باش بەت>قەشقەر

قەشقەر ۋىلايىتى پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنى تارقىتىشنى پائال ياخشى ئىشلىدى

يوللانغان ۋاقىت:2020-12-22 12:34:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئارزۇگۈل مۆمىن مەسئۇل مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرېھىم

«شىنجاڭ گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خەن چىنيەن خەۋەر قىلىدۇ: «پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلى ھەم پارتىيەنىڭ ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر بازىسى، ھەم بىلىم تارقىتىش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىشتىكى ئىدىيەۋى قورال.» 12-ئاينىڭ 20-كۈنى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى چياۋ شياڭخۇا يەنە بىر قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنى تارقىتىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇشى، پۇختا تۇتۇشى، ياخشى تۇتۇشى كېرەك.

11-ئاينىڭ 19-كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتى 2021-يىللىق پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنى تارقىتىش خىزمىتى سىن يىغىنى ئاچقاندىن كېيىن، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، مەركەز، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىغا مۇشتەرى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، 2021-يىللىق نۇقتىلىق پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنى تارقىتىش سانىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ئېشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«12-ئاينىڭ 20-كۈنىگە قەدەر، قەشقەر ۋىلايىتى ‹شىنجاڭ گېزىتى›گە 24 مىڭ 514 پارچە مۇشتەرى قوبۇل قىلىشنى تاماملىدى، بۇ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 980 پارچە كۆپەيدى؛ ‹بۈگۈنكى شىنجاڭ› ژۇرنىلىغا 16 مىڭ 117 پارچە مۇشتەرى قوبۇل قىلىشنى تاماملىدى، بۇ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 229 پارچە كۆپەيدى.» جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قەشقەر ۋىلايەتلىك شۆبە شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى شيا فېيجۈن مۇنداق دېدى: «خەلق گېزىتى» قاتارلىقلارغا مۇشتەرى بولۇش سانى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئاشتى.

پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنى تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنى كارخانىلارغا، مەھەللىلەرگە، دۇكانلارغا كىرگۈزۈپ، پارتىيەنىڭ ئاۋازىنى ھەربىر بۇلۇڭ-پۇچقاققىچە ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەردىكى پوچتا كارخانىلىرىنىڭ «بىرىنچى قول رەھبەر»لىرى پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنى تارقىتىش خىزمىتىدىكى «بىرىنچى مەسئۇل كىشى» بولۇش سۈپىتىدە، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنى تارقىتىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى پوچتا شىركەتلىرى پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات تارماقلىرىغا پائال ماسلىشىپ، پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىغا مۇشتەرى قوبۇل قىلىش سۈرئىتىنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ، زاكاز قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق زاكاز قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ قوبۇل قىلىنغان مۇشتەرى سانلىق مەلۇماتلىرىنى قېزىش ۋە تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، تارقىتىشتىكى ئاجىز نۇقتىلار ۋە بوشلۇقنى تېپىپ چىقىپ، پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات تارماقلىرى، گېزىت-ژۇرنال نەشرىياتلىرى بىلەن بىرلىكتە تارقىتىش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، مۇشتەرى قوبۇل قىلىش تەشۋىقاتىنى قاراتمىلىق ھالدا قانات يايدۇردى؛ پوچتىنىڭ تور ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تارقىتىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، توردا مۇشتەرى بولۇش (جۇڭگو پوچتىسى گېزىت-ژۇرنالغا مۇشتەرى بولۇش تور بېكىتى، يان تېلېفون مىكرو پوچتا ئىدارىسى، جۇڭگو پوچتىسى ئوقۇش تورى قاتارلىق توردىكى يوللار)نى كېڭەيتىپ، كەڭ ئابۇنىچىلارنى قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان گېزىت-ژۇرنالغا مۇشتەرى بولۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلىنى تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى يەنە «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» سۇپىسى ۋە «ئانار بۇلۇت» تېرمىنالىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كىرگۈزۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كىرگۈزۈش، ئۆگىنىشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئۆگىنىشكە تىرىشتى.

شىنجاڭ پارتىيە تاراتقۇسىنىڭ بىرىنچى تېرمىنالى بولۇش سۈپىتى بىلەن «ئانار بۇلۇت» تېرمىنالى ئاپتونوم رايوننىڭ نوپۇزلۇق ئۇچۇرلىرىنىڭ بىرىنچى ئېلان قىلىش سۇپىسى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ مۇھىم كىرىش ئېغىزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. «‹ئانار بۇلۇت› تېرمىنالى بىزنىڭ پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئۆگىنىپ، سىياسىي نەزەرىيە ساپايىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىزدىكى مۇھىم ۋاسىتە.» قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى جاڭ لى مۇنداق دېدى: قەشقەر ۋىلايىتى «ئانار بۇلۇت» تېرمىنالىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئىشلىتىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، قاپلاش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ.