باش بەت>قەشقەر ساياھەتچىلىكى

قەدىمىي شەھەردە شادلىق

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-06 15:52:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:

 

قەشقەر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «<19 - ماي> جۇڭگو ساياھەت كۈنى - قەشقەر سىزنى قارشى ئالىدۇ» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك پائالىيەتتىن خاتىرە

 ئەنۋەرجان مەتنىياز

 

«جۇڭگودىكى تارىخىي مەدەنىيەتلىك داڭلىق شەھەر» دەپ نام ئالغان، ئوخشىمىغان تارىخىي دەۋرلەرنىڭ ئەۋرىشكىسى ۋە كارتىنىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىن ئىبارەت بۇ «ئۈستى ئۈچۇق مۇزېي» 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. بۇ كۈنى ھەر مىللەت ساياھەتچىلەر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى بىلەن قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «<19 - ماي> جۇڭگو ساياھەت كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن قەشقەر شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن «قەشقەر سىزنى قارشى ئالىدۇ» باش تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك پائالىيەتكە قاتنىشىپ، قەشقەرلىكلەرنىڭ خاسلىققا ئىگە ئۆرپ - ئادەت، كىيىم - كېچەك ، يېمەك - ئىچمەك، قول ھۈنەر - سەنئەت ۋە ناخشا - ئۇسسۇل مەدەنىيىتىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىپ، قەشقەرنىڭ داڭقىنىڭ جاھانغا تارىلىشىنىڭ سەۋەبىنى ھەقىقىي ھېس قىلىشتى.

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ، بولۇپمۇ قەشقەرنىڭ ساياھەتچىلىك كەسىپ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى ساياھەت مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ جىنليۇ، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى مەمتىمىن بەكرى، قەشقەر شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى  ۋە شەھەر ئاھالىلىرى، ساياھەتچىلەردىن بولۇپ 5000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

بۇ كۈنى ھېيتگاھ مەيدانىدا ئوينالغان تۈمەن كىشىلىك مەشرەپ ئۇسسۇلى، تەشتەك بازىرىدىكى شەھەرگە كىرىش مۇراسىمى، يۇمىلاق شەھەر كۆلبېشىدىكى مېزىلىك تائاملار يەرمەنكىسى، ئارىيا كوچىسىدىكى دارۋازلىق، دوپپا - تۇماق بازىرىدىكى ئۇيغۇر باش كىيىملىرى كۆرگەزمىسى، ئۆستەڭبويى كوچىسىدىكى مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرى، ياغاچ ئويما، مىس جابدۇقلار يايمىسى، خام بازىرىدىكى تۆگە كارۋىنى پائالىيەتلىرى ساياھەتچىلەر قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلارنى قالدۇردى.

 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم خالايىق! يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت شەھەر قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن بۈگۈنكى بۇ كاتتا مۇراسىمىمىزغا ئالتە نەپەر ئەزىز مېھمانمۇ ئالاھىدە قەدەم تەشرىپ قىلدى. مانا،  1-بولۇپ مەيدانغا كىرىپ كەلگىنى - بۈيۈك ئالىم، پەيلاسوپ، «قۇتادغۇ بىلىگ» ناملىق بۈيۈك ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى يۈسۈپ خاس ھاجىپ؛ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يىتىپ كەلگىنى - دۇنياغا داڭلىق تىلشۇناس، «تۈركى تىللار دىۋانى» نىڭ مۇئەللىپى، ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي؛ ئەمدى مەيدانغا كىرىپ كەلگەن ئىككى نەپەر لاتاپەتلىك خانىمنىڭ بىرى  «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» نىڭ رەتلىگۈچىسى، خانىش، شائىرە ئاماننىساخان، يەنە بىرى  چىڭ خانىنىڭ شاھ بانۇسى ئىپارخان؛ مانا بۇ دۇبۇلغا - ساۋۇتلۇق كىشى بولسا  غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە كېلىپ، مىللەتلەرنىڭ سىڭىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشقان ئەلچى، بۈيۈك سەركەردە بەنچاۋ؛ ئەڭ ئاخىرىدا مەيدانغا كىرىپ كەلگىنى  دۇنياغا داڭلىق قىزىقچى، لەتىپىچى، چاقچاق پىرى نەسردىن ئەپەندى. ئەمدى بىز بۇ بۈيۈكلىرىمىزنىڭ ئاغزىدىن قەشقەر ھەققىدىكى يېڭى رىۋايەتلەرنى ئاڭلايمىز...

