باش بەت>نۆۋەتلىشىپ قويۇلۇش

شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا-سانائەت مۇنبىرىگە قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2018-07-26 22:30:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:تۇمارس يالقۇن مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن 7-ئاينىڭ 25-كۈنى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جوھاننىسبۇرگتا ئۆتكۈزۈلگەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا-سانائەت مۇنبىرىگە قاتناشتى ھەم «دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى تاۋ فوتوسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جوھاننىسبۇرگ، 25-ئىيۇل تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خو شياۋگۇاڭ، مېڭ نا، لى جيەنمىن). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 25-كۈنى تەكلىپكە بىنائەن، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جوھاننىسبۇرگتا ئۆتكۈزۈلگەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا-سانائەت مۇنبىرىگە قاتناشتى ھەم «دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشكە ماسلىشىپ، ھەمكارلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىش، يېڭىلىق يارىتىش، يېتەكچىلىك قىلىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش، كۆپ تەرەپلىمىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشتا ئىجابىي رول ئوينىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  شى جىنپىڭ سۇترا خەلقئارا يىغىن مەركىزىگە كەلگەندە، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسانىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە يىغىن مەيدانىغا كىردى. شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە مۇھىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كېسەك ئالتۇن مېخانىزمىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە خەلقئارا ئەندىزىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ مەھسۇلى. بىرىنچى ئون يىلدا كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقى ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم جانلىنىشى ھەم قايتا ئېشىشىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى. بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىل مابەينىدە كۆرۈلمىگەن زور ئۆزگىرىشكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بارلىق گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ دۇنيا ھەم پۇرسەتكە، ھەم خىرىسقا تولغان. بىز خەلقئارا ئەندىزىدە ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان تارىخىي مۇساپىدە كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنى پىلانلاپ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئورتاق تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي مۇساپىسىدە ئۆز-ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىككىنچى «ئالتۇن ئون يىل»دا يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كەلگۈسى ئون يىل دۇنيا ئىقتىسادىدا كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئورنىغا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ئالمىشىدىغان ھالقىلىق ئون يىل، خەلقئارا ئەندىزە ۋە كۈچلەر سېلىشتۇرمىسىدا تېز ئۆزگىرىش بولىدىغان ئون يىل، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى چوڭقۇر ھەم قايتا يارىتىلىدىغان ئون يىل. مەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن بىللە، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنى جوھاننىسبۇرگتىن داۋاملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، بىرىكمە كۈچ ئارقىلىق خىرىسلارنى يېڭىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا ئىجابىي رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمەن.

  بىرىنچى، ھەمكارلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق ئىقتىساد قۇرۇشىمىز كېرەك. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى قەتئىي قۇرۇپ، بىر تەرەپلىمىلىك ۋە قورۇقچىلىققا بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنى دۇنياۋىلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئورتاق يېتەكلىشىمىز كېرەك. گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋە ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا كەسىپلەر ئىش تەقسىماتىغا ئۈنۈملۈك قاتنىشىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى ئىقتىسادنى دۇنياۋىلاشتۇرۇشنىڭ پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچى، يېڭىلىق يارىتىش، يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسىنى زورايتىپ، كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئورنىغا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا يېڭىلىق يارىتىش، ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىدىن تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە خەلقنى مەنپەئەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئۈچىنچى، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشىمىز كېرەك. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مەۋقەنى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا قويۇپ، 2030-يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن چوڭقۇر ئۇدۇللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت، مۇھىت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز كېرەك. خەلقئارالىق تەرەققىيات، ھەمكارلىقنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بىلەن ئافرىقىنىڭ ھەمكارلىقىنى تىرىشىپ جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  تۆتىنچى، كۆپ تەرەپلىمىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئورتاق تۈزگەن خەلقئارا قائىدىگە ھەقىقىي ئەمەل قىلىشقا دەۋەت قىلىپ، چوڭ-كىچىك دۆلەتلەر بىردەك باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل خەۋپسىزلىك قارىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، كۆپ تەرەپلىمىلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوللاپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئاددىي بولمىغان مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچتى. جۇڭگو خەلقى ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت يۈكسەك ئىشلارغا مۇھىم تۆھپە قوشتى. بىز جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا تېخىمۇ چوڭ پۇرسەت يارىتىمىز. بىز ئىشىكنى داۋاملىق چوڭ ئېچىپ قۇرۇلۇش قىلىپ، تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى داۋاملىق يارىتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئىمپورت دائىرىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، 2030-يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى بوشلۇق ئاچىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تەبىئىي ياخشى دوستى، ياخشى قېرىندىشى، ياخشى ھەمراھى، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقى جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسى. بۇ يىل 9-ئايدا، جۇڭگو ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىدا ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەت، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى پىلانلايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىقتىسادىي ھەمكارلىق − كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىدىكى ئەڭ مۇھىم، مول نەتىجىلىك ساھە. سودا-سانائەت ساھەسى كېسەك ئالتۇن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىدىكى ئاساسىي قوشۇن، جەڭگىۋار قوشۇن. ئىككىنچى «ئالتۇن ئون يىل»نى ئېچىش مۇساپىسىدە سودا-سانائەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىستىقبالى پارلاق. ھەرقايسى كارخانىچى دوستلارنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دادىل ئىسلاھات قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، بەش دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىق مۇساپىسى بەش دۆلەت قول تۇتۇشۇپ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەش، ئۈزلۈكسىز ھالقىش مۇساپىسىدۇر. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بىر نىيەتتە ھەمكارلاشقاندىلا، خەتەرلىك چوققا، تىك يارلاردىن ئۈزلۈكسىز ھالقىپ، يېڭى، يۇقىرى پەللىگە چىقىپ، يېڭى يۈكسەكلىككە يېتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت يۈكسەك ئىشلار ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشالايدۇ.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

  توگو زۇڭتۇڭى فائۇرې، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى مابۇزا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا-سانائەت مىنىستىرلىرى ۋە سودا-سانائەت ساھەسىدىكى زاتلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 1200 كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

  شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ پىرېتورىيەدىن ئايرىلىپ، جوھاننىسبۇرگقا يېتىپ بېرىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى.