باش بەت>قەشقەر ساياھەتچىلىكى

يەكەن ناھىيەسى مۇقام ۋارىسلىرى ۋە ئەلنەغمىچىلەرنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-06 15:14:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:

 

نۇردۇن ئابدۇسەمەت خەۋىرى، فوتوسى: يەكەن ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ناھىيەنىڭ «ئون ئىككى مۇقام يۇرتى» بولۇشتەك مەدەنىيەت ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ناھىيەدىكى مۇقام ۋارىسلىرى، ئەلنەغمىچىلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى ۋە غەمخورلۇق قىلدى.

بۇ ناھىيە «ئون ئىككى مۇقامنى ئاساس قىلغان ھالدا مەدەنىيەتتە كۈچلۈك ناھىيە بەرپا قىلىش» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئەل ئارىسىدىكى 400 دىن ئارتۇق مۇقامچى ۋە ئەلنەغمىچىگە «مۇقام ئۇستازى»، «مۇقامچى»، «مۇقام ۋارىسى» دەپ نام بەردى، 22 مۇقامچى ۋە ئەلنەغمىچىگە ئايدا 800 يۈەندىن تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىپ، ئۇلارنىڭ مۇقام ۋە خەلق مەدەنىيەت- سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئىلھام بەردى.

يەكەن ناھىيەسىدە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇقام ۋارىسى دەپ نام بېرىلگەن مۇقامچىلاردىن بەشى بار بولۇپ، ئۇلار باشچىلىقىدىكى مۇقامچىلار ۋە ئەلنەغمىچىلەر يېقىنقى يىللاردا ۋىلايەت تەشكىللىگەن مەدەنىيەت - سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتناشقاندىن سىرت، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى - سىرتىدا ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرەكلىرىگە قاتنىشىپ، شان - شەرەپكە ئېرىشتى، يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش سەنئەت كۆرەكلىرىگە قاتنىشىپ، ئاپتونوم رايون ۋە ناھىيەگە شان - شەرەپ كەلتۈردى. تۇرسۇننىياز ھوشۇر، روزى ئايۇپ قاتارلىق ئەلنەغمىچىلەر ئامېرىكا، ياپونىيە، تۈركىيە، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلاردا ئويۇن قويۇپ، ئۇيغۇر سەنئىتىنى، جۈملىدىن «ئون ئىككى مۇقام» نى دۇنياغا تونۇتۇشقا كۈچ قوشتى.

يەكەن ناھىيەسى يەنە كاچۇڭ توققۇز سەنىمىنى رەتلەش ۋە مەملىكەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا ئىلتىماس قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، 2008- يىلى كاچۇڭ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپىدە كاچۇڭ توققۇز سەنىمى ۋارىسلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپى ئېچىپ، سەنئەت ۋارىسلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا ئاساس ياراتتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى سەنئەت يۇرتىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، دېھقان رەسساملارنىڭ ئىجادىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلدۇردى. دېھقان رەسساملارنىڭ قويۇق يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر تۈركۈم رەسىملىرى ئاپتونوم رايونىمىزدا ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردە دېھقان رەسساملار ئەسەرلىرى كۆرگەزمىلىرىگە قاتناشتۇرۇلدى. كاچۇڭ يېزىسىغا 2012- يىلى ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن «دېھقان رەسساملار يۇرتى» دەپ نام بېرىلدى.

بۇ ناھىيە يۇقىرىقىدەك خىزمەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، ياخشى تەشكىللەپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ناھىيەنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، ساياھەتچىلىكنى جانلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. «ئون ئىككى مۇقام» بۇ ناھىيەنىڭ مەدەنىيەت ماركىسى، ساياھەتچىلىك كوزۇرىغا ئايلاندى.


سۈرەتتە: مۇقامچىلار مەشق قىلماقتا.