باش بەت>قەشقەر

قـەشقەر ۋىلايىتىـدىكى ئـوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىكى 1 مىليون 30 مىڭ ئوقۇغۇچى ئوقۇش باشلاپ دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈردى

يوللانغان ۋاقىت:2020-03-25 11:13:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:پاتىمە مىجىت مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى


سۈرەتتە: 3-ئاينىڭ 23-كۈنى، پوسكام ناھىيەلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىمەكتە.        (ئابدۇقادىر ئابباس فوتوسى)

مۇخبىرلىرىمىز ۋاڭ ۋېنبو، ۋېي تيەنجىن، جۇاڭ تاۋ خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 22-كۈنى، مۇخبىرنىڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدە ئالدىنقى باسقۇچتا تولۇق 3-يىللىق، تولۇقسىز 3-يىللىق، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغان يىللىقلاردا ئوقۇش باشلاپ دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاساسىدا، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئوقۇش باشلاپ دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئىلمىي، پۇختا، بىخەتەر، تەرتىپلىك ئىشلىگەن، نۆۋەتتە، ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ئوقۇتقۇچىلارنى تەڭشەش، سەپلەش،يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تەييارلىقى پۈتۈپ، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىكى 1 مىليون 30 مىڭ ئوقۇغۇچى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى ئومۇميۈزلۈك ئوقۇش باشلاپ دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئاپتونوم رايون پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە سىن يىغىنى ئېچىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرما قىلغاندىن كېيىن، قەشقەر ۋىلايىتى يىغىننىڭ تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىدى.

ئوقۇش باشلاپ دەرسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، پۈتۈن قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى مەكتەپلەر بارلىق خادىملارنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە تەربىيەلەشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، تازىلىق، مۇھىت تۈزەشنى كۈچەيتىپ، مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېپىق شەكىلدە باشقۇرۇش ۋە توپلىشىۋالماسلىق، يىغىلىۋالماسلىق تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋاقىت، رايون، تۈركۈمگە ئايرىپ تاماق يېيىش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. ھەرقايسى مەكتەپلەرگە ئاجرىتىلغان تېببىي خادىملار، جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئىش ئورنىغا چىقتى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قەشقەر ۋىلايىتى يەنە ئوقۇش-ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، ئىش ئورنىغا قايتمىغان ئوقۇتقۇچىلارنى كۆزدە تۇتۇپ، مەكتەپ ئىچىدە تەڭشەش، سەپلەشنى كۈچەيتىش، ناھىيە تەۋەلىكىدە بىرتۇتاش پىلانلاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئوقۇتقۇچىلار كۈچىنى مۇۋاپىق تەڭشەشكە كاپالەتلىك قىلدى. دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى ئايرىش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ساغلاملىق ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، قەرەلىدە ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا «بىرگە بىر» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، توردا ئوقۇتۇش ۋە پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەشنى قانات يايدۇردى؛ مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى تەسىس قىلىپ، ئاتا-ئانىلار، ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۇمانىنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى. نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش، يېتەكچىلىك قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، دائىرە بويىچە ھەيدەكچىلىك قىلىش، تارماقلار بىرلىكتە يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش، مۇھىت تازىلىقى، ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەكتەپلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، خەۋپ-خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، نورمال ئوقۇتۇش تەرتىپىگە كاپالەتلىك قىلدى.