باش بەت>نۆۋەتلىشىپ قويۇلۇش

ئاپەت ئالدىدا قەددىمىز پۈكۈلمەيدۇ

يوللانغان ۋاقىت:2017-05-13 23:05:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

مۇخبىرلىرىمىز: ۋاڭ جىخېڭ، ليۇ مېڭشىن

سۈرەتتە: ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جەرۇللا ھېسامىدىن ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىدىن ھال سورىماقتا.

سۈرەتتە: ئوت مۇداپىئە ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى پۈتۈن كۈچ بىلەن خەتەردىن قۇتقۇزماقتا.

5-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت بەشتىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە 5.5 بال يەر تەۋرىدى ھەمدە كۆپ قېتىم قالدۇق يەر تەۋرەپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلدى.

يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، 1-ۋاقىتتا ئاپەت ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، كىشىلەرنى ئىزدەش، قۇتقۇزۇش، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش، ئاممىنى يۆتكەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى؛ قەشقەردە خىزمەت قىلىۋاتقان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۈن يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇش، داۋالاش ۋە تەسەللىي بېرىش توغرىسىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جەرۇللا ھېسامىدىن ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا كېلىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلدى.

يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە دەرھال تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن «11-ماي» يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش بويىچە 2-دەرىجىلىك لايىھەنى يولغا قويۇپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جىددىي يىغىنى چاقىرىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. قەشقەردە ۋە تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق قىسىملار، قوراللىق ساقچى ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، ج خ خەلق ساقچىلىرى، يېزا (بازار) بىلەن ئالاقىلىشىدىغان ناھىيە رەھبەرلىرى، «ئۈچ ئەل» پائالىيىتى بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما دەرھال نەق مەيدانغا يىتىپ بېرىپ، ئىزدەش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپەت ئەھۋالىنى ئېنىقلىدى، ۋىلايەت، ناھىيە دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى تېببىي خادىملار نەق مەيدانغا بېرىپ، يارىلانغان ئاممىنى قۇتقۇزۇش، داۋالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

ئاپتونوم رايون، ۋىلايەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، يېمەكلىك، يوتقان-كۆرپە، چېدىر، ئىسسىنىش ئەسلىھەلىرى قاتارلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا ئېلىپ باردى.

بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ھەممەيلەن تەڭ ياردەم بەردى. ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت ۋە ۋىلايىتىمىزنىڭ ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر)لىرى، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەر ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا بەس-بەستە پۇل ۋە ماددىي بۇيۇملارنى ئىئانە قىلدى، نۆۋەتتە، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى جىددىي، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا.

سۈرەتتە: قىسىمدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر خارابىيلىق ئىچىدىن بىر بالىنى قۇتقۇزۇپ چىقتى.

سۈرەتتە: تاجىك بوۋاي ئۆزىنىڭ خارابىيلىققا ئايلانغان ئۆيىگە قارىماقتا.

سۈرەتتە: ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ مال-مۈلكىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزماقتا.

 سۈرەتتە: دوختۇرخانا يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قولاي يول ئاچتى.

 سۈرەتتە: «ھەر قانداق بىر ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇشتىن ۋاز كەچمەيمىز».

سۈرەتتە: كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مەركىزىدىكى خادىملار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئالماقتا.

سۈرەتتە: قىسىمدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر تېزلىكتە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش چېدىرلىرىنى تىكتى.