باش بەت>نۆل ئارىلىق

مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-12-30 18:45:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى مەسئۇل مۇھەررىر:

شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى  لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ سۆز قىلدى

جاڭ گاۋلى، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى


مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى 12-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لىن فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-ئاينىڭ 29-كۈنى تېلېگراممىسى. مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى 12-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار» خىزمىتىدە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەر ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىنىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش مۇھىم سىياسىتى تەتقىق قىلىنىپ، 2018-يىلى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار» ئىشلىرىدىكى تارىخىي نەتىجىلىرى ۋە ئۆزگىرىشلىرىنى خۇلاسىلەپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا ئالاقىدار زور مەسىلىلەرنى چوڭقۇر شەرھلەپ، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. لى كېچياڭ سۆزىدە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپىلەرنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى. ۋاڭ ياڭ يىغىن ئاخىرلاشقاندا خۇلاسە سۆزى قىلدى.

يىغىندا مۇنداق قارالدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار» مەسىلىسىنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش قاتارىدا كۆرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار» خىزمىتىدە نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشقا جاسارەت بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدا تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئومۇميۈزلۈك يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلدى. يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈلدى، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتى راۋاجلىنىپ زورايدى، يېزىلاردىكى يېڭى ئىگىلىك، يېڭى كەسىپ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلدى. يېزا ئىسلاھاتىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، يېزا ھۆددە يېرىدە «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش»تا زور ئىلگىرىلەش بولدى، يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى، كۆممىقوناق، سېرىق پۇرچاق، پاختا قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يىغىپ ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا ماھىيەتلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. شەھەر-يېزا تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتە يېڭى قەدەم تاشلاندى، دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا نەچچە يىل شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭكىدىن تېز بولدى، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش ۋە كۈتۈنۈش تۈزۈمى جىپسىلاشتۇرۇلۇشقا باشلىدى. 80 مىليوندىن كۆپرەك يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسى شەھەر-بازار ئاھالىسىگە ئايلاندى. يېزا جامائەت مۇلازىمىتى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلدى، يېزا مائارىپى، مەدەنىيەت، سەھىيە قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىشلار تېز راۋاجلاندى، يېزىلارنىڭ سۇ، توك، يول، تەبىئىي گاز، ئۆي ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىلدى، يېزىلارنىڭ ئولتۇراق مۇھىتىنى تۈزەش ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئومۇمىي تەدبىرى يىلتىز تارتىپ ئۈنۈم بەردى، 66 مىليوندىن كۆپرەك نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. يېزا جەمئىيىتىدە يېڭىچە كەيپىيات جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، يېزىلاردا پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇقلاشتى، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولدى، پارتىيەنىڭ يېزىلاردىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى.

يىغىندا ماۋۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيە پارتىيەمىزنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار» خىزمىتىدىكى نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئېلىمىزنىڭ ئۆتكەن بەش يىلدىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار تەرەققىياتىدا تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلغان ئىلمىي نەزەرىيە، شۇنداقلا يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، يېڭى دەۋردە «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسى، بىز ئۇنى چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىز ۋە ئۆزلەشتۈرۈشىمىز ھەم يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىدە چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك. بىرىنچى، پارتىيەنىڭ يېزا خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار» تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك؛ ئىككىنچى، ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى، يېزىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ ئۈچىنچى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ تۆتىنچى، مەۋقەنى دۆلەت ئىچى كاپالىتى بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇشقا قارىتىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك؛ بەشىنچى، يېزا ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك؛ ئالتىنچى، يېشىل ئېكولوگىيەلىك يېتەكچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ يەتتىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلارنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك؛ سەككىزىنچى، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، گۈزەل، ياشاشقا باب كېلىدىغان يېزا-كەنت قۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا ماۋۇلار كۆرسىتىلدى: «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار» مەسىلىسى دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ مەسىلە. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار زامانىۋىلاشتۇرۇلمىسا، دۆلەت زامانىۋىلاشقان بولمايدۇ. يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۈچلۈك ياكى كۈچلۈك ئەمەسلىكى، يېزىلارنىڭ گۈزەل ياكى گۈزەل ئەمەسلىكى، دېھقانلارنىڭ باي ياكى باي ئەمەسلىكى مىليونلىغان دېھقاننىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى، دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيىتىنىڭ ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشىنىڭ سۈپىتىنى بەلگىلەيدۇ. بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا ئۆز قەرەلىدە يېتىش ۋە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قەدەم تاشلاشتىكى ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ ئېغىر ۋەزىپە يېزىلاردا، ئەڭ كەڭ، ئەڭ چوڭقۇر ئاساس يېزىلاردا، ئەڭ چوڭ يوشۇرۇن كۈچ ۋە ئۇزاققا داۋام قىلىدىغان كۈچ يېزىلاردا. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شۇنداقلا «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

