باش بەت>نۆۋەتلىشىپ قويۇلۇش

ج ك پ قەشقەر ۋىلايەتلىك كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى غەلىبىلىك چاقىرىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2018-01-09 10:54:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:تۇمارىس يالقۇن مەسئۇل مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

لى نىڭپىڭ خىزمەت دوكلاتى بەردى

باش نىشاننى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ قەشقەردە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتايلى


يېتەكچى مۇخبىرىمىز ۋاڭ ۋېنبو، مۇخبىرلىرىمىز ليۇ مېڭشىن، جاڭ خۇاۋېي خەۋىرى، فوتوسى: 1-ئاينىڭ 8-كۈنى ج ك پ قەشقەر ۋىلايەتلىك كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى غەلىبىلىك چاقىرىلدى. يىغىننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، يېزا خىزمىتى يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنى، ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، 2017-يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەش، 2018-يىللىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ۋىلايىتىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ قەشقەردە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشقا سەپەرۋەر قىلىشتىن ئىبارەت.


يىغىن ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنۈپ ئېچىلدى، چۈشتىن بۇرۇن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى نىڭپىڭ «باش نىشاننى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ قەشقەردە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتايلى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى. ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى پەرھات روزى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى؛ چۈشتىن كېيىن ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر)لىك پارتكوملارنىڭ شۇجىلىرى ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى، يىغىن روھىنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى»نى قانداق ياخشى قىلىش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى چۆرىدەپ ئىپادە بىلدۈردى، لى نىڭپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.


دوكلاتتا 2017-يىللىق خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەندى. 2017-يىلى قەشقەر ئۈچۈن ئالاھىدە بىر يىل بولدى. مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتتىكى «ئۈچ مەزگىل گىرەلەشكەن» كەسكىن ۋەزىيەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ۋىلايىتىمىزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۈەن، خەلق باش نىشاننى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىسلىسىز مەركەزلەشتۈرۈش ئېڭى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش سالمىقى ئارقىلىق كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، جەمئىيەت قىياپىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئىشەنچ ۋە ئىرادە تېخىمۇ كۈچەيدى. قاتتىق زەربە بېرىش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئاممىۋى خىزمەت كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلدى، خەلق تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، شەھەر-يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ دەل جايىدا بولۇشى كۆرۈنەرلىك بولدى؛ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى؛ پارتىيە قۇرۇلۇشى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلدى.



دوكلاتتا ماۋۇلار كۆرسىتىلدى: بىر يىلدىن بۇيانقى خىزمەت نەتىجىلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ نەتىجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، شەندۇڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، شېنجېندىن ئىبارەت شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان تۆت ئۆلكە(شەھەر) ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ «ئۈچ ئەل» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىنىڭ نەتىجىسى، ۋىلايىتىمىزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۈەن، خەلقنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يەڭگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. قەشقەرنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش نىشان ئارقىلىق ئىدىيەۋى تونۇشنى، قەدەم-ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى بىزنىڭ ۋەزىپىمىز دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويماي، قۇرۇق شوئار توۋلىماي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر قاتار ئۇنىۋېرسال تەدبىرلىرىنى پۇختا قەدەم بىلەن چىڭ تۇتۇپ ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىدە چىڭ تۇرۇپ، تىپىك مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ، قالايمىقانچىلىقنى تۈزەش، قاتتىق زەربە بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، چىرىكلىكنى تۈزەش، كەسكىن بولۇپ، «تۆت خىل خاھىش»، «تۆت خىل ناچار ئىستىل»نى قەتئىي تۈزەش، بولۇپمۇ «ئىككى يۈزلىمىچى»لىك، كاززاپلىق خاھىشىنى قەتئىي تۈزەش، سىياسەتنى شەكىلگە ئايلاندۇرۇۋېلىش، تەدبىرى ئەمەلىي بولماسلىق، ئىستىلدا دۇرۇس بولماسلىقتىن ئىبارەت «جاھىل كېسەللىك»نى قەتئىي يوقىتىش؛ ئاساسىي قاتلامغا كۈچ سەرپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇنەۋۋەر كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامنىڭ 1-سېپىگە ئەۋەتىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى، پارتىيە خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەشتىكى كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.


