باش بەت>قەشقەر ساياھەتچىلىكى

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە كىرىش مۇراسىمى

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-04 13:27:00 مەنبە:تەڭرىتاغ تورى مۇھەررىر:


 

 قەشقەر قەدىمىي شەھىرى AAAAA دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالانغاندىن كېيىن، قەدىمىي شەھەرنىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قېزىپ، ساياھەتچىلەرنى مەنىۋى ئوزۇق بىلەن تەمىنلىدى.

   قەشقەر قەدىمىي شەھىرى ساياھەت مەنزىرە رايونى قۇرۇش داۋامىدا قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ ئەسلىدىكى ئالتە دەرۋازىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلدى. قەدىمىي شەھەرنىڭ شەرق دەرۋازىسى بولغان تۈشۈك دەرۋازىسى شەھەر سېپىلى شەكلىدە ئۆزگەرتىلىپ، بۇ دەرۋازىنى ساياھەتچلەر قەدىمىي شەھەرگە كىرىدىغان ئاساسلىق كىرىش ئېغىزى قىلىپ مەخسۇس شەھەرگە كىرىش مۇراسىمى تەشكىللەندى، شەھەرگە كىرىش مۇراسىمى ئالدى بىلەن كۈتكۈچى بەگ سىياقىدا ياسانغان يىگىت مېھمانلارغا سالام بېرىپ، مېھمانلارنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى سوراپ، شەھەر سېپىلى تەرەپكە قاراپ مېھمان كەلگەنلىكىنى يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاپ مەلۇم قىلىدۇ. بۇ چاغدا قەدىمىي دەۋردىكى ياساۋۇل سىياقىدا ياسانغان سەككىز كىشى تەكشى قەدەم بىلەن چىقىپ كىرىش ئېغىزى ئىككى تەرىپىدە رەتلىك تىزىلىپ تۇرىدۇ. ئارقىدىنلا ۋايىز(مەدداھ) چىقىپ قەدىمىي شەھەر قەشقەر ھەققىدە رىۋايەت سۆزلەيدۇ. بۇ ئارىلىقتا قەشقەردە ياشاپ ئۆتكەن تارىخىي شەخسلەر رولىنى ئالغان ئارتىس ۋە خەلق سەنئەتكارلىرى ئەزىز مېھمانلارنىڭ ئالدىغا چىقىدۇ. ۋايىز داڭلىق شەخسلەرنى بىر – بىرلەپ تونۇشتۇرۇش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ تارىخىي تۆھپىسىنى تونۇشتۇرىدۇ. ئاخىرىدا نەسىردىن ئەپەندى مېھمانلارنى شەھەرگە باشلاپ كىرىدۇ.

   بۇ مۇراسىم قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە كەلگەن ساياھەت ئۆمەكلىرى ئۇچۇن ياز پەسلىدە ھەركۇنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ يىل 1 – ئاپرىلدىن باشلاپ ھەر كۇنى ئەتىگەندە ئۆتكۈزۈلۈپ، ساياھەتچىلەرنى قەدىمىي شەھەرنى ساياھەت قىلدۇرۇشتىكى ئەڭ جەلپكار نۇقتىغا ئايلاندى.