باش بەت>نۆۋەتلىشىپ قويۇلۇش

شى جىنپىڭ جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا بىلەن سۆھبەتلەشتى

يوللانغان ۋاقىت:2018-07-25 19:44:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:تۇمارس يالقۇن مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

ئىككى تەرەپ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا ئىرادە باغلىدى

 7-ئاينىڭ 24-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پىرېتورىيەدە جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا بىلەن سۆھبەتلەشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، پىرېتورىيە، 24-ئىيۇل تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خو شياۋگۇاڭ، شاڭ ياڭ، لى جيەنمىن). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 24-كۈنى پىرېتورىيەدە جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا يۈكسەك باھا بەردى، يېڭى دەۋردە جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنى جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا ھەمكارلىقى نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىلەندۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ رامافۇسانىڭ جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا تۈرتكە بولۇش ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى ئالقىشلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا مۇھىم تەسىرگە ئىگە تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت ۋە گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 20 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، باشتىن-ئاخىر جاپانى تەڭ تارتىپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، سەمىمىي، دوستانە بولغان، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئەڭ يېقىن «يولداشلىق قوشۇلغان قېرىنداشلىق» مۇناسىۋىتى ئورناتتى. جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتى ھەمراھلىق مۇناسىۋەتتىن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتكىچە، يەنە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتكىچە بولغان زور ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزدى. جۇڭگو جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن بىللە، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، بۇ يىلقى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ جوھاننىسبۇرگ ئۇچرىشىشى ۋە جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشنى ئۆزئارا قوللاپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ. مەن جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك تەكلىپ بېرىشنى خالايمەن:

  بىرىنچى، ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللىشىنى ئۆزئارا قوللاپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان چوڭ-چوڭ مەسىلىلەردە داۋاملىق ئۆزئارا چۈشىنىپ ۋە قوللاپ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا پارتىيەلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچى، ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول» ۋە جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، يېڭى ئىقتىسادىي ساھە ۋە گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 4-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى ئېلىپ كەلگەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىمىز كېرەك. جۇڭگو ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، سودا سېلىنمىسى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ، جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، جەمئىيەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ.

  ئۈچىنچى، ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت ئالاقىسى رىشتىسىنى چىڭىتىپ، ھەمكارلىشىش داۋامىدا خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ خادىملارنىڭ بېرىش-كېلىشىگە قولايلىق يارىتىش، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ئالاقىسىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلاردا ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشىنى بالدۇرراق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ئېچىشنى، ساياھەت ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  تۆتىنچى، ئىككى تەرەپ بىخەتەرلىك قانۇن ئىجراسى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. جۇڭگو جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن بىللە قانۇن ئىجراسى ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  بەشىنچى، ئىككى تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، كىلىمات ئۆزگىرىشىدىكى «ئۇل تۆت دۆلەت» قاتارلىق كۆپ تەرەپ رامكىسىدىكى ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىمىلىكنى ئورتاق قوغداپ، بىر تەرەپلىمىلىككە، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  رامافۇسا ماۋۇلارنى بىلدۈردى: جەنۇبىي ئافرىقا خەلقى بىلەن جۇڭگو خەلقى ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ئىگە، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 20 يىلدىن بۇيان، جەنۇبىي ئافرىقا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ، تەرەققىي قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتتى، بۇ، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، رايون ۋە كۆپ تەرەپ قاتلىمىدا مول، ئۈنۈملۈك ھەمكارلىق قانات يايدۇرۇلدى. ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاھىدە دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت خەلقىنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈردى. جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى، پەن-تېخنىكا ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىشى، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تۈپ ۋە ئۇزاق كەلگۈسى مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. جەنۇبىي ئافرىقا بىر جۇڭگو سىياسىتىگە داۋاملىق قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش رامكىسىدىكى ھەمكارلىقتا پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بىر تەرەپلىمىلىككە قارشى تۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىمىلىكنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ جوھاننىسبۇرگ ئۇچرىشىشى بەش دۆلەتنىڭ بۇلتۇر كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ ئىككىنچى «ئالتۇن ئون يىلى»نى باشلىغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق باشلىقلار ئۇچرىشىشى بولۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىدا ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى ئورتاق ياخشى ئىگىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، كۆپ تەرەپلىمىلىكتە چىڭ تۇرۇشنىڭ ياڭراق ساداسىنى ياڭرىتىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق قۇرۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو جەنۇبىي ئافرىقا ئۇيۇشتۇرغان جوھاننىسبۇرگ ئۇچرىشىشىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ماسلىشىدۇ ۋە ئۇنى قوللايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇش جۇڭگونىڭ ئۇزاق مەزگىللىك، قەتئىي ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى. يەنە بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، مەن ۋە زۇڭتۇڭ رامافۇسا جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنى ئورتاق رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچىمىز. جەنۇبىي ئافرىقا مۇنبەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئافرىقا تەرەپ ئورتاق رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇنبەر مېخانىزمى قۇرۇلۇشى ۋە جۇڭگو-ئافرىقا دوستانە ھەمكارلىقى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. جۇڭگو شۇ چاغدا مۇنبەرنىڭ ئافرىقا تەرەپ ئەزالىرى بىلەن بىللە، يېڭى مەزگىلدىكى جۇڭگو-ئافرىقا دوستانە ھەمكارلىقى-تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىپ، تېخىمۇ قويۇق بولغان جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى قول تۇتۇشۇپ بەرپا قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

  رامافۇسا جۇڭگونىڭ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرى جوھاننىسبۇرگ ئۇچرىشىشىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشقا ئىنتىزار بولۇۋاتقانلىقىنى، جۇڭگو بىلەن زىچ ماسلىشىپ، ئىككى چوڭ پائالىيەتنى بىرلىكتە ياخشى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا شاھىت بولدى.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

  سۆھبەت باشلىنىشتىن ئىلگىرى، رامافۇسا شى جىنپىڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ ئالدى مەيدانىدا مەيىن شامال يۈزنى سىيپاپ ئۆتەتتى، قۇياش ئىللىق نۇرىنى سېپىپ تۇراتتى، جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دۆلەت بايرىقى لەپىلدەپ تۇراتتى. شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن رامافۇسا ۋە رەپىقىسى موسەيپېينىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە رەپىقىلىرى كۆرەك مۇنبىرىگە چىقتى. قوراللىق ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئېھتىرام بىلدۈردى. ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. نەق مەيداندا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. شى جىنپىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. ھەربىي ئوركېستىر جەنۇبىي ئافرىقا دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئاساسلىق ئەمەلدارلىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. رامافۇسا ۋە رەپىقىسى جۇڭگودىن ھەمراھ بولۇپ كەلگەنلەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە رەپىقىلىرى بىر-بىرىدىن سەمىمىي ئەھۋال سورىدى. رامافۇسا شى جىنپىڭنىڭ جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقى ھارپىسىدا جەنۇبىي ئافرىقىدا زىيارەتتە بولغانلىقىنى ھەم كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.