دوكلاتتا ماۋۇلار تەكىتلەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنۈپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەرەققىياتىنىڭ يېڭى نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى ئاچتى. ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر، ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەتراپلىق ئىگىلەپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچى قىلىپ، قەشقەرنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات خىزمىتىنىڭ باش-ئاخىرىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مول مەزمۇنى، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسى، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ ۋەزىپە-تەلەپلىرىنى پۇختا ئىگىلەپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى كەڭ يولغا قويۇپ، كەسىپلەر روناق تاپقان بولۇش، ئېكولوگىيەسى ياخشى، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىش، يېزا-قىشلاق كەيپىياتى مەدەنىي، باشقۇرۇلۇشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇش باياشات بولۇش ئومۇمىي تەلىپىگە ئاساسەن، پارتىيە يېزا خىزمىتىنى باشقۇرۇش، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، شەھەر-يېزىلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئەت بىلەن ئىناق ئۆتۈشىنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.


دوكلاتتا بۇ يىللىق خىزمەتلەرنىڭ ئومۇمىي تەلىپى بېكىتىلدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنى، ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر قاتار ئۇنىۋېرسال تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت جۈملە سۆز»، «1+4» ئومۇمىي تەلىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە «ئۈچ جەڭ، بىر ئۇرۇش»نى ياخشى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ قەشقەرنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش.


بۇ يىللىق خىزمەتلەرنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرى: ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى داۋاملىق ساقلاپ، ئىككى يىلدا مۇستەھكەملەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دائىملاشقان خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، چوڭ ئىش، ئوتتۇراھال ئىش، كىچىك ئىشمۇ چىقماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك مۇقىم بولۇشقا ياخشى ئاساس سېلىش؛ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، «ئالتە دەل جايىدا بولۇش»، «بەش بىر تۈركۈم»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 187 مىڭ ئادەمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى، 228 نامرات كەنتنىڭ نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقىشى، پوسكام ناھىيەسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش. ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ۋىلايەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %4 ئەتراپىدا، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمىنى %5 ئەتراپىدا، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنى %7 ئەتراپىدا، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى %6.5 تىن كۆپرەك ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات جەريانىدىكى «سۇ تەركىبى»نى سىقىپ چىقىرىپ، قۇرۇلمىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، سۈپەتنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش؛ قەرز ۋە پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە پەسەيتىپ، قائىدىگە خىلاپ قەرزدار بولۇپ قېلىشنى تۈگىتىپ، يوشۇرۇن قەرزدارلىقنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش؛ خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ رېئال بولغان ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق گەۋدىلىك ساھەلەردە ھەم چامىنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ھەم ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئادىل، باراۋەر بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پاراۋانلىق «قىلتىقى» ۋە «ھاڭ» ئۈنۈمىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشى بولۇشىنى ساقلاپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىش مەنبەلىرىنىڭ ئۆلچەملىك قويۇپ بېرىش، يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىشنى ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى ئىچىدە تىزگىنلەش، دەريا ئېقىنى ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۇپراق مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش.


نۆۋەتتە، قەشقەر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە گەرچە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىش»تەك ۋەزىيەت تۈپتىن ئۆزگەرگىنى يوق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل ھەم ئېغىر. دوكلاتتا ماۋۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قەشقەردە بۆلگۈنچىلىك بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، ئۆتكۈرلىكى، بىر مەيدان ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ، شۇنداقلا بىر خىل سىياسىي تۇراقلىق ھالەت ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشى كېرەك. باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەۋپسىرەش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، خاتىرجەملىكتە خەتەرنى ئويلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىخۇدلۇق، بوشاڭلىق قىلىش، دۈشمەننى سەل چاغلاپ، ئۇرۇشتىن بېزار بولۇش ئىدىيەسىنى قەتئىي يېڭىپ، باش نىشاننى باشتىن-ئاخىر بايراق، يۆنىلىش، ھەرىكەت مىزانى، بۇرچ، مەسئۇلىيەت ۋە تۈپ سىياسىي نەتىجە قىلىپ، ھەر ۋاقىت كۆڭۈلگە پۈكۈپ، چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى زېممىسىگە ئېلىپ، ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش ئۇنىۋېرسال تەدبىرلىرى ۋە «تۆت جۈملە سۆز»، «1+4» ئومۇمىي تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەشقەر ئىجتىمائىي ئومۇمىيلىقىنىڭ مۇقىملىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. دائىملاشتۇرۇپ باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپلەشكەن، ئىجتىمائىيلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش يولىدا مېڭىش كېرەك. ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەتنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئاممىۋى خىزمەتنى باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورنىغا قويۇپ، ئەل قەلبىنى ئەڭ زور چەكتە مۇجەسسەملەشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر، دىن سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش تەربىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشى كېرەك. دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىشى كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت بىلەن ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاش، باش نىشاننى چۆرىدەپ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىنى باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈشى كېرەك.