يىغىندا ماۋۇلار كۆرسىتىلدى: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، پارتىيەمىزنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار» خىزمىتىدىكى بىر قاتار فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان مەزگىلدىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ باش تۇتقىسى. مەۋقەنى چوقۇم دۆلەت ئەھۋالى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئەھۋالىغا قارىتىپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ ئېنىق نىشان، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك دەرىجە ئاشۇرۇشىغا، يېزىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا بېسىشىغا، دېھقانلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىش كېرەك.

يىغىندا ماۋۇلار كۆرسىتىلدى: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار» خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە مۇھىم ئىش قاتارىغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ روناق تاپقان بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان بولۇش، يېزىلار مەدەنىي بولۇش، تىزگىنلەش ئۈنۈملۈك بولۇش، تۇرمۇش باياشات بولۇش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى تۈزۈلمە مېخانىزمى، سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى، سىياسىي قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مېڭىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئىستىقباللىق كەسىپكە، دېھقانچىلىقنى جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە كەسىپكە، يېزىلارنى خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان گۈزەل ماكانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

يىغىندا يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ نىشان-ۋەزىپىسى ۋە ئاساسىي پىرىنسىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ يېتىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ نىشان-ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. 2020-يىلىغا بارغاندا، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە مۇھىم ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش، تۈزۈم رامكىسى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈش؛ 2035-يىلىغا بارغاندا، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش؛ 2050-يىلىغا بارغاندا، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى قۇدرەت تاپقان بولۇش، يېزىلار گۈزەل بولۇش، دېھقانلار باي بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا پارتىيە يېزا خىزمىتىنى باشقۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېھقانلارنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنى، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى، ئىنسانلار بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتۈش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

