باش بەت>نۆۋەتلىشىپ قويۇلۇش

كەلپىن قوي گۆشى شان-شەرەپكە ئېرىشتى

يوللانغان ۋاقىت:2016-11-24 19:16:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:تۇمارىس يالقۇن

 
  ماتېرىيال سۈرەت

تۇرسۇن قۇرباننىڭ كەلپىن ناھىيەلىك چارۋىچىلىق، مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا كەلپىن قوي گۆشى دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى تەرىپىدىن «جۇغراپىيەلىك بەلگىسى قوغدىلىدىغان مەھسۇلات» شەرىپىگە ئېرىشكەن.

كەلپىن ناھىيەلىك چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شې دىڭيۈەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ ئۆزگىچە قۇرغاق ھاۋارايى ۋە شورلۇق تۇپراق ئەۋزەللىكى كەلپىن قوي گۆشىنىڭ يۇمشاق، تەملىك ۋە يېيىشلىك بولۇشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن كەلپىن ناھىيەسىنىڭ قوي باقمىچىلىق تارىخى ئۇزۇن، كەلپىنلىكلەر ئەزەلدىن قوي گۆشى ئىستېمال قىلىشقا ئامراق بولۇپ، ناھىيە ئەتراپىدىن قېزىۋېلىنغان ئاسارە–ئەتىقىلەردىن قارىغاندا 1100 يىلدىن ئىلگىرىلا يەرلىكلەر قوي بېقىش، قوي گۆشى ئىستېمال قىلىش ۋە ئوبوروت قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بازار ئىگىلىكى ۋە خەلقنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كەلپىن قوش گۆشى ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى-سىرتىدىكى بازارلاردا سېتىلىپ ئالقىشقا ئېرىشتى. «خەلق گېزىتى»، «شىنخۇا تورى»، «جېجياڭ خەۋەرلىرى»، «گەنسۇ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئاسىيا كىندىكى تورى»، «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەلپىن قوي گۆشى توغرىسىدىكى ماقالىلەر ئېلان قىلىندى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك يەرمەنكىسى، جېجياڭ يەرمەنكىسى قاتارلىق يەرمەنكىلەردە كەلپىن قوي گۆشى يۇقىرى باھالارغا ئېرىشتى.

كەلپىن قوي گۆشى داڭقىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، نۆۋەتتە ناھىيە بويىچە چارۋىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى 19 غا، قوي سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقان ۋاسىتىچى 57 گە، ئۇلار يېتەكلەۋاتقان دېھقان، چارۋىچى 498 كىشىگە يېتىپ، قوي باقمىچىلىقى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلانغان.

كەلپىن ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئىلتىماس قىلىشى، دۆلەت سۈپەت نازارەتچىلىكى ۋە كارانتىن-پىرىيوم باش ئىدارىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشى ئارقىلىق كەلپىن قوي گۆشى دۆلەت دەرىجىلىك «جۇغراپىيەلىك بەلگىسى قوغدىلىدىغان مەھسۇلات» شەرىپىگە ئېرىشتى.