باش بەت>قەشقەر

قەشقەر ۋىلايىتى تىغ ئۇچىنى يېمەكلىك مەسىلىسىدىكى يوشۇرۇن خەۋپكە قاراتتى

يوللانغان ۋاقىت:2020-01-14 16:18:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر


ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياڭ شىنيۈەن خەۋىرى: «قەشقەر شەھىرىدىكى ۋىيخۇڭ پىنتوزا دۇكىنى، مارالبېشى پاكتەم يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئۈچ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى تىجارەت كىنىشكىسى ۋە يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ، يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان ئاچچىقسۇ، پىنتوزا، تەم تەڭشىگۈچ ۋە كىراخمال قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاپ ئىشلىگەن، ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتى مەينەت، قالايمىقان، ناچار...» يېقىندا، بىر تۈركۈم كىنىشكىسىز كىچىك ئىشلەپچىقىرىش دۇكانلىرىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئاشكارىلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يېمەكلىك ئىستېمال بىخەتەرلىكى تۇيغۇسى كۈچەيتىلدى، ئاممىنىڭ «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى» تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

2019-يىلى 9-ئايدىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتى ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە ئېتىبارسىز قاراش، زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتتى ھەمدە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى تۈزەشنى مۇھىم نۇقتا قىلدى. قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن چىڭ تۇتۇپ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، جامائەت خەۋپسىزلىكى، سەھىيە، مائارىپ قاتارلىق 13 ئورۇننىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى تۈزەش بويىچە بىرلەشمە ھەرىكەت قوزغىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تىغ ئۇچىنى ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، مەكتەپ ۋە مەكتەپ ئەتراپى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى بىخەتەرلىكى، يېمەكلىك ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىخەتەرلىكى قاتارلىق ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان نۇقتىلىق، قىيىن مەسىلىلەرگە قارىتىپ، «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى»گە كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئاشۇردى.

مەخسۇس تۈزەشتە، قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە مەسىلىسى بار كىچىك دۇكاندىن 409ى تەكشۈرۈپ چىقىلىپ، 76 دۇكان قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، 36سىگە دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، بىرسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، بىر قىسىم ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىدىكى يوشۇرۇن خەۋپ ساقلانغان «قارا زاۋۇت»، «قارا دۇكان»، «قارا ئۇۋا»لار ئىز قوغلاپ قېزىپ چىقىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا تۈزەشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى كۆرسىتىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، قەشقەر ۋىلايىتى يەنە مەكتەپ ئەتراپىدىكى يېمەكلىك تىجارىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە يېمەكلىك ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تۈزەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەتراپىدىكى يېمەكلىك، مىلىچ ماللار دۇكىنى ۋە كىچىك يېمەك-ئىچمەك دۇكانلىرى تىجارىتىنى باشقۇرۇشتىكى يوچۇققا قارىتا، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى تۇرۇشقا ئەۋەتكەن ئالاقىدار ئورۇنلاردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىلىرى يېقىندىن نازارەت قىلىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى فۇنكسىيەلىك تارماقلار پارتگۇرۇپپىلىرىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باشقۇرۇشتىكى يوچۇقلارنى ئېتىپ، مەخسۇس تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردى. مەكتەپ ئەتراپىدىكى يېمەكلىك تىجارەتچىلىرىنىڭ كىنىشكىسىز تىجارەت قىلىش، «ئۈچ يوق» يېمەكلىك ۋە ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن يېمەكلىكنى سېتىش، «مەينەت، قالايمىقان، ناچار» بولۇش مەسىلىلىرىگە قارىتا، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى. ھازىرغىچە، كىنىشكىسىز يايمىدىن 51نى قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، 3217 كىلوگىرام لاياقەتسىز يېمەكلىكنى مۇسادىرە قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى تۇرۇشقا ئەۋەتكەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ ھەيدەكچىلىكىدە، ئالاقىدار تارماقلار «يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تېز تەكشۈرۈپ بازارغا كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئېتىزلىقتىن تاماق ئۈستىلىگىچە» بولغان 1-ئۆتكەلنى چىڭ تۇتتى. مەسئۇلىيىتىنى بەلگىلىمە بويىچە ئادا قىلمىغان، تازىلىقى تەلەپكە ئۇيغۇن بولمىغان، ساغلاملىق گۇۋاھنامىسى يوق 11 تىجارەتچىگە «تۈزىتىشكە بۇيرۇش ئۇقتۇرۇشنامىسى» چۈشۈرۈپ، يېمەكلىك ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىخەتەرلىك جەھەتتىن تۈزەشتە ئۈنۈم كۆرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ماۋۇلارنى بىلدۈردى: بىز يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تۈزەشتە، «دائىم تۇتۇش» بىلەن «ئۇزاققىچە تۇتۇش»قا كۈچ سەرپ قىلىپ، كۈچەپ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەت ئەھمىيەت بېرىدىغان، قوللايدىغان، قاتنىشىدىغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى تۈزەشنىڭ قويۇق كەيپىياتىنى يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۆستۈرىمىز.