باش بەت>قەشقەر

مۇستەھكەملەش-ئۆستۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ھۆددىگە ئېلىپ-ئالاقىلىشىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ-يېتەكچىلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت:2020-03-31 16:05:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:پەرىدەم مەخەت مەسئۇل مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر

قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مۇستەھكەملەش-ئۆستۈرۈش، ھۆددىگە ئېلىش-ئالاقىلىشىش، ياردەم بېرىش-يۆلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ۋە تەربىيەلەش يىغىنىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى:

مۇستەھكەملەش-ئۆستۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ھۆددىگە ئېلىپ-ئالاقىلىشىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ-يېتەكچىلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

مۇخبىرلىرىمىز ۋاڭ ۋېنبو، ۋېي تيەنجىن خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 27-كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مۇستەھكەملەش-ئۆستۈرۈش، ھۆددىگە ئېلىش-ئالاقىلىشىش، ياردەم بېرىش-يۆلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ۋە تەربىيەلەش يىغىنى چاقىرىپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغان سەككىز ناھىيە، شەھەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مۇستەھكەملەش-ئۆستۈرۈش ۋە ھۆددىگە ئېلىش-ئالاقىلىشىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇپ، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، قايتا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىدىيەنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەش-ئۆستۈرۈش كېرەك. قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى نىڭپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى.

يىغىندىن بۇرۇن، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى نىڭپىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ يامانيار يېزا ئاياغ كۆكچى كەنتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، بۇ كەنتنى مىسال قىلىپ چۈشەندۈرۈپ، بۇ ناھىيەنىڭ مۇستەھكەملەش-ئۆستۈرۈش، ھۆددىگە ئېلىش-ئالاقىلىشىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىش لايىھەسى، كەنت خىزمىتى لايىھەسى، «بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر»، «بىر ئادەمگە بىر ئىش ئورنى»نى مەخسۇس تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، شۇ جاينىڭ لايىھە، تەدبىرلەرنى تۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، بۇ ئارقىلىق نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغان باشقا ناھىيە، شەھەرلەرنى بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم، بىرلىككە كەلگەن ئۇسۇل، بىرلىككە كەلگەن تەلەپ بويىچە لايىھە، تەدبىر بىلەن تەمىنلەپ، لايىھەنىڭ يولغا قويۇلۇشى، تەدبىرنىڭ دەل جايىدا بولۇشى، نەتىجىلەرنىڭ مۇستەھكەملىنىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

