باش بەت>نۆۋەتلىشىپ قويۇلۇش

شى جىنپىڭ گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-09-06 17:16:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

2030–يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەڭ دائىرىلىك تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئادىل، ئوچۇق، ئەتراپلىق، يېڭىلىق يارىتىدىغان تەرەققىيات يولىنى ئېچىشنى تەكىتلىدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 5-كۈنى شيامېن خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.  شىنخۇا ئاگېنتلىقى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 5-كۈنى شيامېن خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىدىن بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى تېمېر، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما ۋە سۆھبەت يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىدىن مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى، گىۋىنېيە زۇڭتۇڭى كوندې، مېكسىكا زۇڭتۇڭى پېنا، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راھمان، تايلاند زۇڭلىسى پىرايۈ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.    شىنخۇا ئاگېنتلىقى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شيامېن، 9–ئاينىڭ 5–كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9–ئاينىڭ 5–كۈنى شيامېن خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر قايسى تەرەپلەر ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، 2030–يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشتەك تارىخىي پۇرسەتنى ئورتاق ئىگىلەپ، كەڭ دائىرىلىك تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئادىل، ئوچۇق، ئەتراپلىق، يېڭىلىق يارىتىدىغان تەرەققىيات يولىنى ئېچىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى تېمېر، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما ۋە سۆھبەت يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىدىن مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى، گىۋىنېيە زۇڭتۇڭى كوندې، مېكسىكا زۇڭتۇڭى پېنا، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راھمان، تايلاند زۇڭلىسى پىرايۈ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى «ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش–ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» باش تېمىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا 2030–يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، «ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش»، «كەڭ دائىرىلىك تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش» توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقى پىلانىنى بىرلىكتە كېڭىشىپ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

شى جىنپىڭ چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

شى جىنپىڭ ئارقىدىنلا «ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش–ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلەرنىڭ ئۇچرىشىشى مەزگىلىدە باشقا گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى تەكلىپ قىلىپ پىكىر ئالماشتۇردى، بۇ خىل سۆزلىشىش گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىگە، كېسەك ئالتۇن مېخانىزمىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن بۇيان گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئومۇميۈزلۈك قەد كۆتۈرۈپ، توسقىلى بولمايدىغان دەۋر دولقۇنىغا ئايلاندى. يېڭى ۋەزىيەتتە جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پايدىلىق تەرەققىيات مۇھىتىنى بىرلىكتە يارىتىپ، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

بىرىنچى، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلىش كېرەك. كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوللاپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، سىغدۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈشنىڭ قايتا تەڭپۇڭلۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ 11–نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، دوھا تەرەققىيات ئۇچرىشىشىنىڭ قالغان قارالمىلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەم كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىشتىكى ۋەكىللىك ھوقۇقى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق خەلقئارا ئىقتىسادىي تەرتىپنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئىككىنچى، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، 2030–يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مەۋقەنى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا قويۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت، مۇھىت ماس ئىلگىرىلەيدىغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقىش كېرەك. ب د ت نىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا دەۋەت قىلىش كېرەك. ب د ت نىڭ تەرەققىيات سىستېمىسى ئىسلاھاتىدا دىققەتنى تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، بارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ھەقىقىي مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئۈچىنچى، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشتىن ئىبارەت تارىخىي پۇرسەتنى ئورتاق ئىگىلەش كېرەك. دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، دادىل ئىسلاھ قىلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى دادىل ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھاياتىي كۈچىنى قېزىپ چىقىش بىلەن بىللە، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئارا ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ھەمدەم بولۇش كېرەك.

تۆتىنچى، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كەڭ دائىرىلىك تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورتاق ئورنىتىش كېرەك. «بىر تال گۈل يالغۇز ئېچىلسا باھار بولماس، تەنھا ياۋا غاز سەپ بولۇپ ئۇچالماس». ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز ئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، 77 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق مېخانىزملاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، جەنۇب–جەنۇب ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە، تېخىمۇ كەڭ ساھەدە قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك دۇنياۋى خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىيات زەنجىرىنى يېتىلدۈرۈپ، بىرلىشىپ قۇدرەت تېپىش كېرەك. جۇڭگونىڭ گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر سۆھبەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشىدە ھەمراھلىق تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو 2030–يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت، مۇھىت قاتارلىق ساھەلەردە كۆپ تۈرلۈك ئالدىنقى باسقۇچلۇق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، تەرەققىي قىلىۋاتقان باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە پائال ياردەم بېرىدۇ. جۇڭگو جەنۇب–جەنۇب ھەمكارلىقى ياردەم فوندىنى 500 مىليون دوللار ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئاچارچىلىق، مۇساپىرلار، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئاممىۋى سەھىيە قاتارلىق تەرەپلەردىكى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. جۇڭگو يەنە ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل 5–ئايدا جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى. ھەر قايسى تەرەپلەر «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇش تەشەببۇسى ۋە ئۇنىڭ يۆنىلىشى بىلەن 2030–يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى يۈكسەك ماس كېلىدۇ. ئىككىسىنى جىپسىلاشتۇرۇش، ئۆز ئارا ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەيتىشكە تامامەن بولىدۇ، دەپ قارىدى. «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق يولى، ئۈمىد يولى ھەمدە ئورتاق پايدا ئېلىش يولىدۇر.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش زىممىمىزگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىمىز، قول تۇتۇشۇپ، ئادىل، ئوچۇق، ئەتراپلىق، يېڭىلىق يارىتىدىغان تەرەققىيات يولىنى بىرلىكتە ئاچايلى.

ئارقىدىن باشقا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە سۆھبەت يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان رەھبەرلەر ئايرىم–ئايرىم سۆز قىلىپ، جۇڭگونىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر سۆھبەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، كەڭ دائىرىلىك تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى قوللىغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇدى، بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ خىلدىكى سۆھبەتلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، جەنۇب–جەنۇب ھەمكارلىقى ۋە خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى. ھەرقايسى تەرەپلەر «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ 2030–يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئىجابىي ئەھمىيىتىگە يۇقىرى باھا بەردى.

ئاخىرىدا شى جىنپىڭ يىغىننى خۇلاسىلىدى، ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى يىغىن ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، ھەرقايسى ئەل رەھبەرلىرى مۇھىم ئورتاق تونۇشقا كەلدى، ھەرقايسى تەرەپلەر بىردەك، يېڭى ۋەزىيەتتە گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ تەكىتلىدى. ھەرقايسى تەرەپلەر تەرەققىيات بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ب د ت نىڭ 2030–يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى، ھەرقايسى تەرەپلەر ب د ت نىڭ مەركەزلىك رولىنى بىردەك قوللاپ، ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى، ھەرقايسى تەرەپلەر جەنۇب–جەنۇب ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى بىردەك قارار قىلدى.

سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن جۇڭگو رەئىس باياناتى ئېلان قىلىپ، يىغىندا ھاسىل قىلىنغان پىرىنسىپال ئورتاق تونۇشنى تونۇشتۇردى، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى نامايان قىلدى، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق سىگنالىنى تارقاتتى.

سۆھبەت يىغىنىدىن بۇرۇن شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىشقا كەلگەن ھەرقايسى ئەل رەھبەرلىرى بىلەن كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

ۋاڭ خۇنىڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جېيچى قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.