يىغىندا ماۋۇلار تەكىتلەندى: جۇڭگوچە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مېڭىشتا، بىرىنچى، چوقۇم شەھەر-يېزا مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن تۇرغۇزۇپ، شەھەر-يېزا يۇغۇرما تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك. سانائەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى تولۇقلاش، شەھەرلەر ئارقىلىق يېزىلارنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، جامائەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى يېزىلارغا قارىتىپ، يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزىلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى ئاۋۋال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ساغلام يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ئاھالىسىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلاش، ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان، ھەممىگە نەپ يەتكۈزىدىغان، ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان، شەھەر-يېزا بىر گەۋدىلەشكەن ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدىن يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاھالىنىڭ شەھەرلەردە ئولتۇراقلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، يېڭىچە سانائەتلىشىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكى بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، شەھەرلەر بىلەن يېزىلار بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك بىرلەشكەن، ئورتاق گۈللىنىدىغان يېڭىچە سانائەت-يېزا ئىگىلىكى ۋە شەھەر-يېزا مۇناسىۋىتىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، يېزا ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى چوقۇم مۇستەھكەملەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورتاق بېيىش يولىغا مېڭىش كېرەك. يېزا يېرى كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولۇشتا، ئائىلە ئىگىلىكىنىڭ ئاساسلىق ئورنىدا، يەر ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كوللېكتىپ ئىقتىسادنى زورايتىپ، بازار ئىگىلىكىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كوللېكتىپ ئىقتىسادىي ھەرىكەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، كوللېكتىپ مال-مۈلكىنىڭ قىممىتىنىڭ ساقلىنىشى ۋە ئېشىشىغا، دېھقانلارنىڭ پايدا ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوقۇم چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى سۈپەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش يولىغا مېڭىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى سۈپەت، يېشىل مەھسۇلات ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى سۈپەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە ھوسۇلنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەشتىن سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەشكە ئۆتۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئاساسىنى پۇختىلاپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، يېزىلاردىكى 1-، 2-، 3-كەسىپلەر يۇغۇرما تەرەققىيات سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، كىچىك دېھقان ئائىلىلىرى ۋە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، «ئالاقە تورى + زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى»نى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىجادىي كۈچى، رىقابەت كۈچى ۋە ئومۇمىي ئامىللار ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، چوڭ يېزا ئىگىلىك دۆلىتىدىن كۈچلۈك يېزا ئىگىلىك دۆلىتىگە تېز ئۆتۈش كېرەك. تۆتىنچى، ئىنسانلار بىلەن تەبىئەت ئىناق، ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتا چوقۇم چىڭ تۇرۇش، يېزا-كەنتلەر يېشىل تەرەققىيات يولىغا مېڭىش كېرەك. يېشىل تەرەققىيات ئارقىلىق ئېكولوگىيەنى گۈللەندۈرۈشنى يېتەكلەپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق سىستېمىسىنى تۈزەشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، يېزىلاردىكى گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كۈچەيتىپ، بازارلاشقان، كۆپ مەنبەلەشكەن ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، پۇقرالار بېيىش بىلەن ئېكولوگىيە گۈزەللىشىشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. بەشىنچى، تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىگە چوقۇم ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا-كەنت مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش يولىغا مېڭىش كېرەك. ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالسىتىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش، يېزىلارنىڭ ئىدىيەۋى ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزىلاردىكى ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېزا ئاممىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ روھىي قىياپىتىنى ياخشىلاش، مەدەنىي كەنت ئىستىلى، ياخشى ئائىلە ئىستىلى، ئاددىي-ساددا خەلق ئىستىلى يېتىلدۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئالتىنچى، يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا چوقۇم يېڭىلىق يارىتىپ، يېزا-كەنتلەرنى ماھىرلىق بىلەن ئىدارە قىلىش يولىغا مېڭىش كېرەك. پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ھەمكارلىشىدىغان، ئاۋام قاتنىشىدىغان، قانۇن كاپالەتلىك قىلىدىغان مۇكەممەل، زامانىۋى يېزا-كەنت جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسى ئورنىتىپ، ئاپتونومىيە، قانۇن ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئىدارە قىلىش ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈلگەن يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلاملارنىڭ ئۇل خىزمىتىنى كۈچەيتىش، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، كەنت ئاھالىسى ئاپتونومىيە ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان «مىكرو چىرىكلىك»نى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ تولۇپ تاشقان ئىجتىمائىي ھاياتىي كۈچى، ئىناقلىقى ۋە تەرتىپىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يەتتىنچى، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى چوقۇم ياخشى قىلىپ، جۇڭگوچە نامراتلارنى ئازايتىش يولىغا مېڭىش كېرەك. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە ۋە ئەقلىي جەھەتتە يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى كۆزلەپ، دىققەت ۋە كۈچنى ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامرات نوپۇسنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى قوزغىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىشىش ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، تېخىمۇ مەركەزلىك قوللاپ، خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ئىنچىكە ئىشلەپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك.

