باش بەت>قەشقەر

قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئالىي مەكتەپلەر كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە قايتىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2020-04-19 13:13:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:پاتىمە مىجىت مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى

قەشقەر داشۆ 2020-يىلى ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش باشلاپ دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىنكى بىرىنچى سائەتلىك دەرسنى باشلىدى

مۇخبىرىمىز مىرزائەخمەت ئابلىكىم، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز باسا تېگىس خەۋىرى: «ساۋاقداشلار ياخشىمۇسىلەر، مەكتەپكە قايتىپ كەلگەنلىكىڭلارنى قارشى ئالىمىز! ئارىلىق ساقلاڭلار...» 4-ئاينىڭ 14-كۈنى، قەشقەر داشۆدىكى خىزمەتچى خادىملار ۋە پىدائىيلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مەكتەپكە قايتقان ئوقۇغۇچىلار تەرتىپلىك ھالدا ئۆچرەتتە تۇرۇپ، تەرتىپ بويىچە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىتىپ، قولىنى دېزىنفېكسىيەلەپ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، تىزىمغا ئالدۇرۇش نۇقتىسىغا بېرىپ ئىككىلىك كودنى سكاننېرلاپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ، 2-قېتىم بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىتىپ، قولىنى دېزىنفېكسىيەلىگەندىن كېيىن ياتاقلىرىغا كىردى.

قەشقەر داشۆ «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»نى مەكتەپنىڭ ئوقۇش باشلاشتا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى 1-ۋەزىپىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەكتەپتىكى «يۇقۇم ئەھۋالى نۆل بولۇش»نى يادرولۇق ئۆلچەم قىلىپ، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تۈركۈمگە بۆلۈپ، ئۇچراشتۇرماي، ۋاقىتنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، مەكتەپكە تەرتىپلىك قايتىشقا تەشكىللىدى ھەمدە خىزمەتچى خادىملارنى ھەر كۈنى مەكتەپ مۇھىتىنى ئۈزۈل-كېسىل تازىلاش، جىسىملارنىڭ سىرتقى يۈزىنى ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك دېزىنفېكسىيەلەش، بولۇپمۇ سىنىپ، ئاشخانا، ياتاق، ئۈستەل-ئورۇندۇق، ئاممىۋى ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى، ئىشىك تۇتقۇچى، ھاجەتخانا، ئەخلەت ساندۇقى قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇن (رايون)لارنىڭ مۇھىت تازىلىقىغا قارىتا دېزىنفېكسىيەلەش ۋە تۈزەش بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشقا ئورۇنلاشتۇردى، شۇنداقلا مەخسۇس خىراجەت ئاجرىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە تولۇق كاپالەتلىك قىلىپ، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق ماسكا، تېمپېراتۇرا ئۆلچىگۈچ، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان تاماق قاچىسى قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى زاپاس تەييارلىدى.

قەشقەر داشۆ خىمىيە ۋە مۇھىت ئىلمى شۆيۈەنىنىڭ 2018-يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىسى سۈن سۇڭ مۇنداق دېدى: «مەن سەھەر سائەت  3تە پويىز ۋوگزالىدىن چىققاندا، مەكتەپنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، شۇنچە كەچ بولۇپ كەتسىمۇ، ئۇلار يەنىلا مېنى ساقلاپ تۇرۇپ مەكتەپكە ئېلىپ كەلدى، مەكتەپ يەنە ماڭا ئەتىر سوپۇن، ئىسپىرتلىق ھۆل قەغەز، قولياغلىق، ماسكا قاتارلىق بۇيۇملار قاچىلانغان ‹ئىللىقلىق يەتكۈزۈش سومكىسى› سوۋغا قىلدى، ئادەتتە ئوقۇتقۇچىلارمۇ دائىم مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ، ماڭا كۆڭۈل بۆلۈپ ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى». 4-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ، قەشقەر داشۆ مەخسۇس ئادەم، مەخسۇس ئاپتوموبىل ئورۇنلاشتۇرۇپ، پويىز، ئايروپىلان، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس قاتارلىق قاتناش قوراللىرى ئارقىلىق مەكتەپكە قايتقان ئوقۇغۇچىلارنى بىرتۇتاش كۈتۈۋالدى.

