باش بەت>نۆۋەتلىشىپ قويۇلۇش

2017-يىللىق شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-08-14 17:06:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

2017-يىللىق شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىم نەق مەيدانى.

«تەڭرىتاغ تورى» خەۋىرى: 2017-يىللىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى يەرمەنكىسى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئېچىلدى. بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكە «يېشىل، يېڭىلىق يارىتىش، ئەقلىي ئىقتىدار، ئېنىق ئۆلچەم، قوللىنىشچان بولۇش»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، يەرمەنكە كۆلىمى 50 مىڭ كىۋادىرات مېتىر كېلىدۇ. يەرمەنكىگە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى 300 دىن ئارتۇق كارخانا قاتنىشىشقا تىزىملاتقان بولۇپ، تېرىقچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرى، ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ماشىنىسى قاتارلىق تۆت چوڭ تۈر بويىچە 10 مىڭ خىلدىن ئارتۇق ماشىنا-ئۈسكۈنە كۆرگەزمە قىلىنغان.