باش بەت>نۆل ئارىلىق

تۇنجى نۆۋەتلىك «قەشقەرنى تەسىرلەندۈرگەن 10 شەخس»نىڭ ئىش ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى

يوللانغان ۋاقىت:2017-08-03 11:59:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

    مۇخبىرىمىز پەن لىمىڭ خەۋىرى: تۇنجى نۆۋەتلىك «قەشقەرنى تەسىرلەندۈرگەن 10 شەخس»نىڭ ئىش ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى بىر ئايدىن كۆپرەك داۋاملىشىپ، 7- ئاينىڭ 25 - كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى.

    قەشقەر زېمىنىدا ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلگەن تەسىرلىك ھېكايىلەرنى داۋاملىق ياخشى سۆزلەش، ۋىلايەتنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «قەشقەرنى تەسىرلەندۈرگەن 10 شەخس»نىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش، ئەتراپتىكى ئىشلار ئارقىلىق ئەتراپتىكى كىشىلەرگە تەربىيە بېرىپ ۋە يېتەكلەپ، ئىجابىي كۈچ تارقىتىش ئۈچۈن، 6- ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن باشلاپ ۋىلايىتىمىزنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «قەشقەرنى تەسىرلەندۈرگەن 10 شەخس»نىڭ ئىش ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىش ئۆمىكى 12 ناھىيە (شەھەر)گە بېرىپ، ھەر دەرىجىلىك مەكتەپ، ئورگان، ئاساسىي قاتلام، مەھەللىلەردە «قەشقەرنى تەسىرلەندۈرگەن 10 شەخس»نىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلدى. ھەر قايسى تەشۋىقات نەق مەيدانىدا تەشۋىقاتچىلار «پولات مىخلىق ئالاھىدە ساقچى» ئىلشات ئوسمان، ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرى ئەركىن باقى، «مېھىر - شەپقەت دەرسخانىسى»نىڭ قۇرغۇچىسى پەن يۈليەن، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچى ليۇ جېشىن، چېگرا قوغدىغۇچىسى لاچىن باياك، قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى سادىق قوغدىغۇچى ليۇ جىجۈن، ياخشى پۇقرا تاشپولات نىزامىدىن، ۋىجدانلىق، لەۋزىدە تۇرىدىغان تاڭ خۇاجېن، ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشقان ياخشى پارتىيە ئەزاسى، ياخشى كادىر يۈسۈپ ئابلا، سادىق قەبرە قوغدىغۇچى ئەمەر ھېيت قاتارلىقلارنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرىنى ئاممىباب تىلدا چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن بايان قىلدى.

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، تەشۋىقات ئۆمىكىدىكىلەر 186 مەيدان (قېتىم) لېكسىيە سۆزلىگەن، نەق مەيداندىكى تاماشىبىن 200 مىڭدىن ئاشقان. «قەشقەرنى تەسىرلەندۈرگەن 10 شەخس» يەنە كۆپ قېتىم نەق مەيدانغا بېرىپ، تاماشىبىنلار بىلەن كۆرۈشۈپ، تەشۋىقاتنىڭ تەسىرچانلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان. يەكەن ناھىيەلىك  8- ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق  1- يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىسى دىلنۇر ئەمەر مۇنداق دېدى: تۇنجى نۆۋەتلىك «قەشقەرنى تەسىرلەندۈرگەن10 شەخس» توغرىسىدىكى تەشۋىقاتنى ئاڭلاپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈرەش نىشانىم تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. ئۈلگە يېنىمىزدىلا ئىكەن، ئىجابىي كۈچنى ھەممە جايدا ئۇچراتقىلى بولىدىكەن، مەن ئىلغار شەخسلەردىن ئۆگىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى، ۋەتەننى، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈشنىڭ نەمۇنىچىسى بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، ئۆزۈمدىن، ھازىردىن باشلاپ، سوتسىيالىزمنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىمەن.

    تەشۋىقات پائالىيىتى جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان بولۇپ، تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، نەق مەيداندىكى تەشۋىقاتتىن باشقا، تەشۋىقاتنىڭ مەزمۇنى يەنە رادىيو، چوڭ كاناي، تېلېۋىزور، گېزىت، ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ «نۆل ئارىلىق» ئۈندىدار سۇپىلىرى قاتارلىقلار ئارقىلىق تەشۋىق قىلىنىپ، تەشۋىقاتنى كۆرگەن، ئاڭلىغانلار 3 مىليون 600 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن ئاشقان.