باش بەت>نۆۋەتلىشىپ قويۇلۇش

جۇڭگو–ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن 300–قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز يولغا چىقتى

يوللانغان ۋاقىت:2017-05-18 10:49:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

«بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى مول نەتىجىگە ئېرىشتى

جۇڭگو–ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن 300–قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز يولغا چىقتى


     لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: 5 – ئاينىڭ 16 – كۈنى سائەت 12 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، گۈدۈك ئاۋازى بىلەن تەڭ «X9081» قېتىملىق يۈك پويىزى جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن قوزغىلىپ، قازاقىستاننىڭ ئالمائاتا شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى، بۇ جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى 2016 – يىلى 5 – ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان غەربكە يولغا چىققان 300 – قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز.

     ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ۋە ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش ئارقا كۆرۈنۈشىدە، زامانىۋىلاشقان جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىنى قۇرۇپ، مەملىكەتنىڭ جاي – جايلىرىدىكى خېرىدارلارغا پۈتۈن مۇساپىلىك خەلقئارا مال توشۇش ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمىتى قىلىپ، جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ۋە مەملىكەتنىڭ جاي – جايلىرىدىكى ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر – بىرىنى تولۇقلايدىغان، تارقاق ماللارنى يىغىپ توشۇيدىغان تىجارەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، تىرانسپورت قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز سەرخىللاشتۇردى، نۆۋەتچى پويىزنىڭ قاتناش كۆلمىنى تېز ئاشۇرۇپ، پويىزنىڭ قاتناش زىچلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىپ، نۆۋەتچى پويىزلارنى دەسلەپكى ھەپتىدە بىر قېتىم قاتناشتىن كۈندە بىر قېتىم قاتناشقا، ھازىرقى ئىككى كۈندە ئۈچ قېتىم قاتناشقا ئۆزگەرتتى.

     ھازىر ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى تەشكىللىگەن غەربكە قاتنايدىغان خەلقئارا يۈك پويىزىنىڭ كەسىپ دائىرىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىن پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيدى، يىغىلىش مەركىزىنىڭ شىنجاڭنى مەۋقە قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە مۇلازىمەت قىلىش رولى بارغانسېرى گەۋدىلەندى، مال تۈرى كۈندىلىك تۈرلۈك ماللاردىن ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىگىچە كېڭىيىپ، 200 نەچچە تۈرگە كۆپەيدى، غەربكە قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە ياۋروپادىكى دۆلەتلەرگە «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى»نى يەتكۈزدى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ جۇڭگو تاۋارلىرىنى كىرگۈزۈشى ئۈچۈن قولايلىق سۇپا ھازىرلىدى، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.