يىغىندا، يېڭىشەھەر ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دۇڭ جيەن يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مۇستەھكەملەش-ئۆستۈرۈش خىزمەت لايىھەسىنى دوكلات قىلدى. ھۆددىگە ئېلىپ-ئالاقىلىشىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان يامانيار يېزا ئاياغ كۆكچى كەنتىنىڭ مەسئۇلى مۇستەھكەملەش-ئۆستۈرۈش بويىچە «بىر كەنتكە بىر لايىھە» ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، يېڭىشەھەر ناھىيە يامانيار يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىكى «بىر ئادەمگە بىر ئىش ئورنى» ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، يامانيار يېزا ئاياغ كۆكچى كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى «بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر» ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتلەردىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشى ئارقىسىدا، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى سەككىز ناھىيە، شەھەر نامراتلىق قالپىقىنى ئوڭۇشلۇق چۆرۈپ تاشلىدى، لېكىن نۆۋەتتىكى خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، خىزمەتتە يەنە ئاز بولمىغان مەسىلە ۋە كەمتۈكلۈكلەر مەۋجۇت. سەككىز ناھىيە، شەھەردىكى پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، مۇستەھكەملەش-ئۆستۈرۈش، ھۆددىگە ئېلىش-ئالاقىلىشىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىشنى چىڭ تۇتۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىپ، ئىدىيە جەھەتتە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قاتتىق توسۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھۆددىگە ئېلىش-ئالاقىلىشىش، ياردەم بېرىش-يۆلەش، ھەيدەكچىلىك قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، مۇستەھكەملەش-ئۆستۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، نامراتلىشىپ كېتىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى ئۈمىد قىلىندى. تۈزگەن لايىھەنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇشى، ناھىيە، شەھەرلەر ئۆز ناھىيە، شەھىرىنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسى، باشلامچى، يېتەكچى كارخانىلار، تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىش ئورنى ئېچىش، ئارتۇق ئەمگەك كۈچى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئاساسىدا، دىققەتنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە كەنتلەرنىڭ نامراتلىقتىن چېكىنىشىدىكى «بەشنى راۋانلاشتۇرۇش، يەتتە بولۇش»، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەرنىڭ «بىردە ئېشىپ كېتىش، ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى كەمتۈكلۈكلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش-ئۆستۈرۈشنى نىشان، كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «ئالتە دەل جايىدا بولۇش»، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ «يەتتە بىر تۈركۈم، ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش» ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ «12 چوڭ قۇرۇلۇش، 10 ئومۇميۈزلۈك قاپلاش»قا توغرىلىنىپ، كەم تۈرلەرنى تولۇقلاشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. كەنت خىزمەت لايىھەسىدە كەنت دەرىجىلىكنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە كۆزىتىلىدىغان ئائىلە قاتارلىق ئوبيېكتلار ئىچىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بارلار، يېزا-كەنت كەسىپ تىرىكى، ئىش ئورنى ئېچىش ئەھۋالىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئاساسىدا، دىققەتنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ھەممە ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە «بەشنى راۋانلاشتۇرۇش، يەتتە بولۇش»تىكى كەمتۈكلۈكلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزۈش كېرەك. «بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر»دە، ئائىلە ئەھۋالىنى پىششىق بىلىش ۋە «بىردە ئېشىپ كېتىش، ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى كەمتۈكلۈكلەر ئاساسىدا، تۈرلۈك يولغا قويۇلغان تۈرلەرگە تايىنىپ، ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە بىر ئادەمنى بىر ئىش ئورنىغا ئىگە قىلىش نىشانىنى چۆرىدەپ، ھويلا-ئاران، تۇرالغۇدىكى «ئۈچ يېڭى»، ئىرادە جەھەتتە، ئەقىل جەھەتتە يۆلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپ-خەتەر ئامىللىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ تۈزۈپ، كېسەللىك، مېيىپلىك، ئوقۇش، ئاپەت، ئۆيلىنىشتىكى ئۆزگىرىش، ئىشسىزلىق، كۈتۈلمىگەن ئەھۋال سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. «بىر ئادەمگە بىر ئىش ئورنى»بولۇشتا، ھەربىر ئادەمنىڭ ئەھۋالى، ئىشقا ئورۇنلىشىش تېخنىكا-ماھارىتى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىنى پىششىق بىلىش ئاساسىدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىغان ئائىلە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە كۆزىتىلىدىغان ئائىلە ۋە چەت، ياقىغا جايلاشقان ئائىلىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەر ۋە ئادەتتىكى ئائىلىلەر قاتارلىق ئوبيېكتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئەمگەك كۈچى بارلارنىڭ تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەممە ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەممە ئائىلىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، كىرىمنى چەكتىن ئاشۇرۇش، ھەممە ئادەمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دىققەتنى دەل جايىدا نىشانغا كۈچ سەرپ قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، نىشان يۆنىلىشى، مەسىلە يۆنىلىشى، نەتىجە يۆنىلىشىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، جايىدا ئەمەلىيلىشىش، ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىش، پۇختا ئەمەلىيلىشىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سەككىز ناھىيە، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتلەر قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى بېكىتكەن «بەش ئېنىق بولۇش»، «10 ئومۇميۈزلۈك قاپلاش»، «15نى ئېنىق بىلىش» قاتارلىق مۇھىم مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ، تەربىيەلەش داۋامىدا يېتەكچىلىك قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش داۋامىدا تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتلەردىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى لايىھەنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ھەقىقىي ئىگىلەش، لايىھەنىڭ ماھىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈش، لايىھەنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشىنى ياخشى تۇتۇش، لايىھەنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك. رەھبەرلەر باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرنى يېتەكلەپ، قاتلاممۇ قاتلام بېسىم يەتكۈزۈپ، قاتلاممۇ قاتلام خىزمەتلەرنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تەربىيەلەش بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاپ، قاتلاممۇ قاتلام تەربىيەلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەربىر قاتلامدىكى مەزمۇن ۋە ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە بالدۇر تەييارلىق قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان يىل، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش-مۇستەھكەملەش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەر ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، ھۆددىگە ئېلىش-ئالاقىلىشىش، ياردەم بېرىش-يۆلەش، ھەيدەكچىلىك قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەت، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلىپ، «قايتا قاراپ چىقىش»نى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇشنى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، چىڭ تۇتۇپ، زىممىسىگە ئېلىپ، ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە، ئاسانلىقچە مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇق دېمەي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك، قەرەلىدە ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەر ھۆددىگە ئېلىش-ئالاقىلىشىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىش خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، «تۆتنى تاشلىماسلىق»، «سەككىزنى ئۆزگەرتمەسلىك» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتلەرنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، خىزمەت مەخسۇس بەنزىسىنىڭ كونكرېت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، يېزا، كەنت ئىككى دەرىجىلىكنىڭ مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى چىڭىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ساھە، تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، تۈرلەرنى يولغا قويۇش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، نىشانلىق يار-يۆلەك بولۇش ۋە جەمئىيەت نامراتلارنى يۆلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىش ئورنى ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر سىگنال بېرىش، بالدۇر يار-يۆلەك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك .

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ۋىلايەت، ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تارماقلىرى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىققا تارتىشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك. ھەيدەكچىلىك قىلىش مۇھىم نۇقتىسىنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇچۇر نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس تۈزەشنى كۈچەيتىپ، جەڭ ۋاقتىدىكى ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، پولاتتەك ئىنتىزام، قاتتىق تەدبىر ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىن تېلېۋىزىيە-تېلېفون شەكلىدە ئېچىلدى.

پەرھات روزى، جاڭ جيەن، گاۋ جيەنجۈن، گۈلنار روزى، زاكىر زوردۇن، چېن جىجياڭ، ما جيەن، جاڭ يۈەن، سەي شىيەن، ۋېي شىنجيەن، چياۋ شياڭخۇا، ساۋ جى قاتارلىق قەشقەر ۋىلايىتى رەھبەرلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاساسىي يىغىن مەيدانى ۋە شۆبە يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشقانلاردىن يەنە نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغان سەككىز ناھىيە، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىلىرى، نامراتلارنى يۆلەش مۇئاۋىن شۇجىلىرى، نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرلىرى، ھەربىر ناھىيە، شەھەردىكى ئىككى يېزا-بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىلىرى، ئىككى كەنتنىڭ 1-شۇجىلىرى بار. شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئۇنىۋېرسال كاپالەت بىناسىنىڭ 4-قەۋەتتىكى يىغىن زالى، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغان سەككىز ناھىيە، شەھەر ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا (بازار، كوچا ئىش بېجىرىش باشقارمىسى)دا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.