باش بەت>نۆل ئارىلىق

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» ھەققىدە چۈشەنچە

يوللانغان ۋاقىت:2017-04-25 19:16:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت


ئەسەبىيلىكنى توسۇش ۋە يوقىتىش، ئەسەبىيلىكنىڭ زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28-يىغىنىدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹نىزام› دېيىلىدۇ) ماقۇللاندى، 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. تۆۋەندە بۇ «نىزام»نىڭ جەۋھەر مەزمۇنلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق: 

1. ئەسەبىيلىك، ئەسەبىزم دېگەن نېمە؟

ئەسەبىيلىك ــ ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش، چېكىدىن ئاشقان دىنىي ئىدىيە-قاراشنى تەرغىب قىلىش، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشقا توسقۇنلۇق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئارىلىشىۋېلىشتەك سۆز ۋە ھەرىكەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.

ئەسەبىزم ــ ئەسەبىي دىنىي ئەقىدىلەرنى بۇرمىلاش ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئۆچمەنلىك قىلىش، كەمسىتىشكە قۇترىتىش، زوراۋانلىقنى تەرغىب قىلىش قاتارلىق تەشەببۇس ۋە قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 

2. ئەسەبىيلىكنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى: 

  ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىش، تارقىتىش؛

باشقىلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئارىلىشىۋېلىش، باشقىلارنى دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىشقا مەجبۇرلاش، باشقىلارنى دىنىي سورۇنغا، دىنىي خادىملارغا پۇل-مال بېرىشكە ياكى ئەمگەك قىلىپ بېرىشكە مەجبۇرلاش؛

باشقىلارنىڭ توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم، مىراس ۋارىسلىقى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىش؛

باشقىلارنىڭ باشقا مىللەت ياكى باشقا ئېتىقادتىكى كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشى، بىللە ياشىشىغا ئارىلىشىۋېلىش، باشقا مىللەتلەرنى ياكى باشقا ئېتىقادتىكى كىشىلەرنى تۇرۇشلۇق جايىدىن ھەيدەش؛

مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە دەخلى يەتكۈزۈش، رادىيو-تېلېۋىزىيە قاتارلىق جامائەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى چەتكە قېقىش، رەت قىلىش؛

مۇسۇلمانچە دېگەن ئۇقۇمنى مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ساھەسىدىن باشقا ساھەلەرگە كېڭەيتىۋېتىش، مۇسۇلمانچە ئەمەس دېگەن نام بىلەن باشقىلارنىڭ زامانغا لايىق تۇرمۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ۋە ئارىلىشىۋېلىش؛

نىقابلىق كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىۋېلىش، ئەسەبىيلىك بەلگىلىرىنى تاقىۋېلىش ياكى باشقىلارنى شۇنداق قىلىشقا زورلاش؛

بىنورمال ساقال-بۇرۇت قويۇش، ئىسىم قويۇش ئارقىلىق دىنىي تەلۋىلىكنى تەرغىب قىلىش؛

قانۇن رەسمىيىتى ئۆتىمەي تۇرۇپ، دىنىي ئۇسۇلدا توي قىلىش ياكى ئاجرىشىش؛

پەرزەنتلىرىنىڭ خەلق مائارىپىدا تەربىيەلىنىشىگە يول قويماي، دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا توسقۇنلۇق قىلىش؛

باشقىلارنى قورقۇتۇپ ۋە ئازدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىش، كىملىك، نوپۇس دەپتىرى قاتارلىق دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن گۇۋاھنامىلەرنى شۇنىڭدەك خەلق پۇلىنى قەستەن نابۇت قىلىۋېتىش؛

جامائەتنىڭ ۋە شەخسنىڭ پۇل-مېلىنى قەستەن نابۇت قىلىۋېتىش ۋە ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش؛

ئەسەبىيلىك مەزمۇنى بار ماقالە، نەشر بۇيۇمى، ئۈن-سىن بۇيۇمىنى نەشر قىلىش، بېسىش، تارقىتىش، سېتىش، ئىشلەش، چۈشۈرۈش، ساقلاش، كۆپەيتىش، كۆرۈش، كۆچۈرۈش ۋە ئىلكىدە تۇتۇش؛

پىلانلىق پەرزەنت كۆرۈش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا قەستەن ئارىلىشىۋېلىش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش؛

باشقا ئەسەبىي سۆز-ھەرىكەتلەر.

3. تۆۋەندىكى تارماقلار ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدۇ: 

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ج خ، خەلق ئىشلىرى، مائارىپ، ئاخبارات-نەشرىيات، ئەدلىيە، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، ئىقتىساد-ئۇچۇرلاشتۇرۇش، مىللەتلەر خىزمىتى، دىن خىزمىتى، مەدەنىيەت، تېلېگراف، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، سەھىيە ۋە پىلانلىق پەرزەنت كۆرۈش كومىتېتى مۇناسىپ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛

كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئاياللار بىرلەشمىسى، دىنىي تەشكىلاتلار، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى، ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ، ئىلمىي جەمئىيەتلەر، كارخانىلار مۇناسىپ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

4. بىر ئاددىي پۇقرا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەر بىرىمىز مۇشۇنداق قىلىشىمىز كېرەك:


ئەسەبىيلىكنى ئاڭلىق ھالدا توسۇپ ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ، ئەسەبىي سۆز-ھەرىكەتلەرنى مەلۇم قىلىشىمىز، پاش قىلىشىمىز كېرەك.

قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇن ئۆگىنىش، قانۇنغا بويسۇنۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇلۇغ ۋەتەن، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو كومپارتىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالزمغا بولغان تونۇشنى تۇرغۇزۇپ، دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇن ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىزمنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەسەبىيلىكنى ئاڭلىق توسۇشىمىز ۋە ئەسەبىيلىكتىن يىراق تۇرۇشىمىز كېرەك.

ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ياخشى پەزىلىتى ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىشى، پەرزەنتلىرىگە ئىلىم-پەنگە، مەدەنىيلىككە ئىنتىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ھەققىدە تەربىيە بېرىشى كېرەك.

جامائەت سورۇنلىرىنى باشقۇرغۇچىلار، ئاممىۋى قاتناش قوراللىرى، گاراژ، ۋوگزال، ئايرودۇرۇم قاتارلىق جايلاردىكى خادىملار نىقابلىق كىيىم كىيىۋالغان ۋە ئەسەبىيلىك بەلگىلىرىنى تاقىۋالغانلارنىڭ جامائەت سورۇنلىرىغا كىرىشى ياكى ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىغا چىقىشىنى نەسىھەت قىلىپ توسۇشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

«نىزام»دا ماۋۇلار ئېنىق كۆرسىتىلدى: «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش داۋامىدا گەۋدىلىك نەتىجە-ئۈنۈم ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەر تەقدىرلىنىدۇ، مۇكاپاتلىنىدۇ.» 

5. ئەسەبىيلىك قىلمىشى قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ

ئەسەبىيلىكنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرىدە كۆرسىتىلگەن سۆز- ھەرىكەت پەيدا بولغانلاردىن قىلمىشى يېنىك بولغانلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئالاقىدار تارماق ۋە ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، تەنقىد-تەربىيە بېرىدۇ ياكى قانۇن ئىدارە قىلىش تەربىيەسى بېرىدۇ؛

قىلمىشى ئېغىرراق بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى»، شۇنىڭدەك «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى›نى يولغا قويۇش چارىسى» بويىچە جازا بېرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.