ قاتارلىق كۆپ تەرەپتىن ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. بولۇپمۇ يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، شەندۇڭ ئۆلكىسى مائارىپ جەھەتتە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە جەمئىي 722 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىدىن 109نى يولغا قويدى، 61 ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، 143 بالىلار باغچىسىنى يېڭىدىن ياكى ئۆزگەرتىپ قۇردى، «10 مىڭ ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىش پىلانى» بويىچە 200 ئوقۇتقۇچىنى، 516 نەپەر پىراكتىكانت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى تاللاپ ئەۋەتىپ، باشقا ئوقۇتقۇچىدىن 284نى تەكلىپ قىلىپ كىرگۈزۈپ، 33 مىڭ ئادەم (قېتىم) ئوقۇتقۇچىنى تەربىيەلىدى، مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق، قەشقەر مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى.

بۇ قېتىم شەندۇڭ ئۆلكىسى قەشقەردە يەنە شەندۇڭ-قەشقەر «شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئوقۇش مۇكاپات پۇلى» تەسىس قىلىپ، ئەخلاق، ئۆگىنىشتە ياخشى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇش-ئوقۇتۇش خىزمىتىدە نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان ئوقۇتقۇچىلار (مائارىپ خىزمەتچىلىرى)نى تەقدىرلەپ ۋە مۇكاپاتلاپ، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم بېرىپ ئادەم تەربىيەلەشتىكى بۇرچ تۇيغۇسى ۋە شان-شەرەپ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ۋەتەننى سۆيىدىغان، غايىلىك، پەزىلەتلىك، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىدىغان ياخشى ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، شەندۇڭ-قەشقەر «شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئوقۇش مۇكاپات پۇلى»نىڭ بىر قارارى ئۈچ يىل (2018-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە) بولۇپ، شەندۇڭ ئۆلكىسى ھەر يىلى 5 مىليون يۈەن مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىكەن، قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى كونكرېت تەشكىللەپ يولغا قويىدىكەن، شەندۇڭ ئۆلكىسى نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان يېڭىشەھەر، يېڭىسار، يوپۇرغا، مەكىت ناھىيەلىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، بالىلار باغچىلىرى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق قەشقەر 2-ئوتتۇرا مەكتىپى، قەشقەر ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىن ھەر يىلى 200 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىنى تاللاپ ھەر بىرىنى 2000 يۈەن، 4500 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىنى تاللاپ ھەر بىرىنى 1000 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلايدىكەن.