باش بەت>نۆۋەتلىشىپ قويۇلۇش

دۇنيا پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىنى كۆزلەپ، پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ياخشى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، دۇنيادىكى پەن-تېخنىكىدا قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت:2018-05-29 17:38:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

شى جىنپىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 19-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ 14-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

دۇنيا پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىنى كۆزلەپ، پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ياخشى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، دۇنيادىكى پەن-تېخنىكىدا قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 19-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ 14-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 28-ماي تېلېگراممىسى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 19-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ 14-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو قۇدرەت تاپماقچى، گۈللەنمەكچى بولسا چوقۇم پەن-تېخنىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىلىم-پەن مەركىزىگە ئايلىنىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىشتىكى يۇقىرى پەللىنى ئىگىلىشى كېرەك. ۋەزىيەت كىشىنى قىستاۋاتىدۇ، خىرىس كىشىنى قىستاۋاتىدۇ، بۇرچ كىشىنى قىستاۋاتىدۇ. مەملىكىتىمىزدىكى پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، ياخشى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مەسىلىگە يۈزلىنىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، دۇنيا پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىنى كۆزلەپ، پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تارىخ يۈكلىگەن مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭى دەۋردە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇپ، دۇنيادىكى پەن-تېخنىكىدا قۇدرەتلىك دۆلەتنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. (سۆزنىڭ تولۇق مەزمۇنى ئايرىم تارقىتىلىدۇ)