قەشقەر داشۆ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مەكتەپ پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى جاۋ بىن مۇنداق دېدى: «قەشقەر داشۆ پارتىيە كومىتېتى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە قايتقان مەزگىلدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىدى، شۇنداقلا قەشقەر ۋىلايەتلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن بىرلەشمە خىزمەت مەخسۇس بەنزىسى قۇرۇپ، ئىش تەقسىملەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە قايتىشىغا تەييارلىق كۆرۈش، ماددىي ئەشيا تەييارلاش، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە قايتىشىنىڭ بىخەتەر، تەكشى، مۇقىم، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ۋىلايىتىمىزدىكى يەنە بىر ئالىي مەكتەپ بولغان قەشقەر كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى 4-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ تۈركۈمگە بۆلۈپ ئۇچراشتۇرماسلىق شەكلىدە ئارقا-ئارقىدىن ئوقۇش باشلاپ دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈردى، قەشقەر كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش باشلىشىغا ئالاقىدار تەلەپلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، پۈتۈن مەكتەپتىكى 10 مىڭ 43 نەپەر ئوقۇغۇچىنى تۈركۈمگە، ۋاقىت بۆلىكىگە، يىللىقلارغا ئايرىپ مەكتەپكە قايتۇرۇپ كېلىپ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرمۇبىر ئالاقىلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىل مەزگىلىدىكى بارغان-تۇرغان يېرى، ھەرىكىتى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەشنى ئىشقا ئاشۇردى.

 نۆۋەتتە، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، ماسكا، تېمپېراتۇرا ئۆلچىگۈچ قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش زاپاس ماددىي ئەشيالىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلىيلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەمەلىيلىشىش، مەكتەپ بىخەتەر بولۇش، ئوقۇتۇش تەرتىپلىك بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىندى.

«قەدىرلىك ساۋاقداشلار، بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئارقىلىق، مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش ‹چولپانلارنى قوغلىشىش›قا باشلىدىم. مېنىڭ قوغلاشقىنىم بولسا مەملىكەت بويىچە كۆزنى ئەڭ قاماشتۇرىدىغان چولپان، ۋىرۇس بىلەن بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلغان 84 ياشلىق ئاكادېمىك جۇڭ نەنشەن؛ مېنىڭ قوغلاشقىنىم بولسا ‹باتۇر ئاكادېمىك لى لەنجۈەن›، ئۇ 73 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ يەنىلا ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىگە ئاتلاندى...» 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، قەشقەر داشۆ 2020-يىلى ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش باشلاپ دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىنكى بىرىنچى سائەتلىك دەرسنى باشلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر، قەشقەر داشۆ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۆ جىخەي سىن شەكلىدە ئوقۇغۇچىلارغا ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى قىلىپ، مەكتەپكە قايتقان بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش باشلىغاندىن كېيىنكى ھەم نادىر، ھەم ئەھمىيەتلىك بولغان بىرىنچى سائەتلىك دەرسنى ئۆتتى.

شۆ جىخەي ئوقۇغۇچىلارنى ئەڭ كۈچلۈك ھەرىكىتى ئارقىلىق قەشقەر داشۆدىكىلەرنىڭ بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، قەشقەر داشۆدىكىلەرنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى ئورتاق مۇجەسسەملەپ، قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ يۇقۇم بىلەن جەڭ قىلىپ، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

بۇ كېچىككەن «ئوقۇش باشلىغاندىن كېيىنكى بىرىنچى سائەتلىك دەرس» ئوقۇغۇچىلارنى چوڭقۇر خىياللارغا چۆمدۈردى، ئۇلار بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: بىز چوڭ ۋەزىيەتكە بويسۇنۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرغان قەھرىمانلارنى ئۈلگە قىلىپ، كۆڭلىمىزگە ئۇلۇغۋار ئىرادە پۈكۈپ، غايىمىزنى مۇستەھكەملەپ، ئۆز تەقدىرىمىزنى ۋەتەننىڭ ئىستىقبالى بىلەن باغلاپ، ئۆز كۈرىشىمىزنى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ كۈرەش دولقۇنىغا سىڭدۈرۈپ، قىيىنچىلىق، خەۋپ-خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ، كىشىلىك تۇرمۇش غايىمىزنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرىمىز.

ئىگىلىنىشىچە، قەشقەر داشۆ ئوقۇش باشلاپ دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەشۋىقات - تەربىيەسىنى توردا ۋە تور سىرتىدا ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش شەكلىنى قوللىنىپ، رەھبەرلەر ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى قىلىش، «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇش سىن فىلىمى كۆرۈش، مۇزاكىرە قىلىشقا تەشكىللەش، مەخسۇس لېكسىيە سۆزلەش ۋە تالىشىپ جاۋاب بېرىش قاتارلىق ھالقىلارنى تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە قايتقان مەزگىلدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلىك جاۋاب بېرىپ ۋە ئۇنى ھەل قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ئۇلارنى جۇڭگونىڭ بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جەريانىدىكى ئىپادىسى ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە جۇڭگو روھى، جۇڭگو ئۈنۈمىنىڭ ئىپادىسىنى تونۇپ يېتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى يەنىمۇ چىڭىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان.