باش بەت>نۆل ئارىلىق

قەشقەر ۋىلايىتىدىن 2 - قارار 2 - تۈركۈمدىكى دىنىي زاتلار پايتەختىمىز بېيجىڭدا ئېكسكۇرسىيە، تەكشۈرۈشتە بولدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-08-03 14:49:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر


سۈرەتتە: ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار سەددىچىن سېپىلىدا.

    مۇخبىرىمىز ئەنۋەرجان مەتنىياز خەۋىرى، فوتوسى: 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىدىن 50 نەپەر دىنىي زات خۇشال - خۇرام ھالدا بېيجىڭغا كېلىپ، قىزىل ساياھەت رايونلىرىدا ئېكسكۇرسىيە ۋە تەكشۈرۈشتە بولدى. ۋىلايەتلىك پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى  7- ئاينىڭ 31 - كۈنى قەشقەر ئايرودۇرۇمىغا چىقىپ ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ، 2017 - يىلى ۋىلايىتىمىزدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ 2- قارار 2- تۈركۈمدە ئىچكى جايلارغا ئېكسكۇرسىيە، تەكشۈرۈشكە بېرىشى ھېسابلىنىدىكەن.

    بۇيىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايەتلىك پارتكوم ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ قەشقەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى ئاكتىپ رولىنى ھەقىقىي تۈردە جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دىنىي زاتلارنى قوغداش، ئۇلارغا بولغان كۆيۈنۈشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋىلايىتىمىزدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى ئىچكى جايلارغا ئېكسكۇرسىيە، تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى. بۇ 50 نەپەر دىنىي زات ئايرىم - ئايرىم ھالدا شاڭخەي شەھىرى نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان يەكەن، پوسكام، قاغىلىق، مارالبېشى ناھىيەلىرىدىن كەلگەن بولۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، ئۇلار ئالدى بىلەن پايتەختىمىز بېيجىڭغا كېلىپ، تيەنئەنمېندە بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندىن باشقا، سەددىچىن سېپىلى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى خاتىرە سارىيى، لۇگۇچياۋ كۆۋرۈكى قاتارلىق جايلاردا ئېكسكۇرسىيە، تەكشۈرۈشتە بولدى. ئېكسكۇرسىيە، تەكشۈرۈشتە «ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، زامانىۋى پەن - تېخنىكا، تەرەققىيات نەتىجىلىرى، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت، ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش»تىن ئىبارەت بەش تېما گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە قىلىش، سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ نەزەر دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، ئۇلارغا ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ - دەريالىرى ۋە تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى زور نەتىجىلىرى ھەقىقىي تۈردە ھېس قىلدۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ مىننەتدارلىق ئېڭى، شۇنداقلا ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان تونۇشى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۆز قارىشى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى.

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ 50 نەپەر دىنىي زات يەنە 8- ئاينىڭ 3- كۈنى شاڭخەيگە بېرىپ، شاڭخەيدىكى قىزىل ساياھەت رايونلىرىدا 10 كۈنلۈك ئېكسكۇرسىيە، تەكشۈرۈشتە بولىدىكەن.

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە يەنە شەندۇڭ ئۆلكىسى، شېنجېن شەھىرى نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ناھىيە (شەھەر)لەردىكى دىنىي زاتلار تۈركۈملەر بويىچە ئىچكى جايلارغا ئېكسكۇرسىيە، تەكشۈرۈشكە بارىدىكەن. تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار «ۋەتەننى سۆيۈش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ئۈلگىلەردىن بولۇش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش» تېمىسىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىنىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا، قەشقەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئەبەدىي ئەمىنلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا پائال تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلىنىدىكەن.