باش بەت>قەشقەر

قەشقەر تاموژنىسى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېمەكلىكلىرىنىڭ دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىشىغا ياردەم بەردى

يوللانغان ۋاقىت:2020-04-19 12:30:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:پاتىمە مىجىت مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى

مۇخبىرىمىز مىرزائەخمەت ئابلىكىم، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چېن گوۋېن خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 11-كۈنى، قەشقەر تاموژنىسى يەرلىك كارخانىلارنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېمەكلىكلىرىنى قازاقىستانغا ئوڭۇشلۇق ئېكسپورت قىلىشىغا ياردەم بەردى. بۇ ماللارنى نەندا يېڭى يېزا ئىگىلىكى پاي چەكلىك شىركىتى قارىمىقىدىكى قەشقەر «مەيفۇدۈن» يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، ئاساسلىقى شىنجاڭ نېنى، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە تەملىك ليېباسى، شىنجاڭنىڭ قارا بۇغداي ليېباسىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە 75 مىڭ 280 يۈەن قىممىتىدىكى 1710 كىلوگىرام ئىغىرلىقىتىكى 10 مىڭ 160 دانە مەھسۇلاتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ تۈركۈمدىكى ماللارنى ئېكسپورت قىلىشتا ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر بولغاچقا، ماللارنىڭ تاموژنىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قەشقەر تاموژنىسى 1-ۋاقىتتا كارخانىنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ نۇقتىدىن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، كارخانىنىڭ مال تاپشۇرۇۋالغۇچىلارنى ئەنگە ئالدۇرۇش، ئېكسپورت يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى ئەنگە ئالدۇرۇش، پىريوم-كارانتىن ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش، ئېلېكتىرونلۇق ھېسابات نومۇرىنى ئىمزا قويۇپ يوللاش قاتارلىق تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشىگە ياردەم بەردى.

قەشقەر «مەيفۇدۈن» يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى مەمۇرىيەت-كادىرلار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گاۋ يۈخۇا مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېمەكلىكى بولغان ناننىڭ ئېكسپورت قىلىنىشى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىستېمال بازىرىنى ئاچتى، كېيىنكى قەدەمدە، نەندا يېڭى يېزا ئىگىلىكى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە يېمەكلىكلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بازىرىدىكى نىسبىتىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، تىرىشىپ ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك بازارلارغا يۈرۈش قىلىشنى تەرەققىيات نىشانى قىلىدۇ».

بۇنىڭدىن باشقا، قەشقەر تاموژنىسى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، تاموژنا باش مەھكىمىسى ۋە ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇپ، تاشقى سودىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى توردا بېجىرىشنى يولغا قويۇپ، «ئاز ئۇچرىشىش، ئۇچراشماسلىق»تەك كەسىپ بېجىرىش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنى «بىرلا كۆزنەك» ۋە «ئالاقە تورى+تاموژنا» سۇپىسى ئارقىلىق ئىمپورت-ئېكسپورت ماللىرىنى مەلۇم قىلىش، ئەسلىي ئىشلەپچىقارغان جاينى تەكشۈرۈش قاتارلىق كەسىپلەرنى بېجىرىشكە يېتەكلەپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى نۇقتىلىق كارخانىلارغا قارىتا «بىرگە بىر» ياردەم بېرىش-يۆلەش مېخانىزمىنى ئورناتتى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، قەشقەر تاموژنىسى يەنە تەۋەلىكىدىكى كارخانىلارغا «ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە تەكشۈرۈش سوئال قەغىزى» تارقىتىپ، 12360 تاموژنا قىزىق لىنىيەسى، ئۈندىدار سۇپىسى ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالاقىدار مەسىلە ۋە پىكىرلىرىگە جاۋاب بېرىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش كەسپى بويىچە 42 قېتىم مەسلىھەت بەردى.