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە ئاۋۋال ماۋۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 19-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ 14-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن مەملىكىتىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا ساھەسىدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق كاتتا يىغىن. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز مەملىكىتىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىنى خۇلاسىلەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، ئومۇمىيەتنى پىلانلاپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك كۈچەپ، پارتىيەنىڭ پەن-تېخنىكا ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىشىدا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيادىكى پەن-تېخنىكىدا قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنىڭ ماھىيىتىنىڭ ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تورىغا سىڭىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا ئىشلىرىدا زىچ كۈچەپ، تېز ھالقىپ، تارىخىي خاراكتېرلىك، ئومۇمىي خاراكتېرلىك، ئەندىزە خاراكتېرلىك زور ئۆزگىرىشلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، زور يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى بەس-بەستە ياراتتۇق، قىسمەن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تەتقىقاتلار دۇنيا بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، باشلامچى بولۇپ مېڭىش باسقۇچىغا كىردى، پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى مىقدار جەھەتتە جۇغلىنىشتىن سۈپەت جەھەتتە ھالقىيدىغان، نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن سىستېما ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغان مۇھىم پەيتتە تۇرماقتا.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 21-ئەسىرگە كىرگەندىن بۇيان، دۇنيا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مىسلىسىز جانلىنىش دەۋرىگە قەدەم قويدى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپلەر ئۆزگىرىشى دۇنيا يېڭىلىق يارىتىش خەرىتىسىنى قايتا تۈزمەكتە، دۇنيا ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى قايتا قۇرماقتا. پەن-تېخنىكا دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە ھېچقاچان بۈگۈنكىدەك چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ باقمىغان، خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا، بەختىگە ھېچقاچان بۈگۈنكىدەك چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ باقمىغان.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پەن-تېخنىكا تەمىناتى بىلەن تەمىنلەپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا تىرەك بولۇش كېرەك. تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى مەركەز قىلىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا تىرەك بولۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، تەمىنلەش سىستېمىسى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ئىقتىساد جەھەتتىكى سۈپەت ئەۋزەللىكىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش كېرەك. رەقەملەشتۈرۈش، تورلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنى پىشاڭ قىلىپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر توپىنى ئالدىن يېتىشتۈرۈپ ۋە زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياسىمىچىلىق كەسپى ئەندىزىسى ۋە كارخانا ھالىتىنىڭ تۈپ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، مەملىكىتىمىز كەسىپلىرىنىڭ دۇنيا قىممەت زەنجىرىدە ئوتتۇرا-يۇقىرى ئورۇننى ئىگىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ ماۋۇلارنى كۆرسەتتى: قىلچە ئېغىشماي ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئاشۇرۇش كېرەك. ئۆزىگە ئىشىنىدىغان دۆلەت ۋە مىللەتلا، كەلگۈسىگە تۇتىشىدىغان يولدا پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىيەلەيدۇ. يىلتىزى چوڭقۇر دەرەخ، ھەم ئېگىز، ھەم بۈك-باراقسان ئۆسىدۇ. ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا پۇت تىرەپ تۇرۇشىدىكى كۈرەش ئاساسى، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بىز دۇنيا پەن-تېخنىكىسىنىڭ چوققىسىغا چىقىشتا جەزمەن بېسىپ ئۆتىدىغان يول. دۆلىتىمىزدىكى بارلىق پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسى بولۇشى، ھەم ئۆزىنى زىيادە تۆۋەن چاغلىماسلىقى، ھەم ئۆزىنى زىيادە قالتىس چاغلىماسلىقى، قىيىنچىلىقنى دادىل يېڭىپ، قالتىس نەتىجە يارىتىشقا ئىنتىلىپ، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا رىقابەتلىشىش ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتتىكى يۇقىرى نۇقتىنى پائال ئىگىلىشى كېرەك. ھالقىلىق ئورتاق تېخنىكا، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يېتەكچى تېخنىكا، زامانىۋى قۇرۇلۇش تېخنىكىسى، ئاغدۇرما تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئالدىنقىلار مېڭىپ باقمىغان يولدا دادىل مېڭىپ، ھالقىلىق يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى، تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولدا چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىش ۋە نىشان يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن يېتەكلەشكە تىرەك بولىدىغان ئەۋزەللىكنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئاساس ۋە ئومۇمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھالقىلىق ساھە، مۇھىم جايلارغا زور كۈچ سەرپ قىلىپ، سەر خىل كۈچلەرنى توپلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، ئىمكانقەدەر بالدۇرراق بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. كىشىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى قاندۇرۇشنى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مەقسىتى قىلىپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلگە پايدا يەتكۈزۈش، ئەلنى بېيىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇھىم يۆنىلىشى قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ ماۋۇلارنى تەكىتلىدى: پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى كۈچەپ ئۇرغۇتۇش كېرەك. يېڭىلىق ياراتقاندىلا كەلگۈسىدە غەلىبە قىلغىلى، ئىسلاھ قىلغاندىلا دۆلەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. پەن-تېخنىكا ساھەسى ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىشقا ئەڭ ئېھتىياجلىق ساھە. پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا قىيىنچىلىقنى يېڭىشقا، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چەكلەۋاتقان بارلىق ئىدىيەۋى توسالغۇ ۋە تۈزۈم چىتلىقىنى بۇزۇپ تاشلاش كېرەك. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت «قوش قوزغىتىش»تا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنى يۆنىلىش، ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلىپ، ئەمەلدە كۆرسىتىشنى ۋاسىتە قىلىشتا، تۈزۈم جەھەتتە ئورۇنلاشتۇرۇشتا، سىياسەت جەھەتتە كاپالەتلەندۈرۈشتە، مۇھىت بەرپا قىلىشتا يۇقىرىدىن-تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن كۈچ سەرپ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتى، يېڭىلىق يارىتىش ئاساسى، يېڭىلىق يارىتىش بايلىقى، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى جەھەتلەردە سىجىل كۈچەپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، كارخانا، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات يۇرتى ۋە ئورۇنلىرى قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنىڭ ئوخشىمىغان ھالقىدىكى فۇنكسىيەلىك ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى سۇبيېكتلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ پەن-تېخنىكا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى تېزدىن ئۆزگەرتىپ، تەشكىلىي ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پەن-تەتقىقات خىراجىتىنى ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچەپ، پەن-تېخنىكا باھالاش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنىڭ ئىلمىي قىممىتى، تېخنىكىلىق قىممىتى، ئىقتىسادىي قىممىتى، ئىجتىمائىي قىممىتى، مەدەنىيەت قىممىتىنى توغرا باھالاپ، ئادەمنىڭ ئىجادىي پائالىيىتىنى نامۇۋاپىق خىراجەت باشقۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش قاتارلىق تۈزۈلمىلەر ئىسكەنجىسىدىن ئازاد قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۇنيانى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا چوڭقۇر