باش بەت>قەشقەر

قەشقەر ۋىلايىتىدە 2020-يىللىق يېشىل خەتكۈچ يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى

يوللانغان ۋاقىت:2020-04-30 12:48:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:پاتىمە مىجىت مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى

مۇخبىرىمىز چېن جاۋلىن خەۋىرى: يېقىندا، قەشقەر ۋىلايەتلىك «شەھۋانىيلىققا، قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» خىزمىتى ئىشخانىسى كۆپلىگەن تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ «شەھۋانىيلىققا، قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش . مايسا ئاسراش 2020» يېشىل خەتكۈچ يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى باشلاپ، «مايسا ئاسراش»، «مايسا يېتىشتۈرۈش»نى كۆپ تەرەپلىمە يولغا قويۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئوزۇقى بىلەن تەمىنلەپ، بالىلارنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشكە يېتەكلىدى.

پائالىيەت داۋامىدا، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلىك «شەھۋانىيلىققا، قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» خىزمىتى ئىشخانىلىرى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، مەكتەپ ئەتراپىدىكى نەشر بۇيۇملىرى بازىرىغا بولغان قانۇن ئىجرا قىلىش، تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، مەكتەپ ئەتراپىدىكى ئوقۇش قوراللىرى دۇكىنى، ئويۇنچۇق دۇكىنى، زىبۇ-زىننەت دۇكىنى، نەشر بۇيۇملىرى تىجارىتى سورۇنى قاتارلىق جايلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، تۈرلۈك قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ تىجارەت قىلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، قاتتىق زەربە بېرىپ، مەكتەپ ئەتراپىدىكى مەدەنىيەت بازارلىرىنىڭ مۇھىتىنى يەنىمۇ ساپلاشتۇردى. ئوقۇغۇچىلارنى قانۇنسىز نەشر قىلىنغان كىتابلارنى ئاڭلىق چەكلەپ، قاتىللىق، زوراۋانلىق، فېئوداللىق، خۇراپاتلىق، شەھۋانىيلىق مەزمۇنلىرىدىكى زىيانلىق نەشر بۇيۇملىرى ۋە ئۈن-سىن بۇيۇملىرىدىن يىراق تۇرۇشقا، يېشىل خەتكۈچكە ئەھمىيەت بېرىپ، «كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرۈش، ياخشى كىتاب ئوقۇش، كىتاب ئوقۇشقا ماھىر بولۇش»تەك ياخشى ئوقۇش ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ساغلام مەدەنىيەت بىلەن گۈزەل قەلبنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، مەدەنىيەتلىك، بىلىملىك يېڭى دەۋر ياشلىرىدىن بولۇش ئۈچۈن تىرىشىشقا چاقىرىق قىلدى؛ يېشىل خەتكۈچنى مەكتەپ، مەھەللە، يېزا-كەنت، قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى، كىتابخانا، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، تور پونكىتلىرىغا كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت يەتتە باش تېمىغا ئاساسەن، شەكلى ھەر خىل بولغان تەشۋىقات، تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، قانۇن بىلىملىرى تەشۋىقاتى، مۇنەۋۋەر ئوقۇشلۇقلارنى تەۋسىيە قىلىش، يېشىل خەتكۈچ ئەۋەتىش ۋە يېشىل خەتكۈچ پائالىيىتى توغرىسىدىكى ئېلان قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، يېشىل ئوقۇشلۇقلارنى ئوقۇش، مەدەنىي تورغا چىقىش ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىپ، «مايسا ئاسراش»، «يېشىل خەتكۈچ ھەرىكىتى»نىڭ باش مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، «يېشىل خەتكۈچ ھەرىكىتى» ئىدىيەسىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئارقىلىق جەمئىيەت، مەكتەپ، ئائىلىنىڭ ماس، بىردەك بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، «مايسا ئاسراش» ھەرىكىتىنىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ئومۇمىي خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئومۇمىي خەلق قاتنىشىدىغان جەمئىيەت كەيپىياتى ياراتتى.

ئىگىلىنىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېشىل خەتكۈچ يۈرۈشلۈك پائالىيىتىدە ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەردىكى مەكتەپ ۋە ئوقۇغۇچىلارغا 40 مىڭ يۈرۈش پائالىيەت تەشۋىقات ئېلانى، 400 مىڭ پارچە يېشىل خەتكۈچ تارقىتىلغان ھەمدە نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان تۆت ناھىيەدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا سومكا، تاپشۇرۇق دەپتىرى، قەلەم قاتارلىق ئوقۇش قوراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېشىل خەتكۈچ بەلگىسى بار ئوقۇش بۇيۇملىرىدىن 3600 يۈرۈش تارقىتىلغان.