دوكلاتتا يەنە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بېرىكىش، ئارمىيە بىلەن يەرلىك بېرىكىش خىزمىتىگە بولغان تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، 6-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بىرىش، مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنى سانائەت رايونىغا بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئىشىنىش، خىزمەتتە خاتىرجەم بولۇش، تۇرمۇشتا غەمخورلۇق قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىپادىسى ياخشى بولغان كادىرلارنى ئۆستۈرۈپ مۇھىم ۋەزىپىگە قويۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بېرىكمە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 3-شىنىڭ قەشقەردە تەرەققىي قىلىشىنى قوللاپ، بىڭتۈەننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا تەرەققىي قىلىش پىلان پىروگراممىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ قوشماقلاردىن بولۇپ ئۆز ئارا ياردەم بېرىدىغان «تۆتنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، تۆتنى ئىلگىرى سۈرۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ۋە كادىرلارنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بېرىكمە تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش كېرەك. ئارمىيە-يەرلىك بېرىكمە تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قىسىم ئىسلاھاتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيەسى ۋە ئارمىيە-يەرلىك «قوش ھىمايە قىلىش» بويىچە ئورتاق بەرپا قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىك بېرىكمە تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىش كېرەك.


دوكلاتتا ماۋۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ــ قەشقەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ تۈپ كاپالىتى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر باش نىشاننى چۆرىدەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىنى باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈشى كېرەك. سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يادروغا ئەگىشىشى، يادروغا بويسۇنۇشى، يادرونى قوغدىشى، يادروغا سادىق بولۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشىنى چىڭىتىپ، «تۆتكە بويسۇنۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ باشتىن-ئاخىر توغرا بولغان سىياسىي يۆنىلىشتە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئاساسىي تېمىلىق تەربىيەنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيەسىنىڭ دائىملىشىشى، تۈزۈملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە ساقلاش» ئاساسىي تېمىسىدىكى تەربىيەنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشى كېرەك. كادىر ئىختىساسلىقلار قوشۇنى ۋە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، توغرا بولغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياخشى كادىر ئۆلچىمى، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، ئاساسىي قاتلام، 1-سەپكە يۈزلىنىپ، سىياسىيدا قەتئىي، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ماھىر، مۇقىملىقنى قوغداشتا تۆھپىسى بار، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا قابىل كادىرلارنى تاللاش، ئىشلىتىشى كېرەك. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ھەقىقىي تۈردە ئۆستۈرۈپ، نەزەرىنى ئاساسىي قاتلام خىزمەتلىرىدىكى يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى مەسىلە، يېڭى تەلەپكە قويۇپ، ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى كۈچەيتىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنى پارتىيە تەشكىلاتلىرى قاپلاشنى ئالغا سىلجىتىپ، كەنت دەرىجىلىككە كۈچ سەرپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام بازىسىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى قۇرۇشى، ياخشى ساقلىشى، ياخشى مۇستەھكەملىشى كېرەك. كادىرلار ئىستىلىنىڭ تۈپتىن ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «كادىرلار ئىستىلى دۇرۇس بولماسلىق ئەڭ چوڭ دۈشمىنىمىز» دېگەننى ئەستە مەھكەم ساقلاپ، 1-قولدىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇپ، بۇ مۇھىم نۇقتىنى ئىجرا قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئىستىلنى تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، پاك-دۇرۇس سىياسىي ئېكولوگىيەنى قايتا يارىتىپ، ئاگاھلاندۇرۇش چىرىغىنى يورۇتۇپ، تۆۋەن چەكنى ئاشكارىلاپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، كۈچلۈك دورا ئارقىلىق كېسەل داۋالاپ، سۆڭەكنى قىرىپ زەھىرىنى تازىلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى قايتا يارىتىشى كېرەك.


دوكلاتتا ماۋۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قىلچە بوشاشماستىن ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىشنى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتى سۈپىتىدە تۇتۇپ، كادىرلارنى باھالاش، ئىشلىتىشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش پوزىتسىيەسىنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۆگىنىشنى ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇشى كېرەك. نەزەرىيە ئۆگىنىش ئارقىلىق پارتىيەۋىلىك بويىچە تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، پەزىلەت جەھەتتە تەربىيەلىنىپ، ئىقتىدار يېتىلدۈرۈپ، توغرا كەيپىياتنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، غايە-ئېتىقاد، «تۆت ئىشەنچ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيەنىڭ باش مەقسىتىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، باش نىشاننىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. زەھەر تازىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، فېئودال چاكىنا ئەمەلدارلىق مەدەنىيىتىنى قەتئىي توسۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرمەسلىك، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىكنى سىياسىي جەھەتتە چىرىكلىشىشنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسى سۈپىتىدە تۇتۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى مەخسۇس تۈزەش ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى ناچار ئىستىللارنى تۈزىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كەڭ قاپلىغان، يۈرۈشۈشى ئۈنۈملۈك بولغان نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە ساغلاملاشتۇرۇپ، چىرىكلىكنى جازالاشنىڭ ھەممىنى بېسىپ چۈشۈش ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

