باش بەت>نۆۋەتلىشىپ قويۇلۇش

شىنجاڭ تەپمە بوكس كوماندىسىنىڭ ماھىرى تيەن جيەن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

يوللانغان ۋاقىت:2017-09-08 10:43:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت


«تەڭرىتاغ تورى» مۇخبىرى خەۋىرى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەرلەرنىڭ 80 كىلوگىرامدىن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر تەپمە بوكىس مۇسابىقە تۈرىدە، كەسكىن ئېلىشىش نەتىجىسىدە، شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ماھىرى تيەن جيەن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

شۇ كۈنى، شىنجاڭ تەپمە بوكىس كوماندىسى ماھىرى تيەن جيەن سەككىز كۈچلۈكنى تاللاش مۇسابىقە تۈرىدە، 4 كە قارشى 24 نومۇر بىلەن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى كوماندىسىنىڭ ماھىرى خۇ ياشىننى يېڭىۋالغان؛ يەنە تۆت كۈچلۈكنى تاللاش مۇسابىقىسىدە 2 گە قارشى 23 نومۇر بىلەن خۇبېي كوماندىسىنىڭ ماھىرى جاۋ مىڭمىڭنى يېڭىۋالغان؛ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 3 كە قارشى 22 نومۇر بىلەن ئىچكى موڭغۇل كوماندىسىنىڭ ماھىرى سۈن خۇڭيىنى يېڭىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن.

ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، تيەن جيەن 5 كە قارشى 20 نومۇر بىلەن لياۋنىڭ كوماندىسىنىڭ ماھىرى ياڭ يىنى يېڭىپ، غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن.

ھازىرغىچە، شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسى ئالتە ئالتۇن مېدال، يەتتە كۈمۈش مېدال، 12 مىس مېدالغا ئېرىشكەن.