باش بەت>قەشقەر

شاڭخەي شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە يەكەن كەسپىي مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۆلەتلىك مۇسابىقىدە «كۈمۈش مېدال»غا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولدى

يوللانغان ۋاقىت:2019-06-21 12:43:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:تۇمارىس يالقۇن مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر


ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چېن مېن خەۋىرى: يېقىندا، تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلگەن 2019-يىللىق مەملىكەت بويىچە كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ تېخنىكا-ماھارەت مۇسابىقىسىدە، يەكەن كەسپىي مەكتىپى (تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى)نىڭ ئاپتوموبىل رېمونتچىلىق كەسپى 2-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئېرشات ئەركىن ئۆزىنىڭ پىشقان ھەم پۇختا تېخنىكا ماھارىتىگە تايىنىپ، «ئاپتوموبىل ئىشلىتىش ۋە رېمونت قىلىش» تۈر گۇرۇپپىسىنىڭ مەملىكەت بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ قېتىملىق مۇسابىقە نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە كەسىپ جەھەتتە قاپلىنىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار ئەڭ كۆپ، ئىجتىمائىي تەسىرى ئەڭ زور، بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان تارماقلار ئەڭ تولۇق بولغان دۆلەت دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ تېخنىكا-ماھارەت مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدۇ.

دۆلەتلىك مۇسابىقىنىڭ تەستە قولغا كەلگەن بۇ كۈمۈش مېدالىغا شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە بولغان سىجىل ياردىمى ۋە كۈچلۈك مەدىتى مۇجەسسەملەنگەن. 2012-يىلىدىن بۇيان، شاڭخەي شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش جەھەتتە سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، يەكەن كەسپىي مەكتىپىنىڭ ئاپتوموبىل رېمونت كەسپى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى ئاجرىتىپ، «S4» ئاپتوموبىل رېمونت دۇكىنى ئەندىزىسى ۋە ئۆلچىمى بويىچە ئەسلىھەلىرى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئەمەلىي مەشىق ئۆيى قۇردى. يەكەن كەسپىي مەكتىپىنى «شاڭخەي-قەشقەر كەسپىي مائارىپ ئىتتىپاقى»غا كىرگۈزۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇتۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتىپ، يەكەن كەسپىي مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىنى شاڭخەي شەھەرلىك چۈنيى كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى، شاڭخەي شەھەرلىك قاتناش كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىگە تەربىيەلىنىش ۋە ئۆگىنىشكە ئەۋەتىپ، يەكەن كەسپىي مەكتىپىگە كەسپىي ئىختىساسلىقلار قوشۇنى يېتىشتۈرۈپ بەردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك رېپىرلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تېخنىكا-ماھارەت مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تېخنىكا ئۇستىلىرىنى تەربىيەلەپ چىقتى. شاڭخەي «تۇڭيۇڭ» ئاپتوموبىل شىركىتى، شاڭخەي قاتناش كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى قاتارلىق كارخانىلار ۋە ئالىي كەسپىي مەكتەپلەر يەنە كۆپ قېتىم يەكەن كەسپىي مەكتىپىگە ئەمەلىي مەشىق ئاپتوموبىلى، ئوقۇتۇش يۇمشاق دېتالىنى ھەقسىز ئىئانە قىلىپ، ئىئانە سوممىسى 10 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يەكەن ناھىيەلىك كەسپىي مەكتىپىنىڭ قۇرۇلۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.