يىغىندا ماۋۇلار تەكىتلەندى: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا تۈزۈلمە-مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوقۇم كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ سەپلەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سۇبيېكتلار، مۇھىم ئامىللار ۋە بازارنى جانلاندۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. يېزىلاردىكى يەر ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ھەم ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەسلىك سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2-قېتىملىق يەر ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئۇنى يەنە 30 يىل ئۇزارتىش سىياسىتىنى جىپسىلاشتۇرۇپ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆددىگە ئالغان يەرلەردە «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش» تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دېھقانلارنىڭ تاشلاندۇق ئۆيلۈك يېرى ۋە بىكار تۇرغان دېھقان ئۆيلىرىگە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يىغىۋېلىش-ساقلاش تۈزۈمى ۋە باھا شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلاردىكى «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنى چەكلەۋاتقان بارلىق نامۇۋاپىق چەكلىمە ۋە كەمسىتىشلەرنى تۈگىتىش كېرەك. پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى توپلاپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئىختىساسلىقلار تىرىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. كەسپىي دېھقان تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىپ، يېزىلاردىكى كەسپىي ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، سودا-سانائەت كاپىتالىنى يېزىلارنى گۈللەندۈرۈشكە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى زاتلارنى يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. سېلىنما ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە سېلىنما جەھەتتە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە مالىيە سېلىنمىسى ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جامائەت مالىيەسىنى «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار»غا تېخىمۇ مايىللاشتۇرۇش؛ تېرىلغۇ يەر ئىگىلەنگەن يەرلەرنى تولۇقلاشنى تەڭپۇڭ باشقۇرۇش چارىسىنى ياخشىلاش؛ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارغا ماس كېلىدىغان يېزا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا ماۋۇلار تەكىتلەندى: يېزىلارنىڭ ئىشىنى ياخشى بېجىرىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. شۇڭا پارتىيەنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار» خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيەنىڭ يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ، سىياسەت بېكىتىپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ئىرادىسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇمىيەتنى ئىگىلەپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ يېزا خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى، شەھەر بىلەن يېزىنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش تەلىپىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادىر سەپلەشتە ئالدىن ئويلىشىپ، مۇھىم ئامىللارنى سەپلەشتە ئېھتىياجنى ئاۋۋال قاندۇرۇپ، جامائەت مالىيە سېلىنمىسىغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىپ، جامائەت مۇلازىمىتىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. پارتكوم بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، پارتكوم يېزا خىزمىتى تارماقلىرى بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرىدىغان يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ يولغا قويۇش، مەركەز بىر تۇتاش پىلانلايدىغان، ئۆلكە ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولىدىغان، شەھەر، ناھىيە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان خىزمەت مېخانىزمىنى يولغا قويۇش كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ «بىرىنچى باشلىقى» بىرىنچى جاۋابكار بولۇش، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۇتۇش كېرەك. «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار» خىزمىتى كادىرلار قوشۇنىنى تەربىيەلەش، سەپلەش، باشقۇرۇش، ئىشلىتىشنى كۈچەيتىش، يېزىلاردىكى بىرىنچى سەپتە چېنىقتۇرۇشنى كادىر تەربىيەلەشنىڭ مۇھىم يولى قىلىپ، ئىختىساسلىقلار يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە يۆتكىلىدىغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى بىلىدىغان، يېزىنى، دېھقانلارنى سۆيىدىغان يېزا خىزمىتى قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش پىلانىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، بىر نەچچە زور قۇرۇلۇش، زور پىلان ۋە زور ھەرىكەتنى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي ۋەزىپە، ئۇنى ئىلمىي پىلانلاپ، سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئالدىرىماي يولغا قويۇش كېرەك. سۈرئەت قوغلىشىشقا بولمايدۇ، ئالدىراپ ھەرىكەت قوزغاشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشى بىلەن يېزا-كەنتلەر كىشىلەر ئۆز كارامىتىنى نامايان قىلىدىغان كەڭ سورۇنغا ئايلىنىپ، تېپىلغۇسىز تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە بىزدە رولنى تۇتۇپ نىشاننى بەلگىلەيدىغان باش شۇجى شى جىنپىڭ، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلىپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەيدىغان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت ۋە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، پائال قاتنىشىشى، سوتسىيالىزمنىڭ كۈچلۈك تۈزۈم ئەۋزەللىكى، مىليونلىغان دېھقاننىڭ ئىجادچانلىق روھى، كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ تىرىكى، ئۇزاق تارىخقا ئىگە تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى، ئۇرغۇپ تۇرۇۋاتقان بازار ئېھتىياجى بار. بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە ئىشەنچنى مۇستەھكەملەپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، جاپالىق ئەمەلىي ئىشلەپ، بوشاشماي تىرىشىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ھەقىقىي پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

يىغىندا پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەت يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، قىيىنچىلىقتىن قورقماي يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا چاقىرىق قىلىندى.

يىغىندا «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى (مۇھاكىمە نۇسخىسى)» مۇزاكىرە قىلىندى.

يىغىندىن ئىلگىرى شى جىنپىڭ قاتارلىقلار مەملىكەتلىك يېزا خىزمىتى يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن سىرتتىن قاتناشقان 80 نەپەر مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىكىدىكى ئەمگەك نەمۇنىچىسى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.