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ غەربىي دەرۋازىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «شەھەرگە كىرىش» مۇراسىمىدا شەھەرلىك ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىدىكى ئارتىسلار قەشقەر تارىخىدا ياشاپ ئۆتكەن يۇقىرىقى داڭلىق شەخسلەرنىڭ رولىنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ، پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىنى خۇددى ئەينى دەۋر مۇھىتىدا تۇرغاندەك ھېسسىياتقا كەلتۈردى.

بۇ كۈنى قەشقەر شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى، قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسى، ئاپپاق خوجا مەقبەرىسى، بەنچاۋ خاتىرە سارىيى قاتارلىق ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ بېلەت باھاسىنى %50 چۈشۈرگەندىن باشقا، قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىنى ئونىۋېرسال قوغداش خاتىرە سارىيى قاتارلىق بارلىق سەيلىگاھلارنى ئاممىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىپ ۋە 500 نەپەر ساياھەتچىگە ئائىلە ساياھەتچىلىكى ئورۇنلىرىدا ھەقسىز غىزالىنىش بېلىتى تارقىتىپ بېرىپ، قەشقەر ساياھەتچىلىكىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا بەلگىلىك ئاساس سالدى. پائالىيەت ئاخىرىدا شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىغا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى بازىسى»، «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى» دېگەن نامنى بېرىپ ۋېۋىسكا ئاستى.

قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئادىلجان ئابدۇقادىر مۇنداق دېدى:  بۈگۈنكى كۈندە، ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغاندىن كېيىنكى قەدىمىي شەھەر كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۆستى. كوچا - رەستىلەردىكى جۇشقۇن سادالار ئەۋجىگە چىقتى. مەيلى يېمەك - ئىچمەك كوچىسى، قول ھۈنەر - سەنئەت كوچىسى، كەتمەن بازىرى، ئارىيا كوچىسى قاتارلىقلار بولسۇن، ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغاندىن كېيىنكى قەدىمىي شەھەردە يەنىلا ئۆزگىچىلىك گەۋدىلىنىپ، «بىر يولدا بىر خىل كەسىپ، بىر يولدا بىر خىل مەنزىرە، بىر يولدا بىر خىل ئۆزگىچىلىك، ھەر يولدا ھەر خىل مەنزىرە بولۇش» تەك خاسلىق نامايان قىلىندى. قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى بۇ خىل يېڭىچە قىياپەت، ئۆزگىچە مەنزىرە قەشقەرلىكلەرنىڭ ھاياتىنى تېخىمۇ قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى.

بۇ كۈنى ھېيتگاھ مەيدانىدىكى تۈمەن كىشىلىك مەشرەپ ئۇسسۇلىنى كۆرۈپ ھاياجانلانغان شاڭخەيلىك ساياھەتچى ياڭ خانىم مۇنداق دېدى: قەشقەردە تارىخىي دەۋرلەرنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن كۆپ مەنبەلىك ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تېخىمۇ جىلۋە قىلىپ، ئەتراپلىق مۇلازىمەت ئارقىلىق ساياھەتچىلەر ئۆكسىمەيدىغان مەنزىرە بارلىققا كەپتۇ. مەن بۈگۈنكى بۇ ساياھەت پائالىيىتىدىن بەكمۇ خۇشال بولدۇم.


سۈرەتتە: «شەھەرگە كىرىش» مۇراسىمى.


سۈرەتتە: ئارتىسلار مەشھۇر شەخسلەر ئوبرازىنى يارىتىپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.


سۈرەتتە: ئالاقىدار خادىملار ۋېۋىسكا تاپشۇرۇپ ئالماقتا.


سۈرەتتە: سىرىك ئارتىسلىرى ماھارەت كۆرسەتمەكتە.

سۈرەتتە: نەپىس ئۇيغۇر ئۇسسۇلى.


سۈرەتتە: خام بازىرى كوچىسىدىكى تۆگە كارۋىنى.     

  (ئادىلجان ئابدۇقادىر فوتوسى)