قاتنىشىپ، جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتىنى بېغىشلاپ، كىشىلەر تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئېچىۋېتىلگەن مۇھىتتىكى يېڭىلىق يارىتىش بولۇپ، ھەرگىز ئىشىكنى تاقىۋېلىشقا بولمايدۇ، بەلكى پۈتۈن دۇنيانىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىش كېرەك. خەلقئارالىق پەن-تېخنىكا ئالاقىسى، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى پەللىدە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارادىكى يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن پائال پايدىلىنىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتەك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تىرىشىپ ئورنىتىپ، كەلگۈسى تەرەققىيات، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، كىشىلەر ساغلاملىقى، ھاۋا كىلىماتى قاتارلىق كىشىلەر دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، ئۆز تەرەققىياتىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە باشقا تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزۈپ، دۇنيا مىقياسىدا تەكشى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى دۇنياۋى نەزەردە پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تورىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن پائال سىڭىشىپ، دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا پىلانىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارالىق زور پەن-تېخنىكا پىلانى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئېلىمىز ئالىملىرىنىڭ خەلقئارالىق پەن-تېخنىكا ھەمكارلىق پىلانىنى تەشەببۇس قىلىشى ۋە تەشكىللىشىگە ئىلھام بېرىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلدى: ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئىختىساسلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك توپلاپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ ئىختىساسلىقلار ئاساسىنى كۈچەپ پۇختىلاش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى باھالاش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، سۈپىتى، تۆھپىسىنى يېتەكچى قىلغان پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىشى، يېڭىلىق يارىتىشىغا پايدىلىق بولغان باھالاش تۈزۈمىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە يولغا قويۇش كېرەك. پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق ياراتقان مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى مۇۋاپىق نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىش كېرەك. يۈزەكى ھالدا ئىلمىي ماقالە، پاتېنت، مەبلەغنى ئىختىساسلىقلارنى باھالاش ئۆلچىمى قىلىش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئۆزگەرتىپ، ئوشۇقچە قائىدىلەر بىلەن ئالىملارنىڭ پۇت-قولىنى چۈشەپ قويماسلىق، ساناقسىز جەدۋەل ۋە تەستىق ئارقىلىق ئالىملارنىڭ زېھنىنى ئىسراپ قىلماسلىق كېرەك. ياخشى بولغان يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولغان تەربىيەلەش مېخانىزمى، ھەر كىم ئۆز قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولغان ئىشلىتىش مېخانىزمى، رىقابەتلىشىپ ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشكە پايدىلىق بولغان ئىلھاملاندۇرۇش مېخانىزمى، ئىختىساسلىقلارنىڭ تالانتىنى نامايان قىلىشىغا پايدىلىق بولغان رىقابەتلىشىش مېخانىزمىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار ئۆسۈپ يېتىلىدىغان مۇنبەت تۇپراقنى ياخشى يېتىشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار يىلتىز سىستېمىسىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جاھاندىكى قابىللار جۇڭگوغا يىغىلغان، كۆرىشەر ھەممە قىروۋ پەسلىدە ھۆرلۈك تالىشىپ دېگەندەك يېڭى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا كۈچى بولۇش رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى پەن-تېخنىكا كۈچلىرى بىلەن بىرلىكتە، دۇنيا پەن-تېخنىكا تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، دۇنيادىكى پەن-تېخنىكىدا قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنى چۆرىدەپ، پەن-تېخنىكا ئىنقىلابىنىڭ يۆنىلىشىنى سەزگۈرلۈك بىلەن چىڭ تۇتۇپ، پەن-تېخنىكىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن-تېخنىكا يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشى كېرەك. ئاكادېمىكلارنىڭ ئەقىل-پاراسەت ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئالدىن كۆرەرلىك، قاراتمىلىق، زاپاس ساقلاش خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم چىقىرىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كەسپىي، ئىجابىي، ئەسقاتىدىغان پىكىر ۋە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلىشى ۋە قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ ماۋۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلىرى دۆلەتنىڭ بايلىقى، خەلقنىڭ پەخرى، مىللەتنىڭ شەرىپى. پارتىيە ۋە خەلق ئاكادېمىكلاردىن زور ئۈمىد كۈتمەكتە. ئاكادېمىكلارنىڭ ئىلىم-پەن ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىنى، ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەشتەك ئىلىم-پەن روھىنى، دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتچىل بولۇشتەك ئىلىم كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شەخسىي غايىسىنى ئاڭلىقلىق بىلەن دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغ ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، ئىلىم-پەن ساھەسىدە ھارماي ئىزدىنىپ، زور پەن-تېخنىكا ساھەسىدە ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاكادېمىكلارغا سىياسىيدا غەمخورلۇق قىلىشى، خىزمەتتە ئۇلارنى قوللىشى، تۇرمۇشتا ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. پېنسىيەگە چىققان ئاكادېمىكلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنى رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەشنىڭ تۈپ سىياسىي كاپالىتى. پارتىيەنىڭ پەن-تېخنىكا ئىشلىرىغا بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنى دۇنيادىكى پەن-تېخنىكىدا قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى، تارماقلار، ئورۇنلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن-تېخنىكا ئىشلىرى ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئىلىم-پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشى كېرەك. پەن تەتقىقات قانۇنىيىتى، پەن تەتقىقاتنى باشقۇرۇش قانۇنىيىتى ۋە پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىپ، پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە ياخشى مۇھىت يارىتىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ ماۋۇلارنى تەكىتلىدى: ياشلار ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ كەلگۈسى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇنەۋۋەر ياش ئىختىساسلىقلارنى دادىل ئىشلىتىپ، ياش ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يول ھازىرلاپ، ئۇلارنى غايىلىك، ئىشتىياقى بار، مەسئۇلىيەتچان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرى بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك. ئالىم بولۇش جۇڭگودىكى سان-ساناقسىز بالىلارنىڭ ئارزۇسى، بىز پەن-تېخنىكا خىزمىتىنى مول جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە خىزمەتكە، بالىلار ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىنتىلىدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇپ، بالىلارنىڭ ئارزۇسىنى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق قاناتلاندۇرۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسى پەن-تېخنىكا گۈلزارلىقىدا ئىقتىدار ئىگىلىرىنى جەم قىلىشىمىز، كەلگۈسى ئىلىم-پەننىڭ چەكسىز ئاسمىنىدا يۇلتۇزلارنى چاقنىتىشىمىز كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىى كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبىرىي يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىنغا جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى بەي چۈنلى رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى جوۋ جى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

ئىككى ئاكادېمىيەدىن 1300دىن ئارتۇق ئاكادېمىك، «100 ئالىم، 100 ئاساسىي قاتلام پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى» ۋەكىللىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، شۇنداقلا ئارمىيەدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، بېيجىڭدىكى ئالاقىدار پەن-تەتقىقات ئاپپاراتىنىڭ پەن-تېخنىكا خادىملىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.