دوكلاتتا ماۋۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، مەمۇرىي مەھكىمە، خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەش ۋە سوت، تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ خىزمەتلىرىگە بولغان رەھبەرلىك ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش، ھوقۇقنى توغرا ئىشلىتىشنى قوللاش كېرەك. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئاياللار بىرلەشمىسى ۋە پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىنى قوللاپ، ئۇلارنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا شارائىت ھازىرلاپ بىرىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى قەتئىي ئېغىشماي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەشكىللەش ۋە سەپەرۋەر قىلىش كېرەك. جاپالىق ئىشلەش، ئەمەلىي ئىشلەش، جان تىكىپ ئىشلەش ئارقىلىق زور كۈچ مۇجەسسەملەپ، مۇقىملىقنى قوغداش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئەمەلىيەت، تارىخ ۋە خەلقنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى باشتىن-ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە دىققەتنى باشتىن-ئاخىر باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە مەھكەم ساقلاپ، خىزمەتلەرنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، قەشقەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قەشقەر سەھىپىسىنى ئېچىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك.




ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى پەرھات روزى يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا خۇلاسە سۆزى قىلدى. ئۇ ماۋۇلارنى كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك، ھەر قايسى تارماق، ئورۇنلار بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئىدىيە ۋە تونۇشنى ھەقىقىي تۈردە ۋىلايەتلىك پارتكوم كېڭەيتىلگەن يىغىنىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ قەشقەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشى كېرەك. «ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى»نى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ئاساس سېلىشى كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئاساسنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زېممىسىگە ئېلىپ، سىياسىيغا ئەڭ ئەھمىيەت بېرىش پوزىتسىيەسى، ئەستايىدىللىقنى ئەڭ تەكىتلەش روھى بىلەن بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھىنى كونكرېت خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يىغىندا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ۋىلايەتلىك پارتكوم كېڭەيتىلگەن يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، مۇقىملىق خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىر چاغدا نۆۋەتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى پىلانلاپ، ياخشى قىلىپ، پۈتۈن يىللىق تۈرلۈك نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتا ياخشى باشلىنىش، ياخشى قەدەم تاشلاش، ياخشى ئاساس سېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

يىغىن تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ھەر قايسى يېزا-بازار، كوچا ئىش بېجىرىش باشقارمىلىرىغىچە ئېچىلدى. ئاساسىي يىغىن مەيدانى ۋىلايەتلىك يىغىن مەركىزىدە تەسىس قىلىنىپ، ھەر قايسى ناھىيە(شەھەر)، يېزا-بازار، كوچا ئىش بېجىرىش باشقارمىلىرىدا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

بىڭتۈەن 3-شىسى ۋە يەرلىكنىڭ رەھبەرلىرىدىن لۇ شۈپىڭ، جاڭ جيەن، گاۋ جيەنجۈن، تۆمۈر مۇھەممەت، ۋاڭ يىۋېن، دىڭ يۇمىڭ، زاكىر زوردۇن، چېن جېجياڭ، ياڭ جېڭ، ياڭ گوچياڭ، چېن شۈگۇاڭ، فەن باۋجۈن، دەي چىڭ، ۋۇ خۇڭبىن قاتارلىقلار؛ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى، قەشقەر شۆبە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى، ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ھەر قايسى ئورۇن، تارماق، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ نازارەت، ئىدارىلىرىنىڭ قەشقەردىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى؛ قەشقەردىكى ۋىلايەت، نازارەت دەرىجىلىك پېنسىيەگە، دەم ئېلىشقا چىققان پېشقەدەم كادىرلار، مەركەز، ئاپتونوم رايوننىڭ قەشقەردىكى ھەر قايسى ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئاساسلىق يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ناھىيە(شەھەر)لەرنىڭ تۆت چوڭ رەھبەرلىك كوللېكتىپى، ناھىيە(شەھەر)لىك سوت، تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى، ناھىيە(شەھەر) تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، يېزا-بازار، مەيدان، كوچا ئىش بېجىرىش باشقارمىسى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى كەنت پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىلىرى، مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1-شۇجىلىرى، «ئۈچ ئەل» خىزمىتى بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقلىرى شۆبە يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.