باش بەت>قەشقەر ساياھەتچىلىكى

كاشغەرىي سەيلىگاھى تۈمەنلىگەن ئاممىغا تەبىئەت ۋە مەدەنىيەت بايرىمى ئۆتكۈزۈپ بەردى

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-06 15:18:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:

 

ئابدۇشۈكۈر راشىدىن، دىلشات مەمەترىشات

 

قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلە يېزا سوغىلىق كەنتىگە ماكانلاشقان قەشقەر «تۈمەن» كەسپىي چەكلىك شىركىتى قۇرغان كاشغەرىي سەيلىگاھى «<1-ئىيۇن> خەلقئارا بالىلار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن قەشقەر شەھىرىدىكى 10مىڭغا يېقىن بالىلار - ئۆسمۈرلەر شۇنداقلا ھەر ساھە ئاممىغا  تەبىئەت ۋە مەدەنىيەت بايرىمى ئۆتكۈزۈپ بەردى.

 6-ئاينىڭ 1-كۈنى قەشقەر شەھىرىدىكى ھەرقايسى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن كەلگەن 10 مىڭغا يېقىن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ۋە ئامما بۇ سەيلىگاھقا جەم بولۇپ، گىلاس قاتارلىق مېۋىلەرگە ئېغىز تەگدى، رەڭگارەڭ گۈللەر سايە تاشلاپ تۇرغان مەنزىرە دەرەخلىرى ، تۈرلۈك قۇشلار، چارۋا ماللار ۋە كەڭ كەتكەن  تەبىئەت مەنزىرىسى،  مىللىيچە ۋە ياۋروپاچە ئۇسلۇب بىرلەشتۈرۈلگەن قەدىمىي پاسوندىكى بىناكارلىق، مىمارچىلىق، ھويلا-ئاران ، ئۆرپ-ئادەت مۇزېيى، كۈتۈپخانا ، مەدەنىيەت سارايلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ ھۇزۇرلانغاچ، سەيلىگاھ   ئالاھىدە تەييارلىغان  ئۆزگىچە مېھىر تائاملىرىغا ئېغىز تەگدى.

قەشقەر «تۈمەن» كەسپىي چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى ئابدۇشۈكۈر ئابدۇغوپۇر ھاجىنىڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇشىچە،  بۇ شىركەت 2010-يىلى سودا-ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، سوغىلىق كەنتى ئەتراپىدىكى  قىزىل دەرياسى بويىغا جايلاشقان ، ئۇزۇندىن بۇيان تېرىلماي تاشلىنىپ قالغان 600 مودىن ئارتۇق زېمىننى ھۆددىگە ئېلىپ، بۇ يەرگە 150 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان، دەسلەپكى قەدەمدە 100مىليون يۈەن سەرپ قىلىپ يەرلەرنى سالالاشتۇرۇپ ئېكىنگە ئايلاندۇرۇپ، 1 مىليون تۈپتىن ئارتۇق ھەر خىل كۆچەتلەرنى تىكىپ، 80 نەچچە مو يەردە گىلاس، ياڭاق قاتارلىق  100خىلدىن ئارتۇق  مېۋىلىك كۆچەت تىكىلگەن باغ ئەھيا قىلىپ ، 25مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدە  سەككىز يۈرۈش مىللىيچە ۋە ياۋوپاچە بىناكارلىق، مىمارچىلىق ئۇسلۇبى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىناكارلىق مۇزېيى، ئۆرپ-ئادەت مۇزېيى، كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت سارىيى، شۇنداقلا ھويلا-ئاران، سۇ ئۈستى باغچىسى، يېمەك-ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش ، توي-تۆكۈن، سەيلە قىلىش مۇجەسسەملەنگەن بۇ سەيلىگاھنى پۈتكۈزۈپ ، بالىلار بايرىمى كۈنى كەڭ ئاممىغا  ئېچىۋەتكەن. شۇنداقلا بۇ كۈنىدىكى پائالىيەتلەرنى ھەقسىز ئورۇنلاشتۇرغان.  بۇ سەيلىگاھ بۇنىڭدىن كېيىن كەڭ ساياھەتچىلەر ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەك سودىسىدىن باشقا تۈرلەرنى ھەقسىز ئېچىۋېتىدىكەن.

بۇ شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇشۈكۈر ئابدۇغوپۇر ھاجى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ۋىلايىتىمىزنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ئىشلىرىنى يېقىندىن قوللاپ، نۇرغۇن پۇل ۋە ماددىي بۇيۇملارنى ياردەم بېرىپ كەلگەندىن باشقا، رايونىمىز ئىچى- سىرتىدىكى ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلاردىكى خەلق ئاممىسى، ئاجىزلار توپىغا سېخى قولىنى سۇنۇپ كەلگەن. يۇرتنىڭ يوللىرىنى ياساش، ئوقۇشسىز قالغانلارغا يار- يۆلەكتە بولۇش جەھەتلەردە ئىجابىي كۈچ تارقىتىپ، ئەلنىڭ قەلبىدىكى ساخاۋەتلىك كارخانىچىغا ئايلانغان.


سۈرەتتە:  ھويلا-ئاران مەدەنىيەت مۇزېيىدا  ئامما مېھىر تامىقىغا  ئېغىز تەگمەكتە


سۈرەتتە: ساخاۋەتچى ئابدۇشۈكۈر ئابدۇغوپۇر ھاجى ھەر مىللەت ئۆسمۈرلىرىگە گۈل تەقدىم قىلماقتا