باش بەت>قەشقەر

گۇاڭجۇۋ شەھىرى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئىچكى جايلاردىكى كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولدى

يوللانغان ۋاقىت:2019-06-18 12:08:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:تۇمارىس يالقۇن مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

سۈرەتتە: كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ سودىگەر چاقىرىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر شۇچېڭ ناھىيەسىدىكى «خاۋيۈەنپېڭ» گۇرۇھىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلماقتا.

تەكلىپلىك مۇخبىرلىرىمىز ۋاڭ يۈپېڭ، زېڭ لى خەۋىرى، فوتوسى: 6-ئاينىڭ 14-كۈنى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى، كونىشەھەر ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى تاڭ لىمىڭ ئۆمەك باشلاپ، ئەنخۇي ئۆلكىسىدىكى «خاۋيۈەنپېڭ» كىيىم-كېچەك گۇرۇھىغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى ۋە سودىگەر چاقىرىش خىزمىتىنى ئۇدۇللاشتۇردى، ئۇلار دەل جايىدا بولغان سودىگەر چاقىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىچكى ئۆلكىلەردىكى مۇنەۋۋەر كارخانىلارنى قەشقەرگە مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىشقا جەلپ قىلىپ، كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا ھاياتىي كۈچ قوشتى.

سودىگەر چاقىرىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر «خاۋيۈەنپېڭ» گۇرۇھىنىڭ باش ئىشتابى جايلاشقان شۇچېڭ ناھىيەسىدىكى «خاۋيۈەنپېڭ» توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتى ۋە خېفېي شەھىرىدىكى تارماق شىركىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، سېخلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ھەر بىر زاۋۇت رايونىغا كىرگەندە، ھەممىلا يەردە كېسان گۈللىرىنىڭ پورەكلەپ ئېچىلغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدىغان بولۇپ، «خاۋيۈەنپېڭ» توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دۇڭشىجاڭى زېڭ يىفا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ گۈلنىڭ ئۇرۇقىنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كونىشەھەر ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر ئىشچى-خىزمەتچىلەر 2018-يىلى باش ئىشتابتا تەربىيەلەنگەندە يۇرتىدىن ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، زاۋۇتتىكى ھەممە يەرگە چېچىلغانىدى، چۆللۈكتە تەستە ئۆسىدىغان بۇ ياۋا گۈلنىڭ بۇ يەردە بۇنچە ئاينىپ ئۆسۈشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمىز. تاڭ لىمىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شۇچېڭ بىلەن كونىشەھەر نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا بىللە ئىلگىرىلىمەكتە، بۇ، ئىككى ناھىيەنىڭ ئالاھىدە تەقدىرى ۋە ھېسسىياتى. كۆپچىلىك بۇ تەقدىرنى قەدىرلەپ، بۇ دوستلۇقنى ياخشى قوغدىشى كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، تاڭ لىمىڭ «خاۋيۈەنپېڭ» كىيىم-كېچەك گۇرۇھىنىڭ كونىشەھەر ناھىيەسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشى توغرىسىدىكى تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتى ۋە كونىشەھەر ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى تارماقلاردىن كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى سودا مۇھىتى يارىتىپ، «خاۋيۈەنپېڭ» ۋە كونىشەھەر ناھىيەسىگە ماكانلاشقان باشقا كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا زورىيىپ، كۈچىيىشىنى قوللاپ، تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى يارىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ كىرىمىنى كۆپەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، «خاۋيۈەنپېڭ» كىيىم-كېچەك گۇرۇھىنىڭ باش ئىشتابى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شۇچېڭ ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، تەتقىق قىلىش، لايىھەلەش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان كەسىپلەشكەن كىيىم-كېچەك كارخانىسى ئىكەن. بۇ شىركەت 2017-يىلى 11-ئايدا قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىگە ماكانلىشىپ، 1200 ئادەمنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئىشچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى 1500 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە ئىكەن. بۇ گۇرۇھ دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى داڭلىق ماركىلاردىن «ئەنتا»، «سېنما»، «فېيلې»، «يىچۈن»، «بوسىدېڭ»، «بالابالا»، «ئادىداس» قاتارلىقلار بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىك بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت Reima، Costco قاتارلىق تاشقى سودا ماركىلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان. بۇ يىل 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى جاڭ خۇ، گۇاڭجۇۋ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى لى مىڭ قەشقەر «خاۋيۈەنپېڭ» كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، «خاۋيۈەنپېڭ» كىيىم-كېچەك شىركىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى باشلامچى كارخانىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ياراتقانلىقى، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئۈلگە بولۇپ، ئىچكى جايلاردىكى ئىلغار كارخانا مەدەنىيىتى ۋە مۇنەۋۋەر باشقۇرۇش تەجرىبىسىنىڭ كونىشەھەر ناھىيەسىدە يىلتىز تارتىپ بىخلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈردى.