باش بەت>قەشقەر

قەشقەر ۋىلايىتىدە دېھقانلار رەسىمى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇلدى

يوللانغان ۋاقىت:2019-06-18 12:22:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:تۇمارىس يالقۇن مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

مۇخبىرىمىز ۋاڭ كېكې خەۋىرى: 6-ئاينىڭ 15-كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتى ئۇيۇشتۇرغان «مەن ۋە ۋەتىنىم» تېمىسىدىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئاساسىي تېمىلق دېھقانلار رەسىمى ئىجادىيىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىدا دەرس باشلاندى. 12 ناھىيە (شەھەر)دىن كەلگەن 40تىن ئارتۇق دېھقان رەسسام بۇ قېتىمقى كۇرسقا قاتناشتى.

دېھقانلار رەسىمى ئاممىباب رەسىمنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، كۆپىنچىسى دېھقانلار ئۆزلىرى سىزغان ۋە ئۆزلىرى زوقلىنىدىغان رەسىملەر ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ دېھقانلار رەسىمى سەنئىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما ئەمگىكى ئارقىلىق سەنئەتنى يارىتىپ، سەنئەت ئارقىلىق تۇرمۇشىنى بېيىتتى. ھەر مىللەت ئەمگەكچان خەلق ئەمگەك ۋە تۇرمۇش داۋامىدا، ئۆتكۈر نەزەرى بىلەن ئاجايىپ نادىر تېمىلارنى بايقاپ، ئۇنى قەغەز يۈزىدە جانلىق نامايان قىلىپ كەلدى، دېھقانلار رەسىملىرىدە يۇمۇرىستىكىلىققا تۇرمۇشتىكى ئەقىل-پاراسەت، مۇبالىغىگە قايناق ھېسسىيات سىڭدۈرۈلدى.

بۇ قېتىمقى كۇرسنىڭ ۋاقتى 15 كۈن بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، گۈزەل سەنئەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى شۈ خۇڭۋېي مۇئەللىم لېكسىيە سۆزلەشكە، ۋىلايەت، شەھەر دەرىجىلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى دەرس ئۆتۈشكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىندى، ئوقۇتقۇچىلار «جۇڭگو ئارزۇسى»، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ دەرس ئۆتتى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى. دېھقان رەسساملار 70 پارچە ئاساسىي تېمىلىق دېھقانلار رەسىمى ئىجاد قىلىپ ئانا ۋەتەنگە سوۋغا قىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيدۇ.