باش بەت>قەشقەر

قەشقەر ۋىلايىتىدە ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار تەشۋىقاتى پائالىيىتى سىجىل، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى

يوللانغان ۋاقىت:2020-04-29 11:34:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:پاتىمە مىجىت مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى


مۇخبىرىمىز چېن جاۋلىن خەۋىرى: بۇ يىل 4-ئاي ئاپتونوم رايوننىڭ 17-قېتىملىق ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار تەشۋىقاتى ئېيى. يېقىندا، مۇخبىرنىڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدلىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتى ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار تەشۋىقاتى ئېيىدا بىر قاتار پائالىيەتلەرنى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈن ۋىلايەتتە قانۇننى بىلىش، قانۇننى چۈشىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇندىن پايدىلىنىشنىڭ قويۇق كەيپىياتىنى ياراتقان.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، يەكەن ناھىيەلىك ناھىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى باشلامچىلىق بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكى، تەپتىش، سوت قاتارلىق كۆپلىگەن ئىدارىلەرنى پۈتۈن ناھىيە تەۋەسىدە «ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش» باش تېمىسىدا قانۇن ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى، ئالاقىدار ئورۇنلار لوزۇنكا ئېسىش، قانۇنچىللىق مەزمۇنىدىكى سۈرەتلەرنى چاپلاش، تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى تارقىتىش، نەق مەيداندا مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكى، تور بىخەتەرلىكى، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قاتارلىقلارغا ئالاقىدار قانۇن - بەلگىلىمە بىلىملىرىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، تەشۋىقات پائالىيىتى داۋامىدا، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەر خەلق ئاممىسى تەقەززا بولۇۋاتقان، ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان ئىشلارنى چىقىش قىلىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قاراتمىلىقلىقى كۈچلۈك، شەكلى جانلىق، قولاي، خەلق ئاممىسى ياقتۇرىدىغان شەكىللەردە قانۇن تەشۋىقاتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق ھالدا ئاساسىي قانۇننىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تەشۋىق قىلىپ، كەڭ ئاممىنىڭ قانۇنچىللىق كۆز قارىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق مەدەنىيىتىنى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭدۈرگەن، شۇنداقلا ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى ئاكتىپ قوغداش ھەمدە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتىگە قاتنىشىش بويىچە تەربىيەلەپ ۋە ئۇلارنى يېتەكلەپ، ياخشى بولغان تەشۋىقات ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرگەن.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاقىدار تارماقلار يەنە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ قانۇنچىللىق ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، مۇھىت ئاسراش، زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ھەل قىلىش، ئىستېمالدا ھوقۇقنى قوغداش، ئۆيلىنىش، ئائىلە، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى ھەمدە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى توغرا بولغان كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، قانۇنچىل قەشقەر قۇرۇپ چىقىشقا پۇختا ئاساس سالدى.