باش بەت>نۆۋەتلىشىپ قويۇلۇش

شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2018-07-28 02:51:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككىنچى «ئالتۇن ئون يىل» گۈزەل ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

7-ئاينىڭ 26-كۈنى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئۇچرىشىشى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جوھاننىسبۇرگتا ئۆتكۈزۈلدى. جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى تېمېر، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى قاتناشتى. شى جىنپىڭ «گۈزەل ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)

7-ئاينىڭ 26-كۈنى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئۇچرىشىشى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جوھاننىسبۇرگتا ئۆتكۈزۈلدى. جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى تېمېر، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى قاتناشتى.

  سۈرەتتە: بەش دۆلەت رەھبەرلىرى بىللە سۈرەتكە چۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۈەنچى فوتوسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جوھاننىسبۇرگ، 26-ئىيۇل تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى شېڭجياڭ، چېن جى، لو جۈن). كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئۇچرىشىشى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جوھاننىسبۇرگتا ئۆتكۈزۈلدى. جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى تېمېر، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى قاتناشتى. بەش دۆلەت باشلىقلىرى «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئافرىقىدا: 4-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىدا سىغدۇرۇشچان ئېشىش ۋە ئورتاق گۈللىنىشنى بىللە پىلانلاش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ھەم ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان زور خەلقئارا مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

  شى جىنپىڭ «گۈزەل ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى سانائەت ئىنقىلابىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكىنى ئېچىپ بېرىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى توغرىسىدىكى تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئۇزاققىچە تىنچ بولغان، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللەنگەن، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇشىنى تەكىتلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 18-ئەسىردىن بۇيانقى ئۈچ قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىنىڭ ئاغدۇرۇش خاراكتېرلىك پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى زور دەرىجىدە ئازاد قىلىپ ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ تارىخىي تەرەققىيات يولىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى. ھازىر، بىز تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە سانائەت ئۆزگىرىشىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز. يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى كەسىپلەر ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتى ۋە تەقدىرى زىچ باغلىنىپ، بىر-بىرى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇنيا ئىقتىسادىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق، قۇرۇلمىلىق مەسىلىلەر ۋە رايون سىياسىي توقۇنۇشى، قورۇقچىلىق، بىر تەرەپلىمىلىك گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات تاشقى مۇھىتىغا بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزمەكتە.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تارىخىي زور ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئۈچ چاق ئارقىلىق قوزغىتىش» ھەمكارلىق رامكىسىنى مۇستەھكەملەپ، ئىككىنچى «ئالتۇن ئون يىل» گۈزەل ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  بىرىنچى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتىكى زور يوشۇرۇن كۈچنى قويۇپ بېرىش كېرەك. بىز سودا سېلىنمىسى، مالىيە، پۇل مۇئامىلە، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق تورتىنى زورايتىشىمىز، پۇختىلىشىمىز كېرەك. قائىدىنى ئاساس قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغداپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يېڭى سانائەت ئىنقىلابى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق ماكرو ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ چوڭقۇر ئۇدۇللىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەم كەڭ گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچى، خەلقئارا تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىكنى قەتئىي قوغداش كېرەك. بىز كۆپ تەرەپلىمىلىك بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى قوغداپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ئەمەل قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، سۆزلىشىش ئارقىلىق تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىپ، كېڭىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى تۈگىتىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل-ھەققانىي بولغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئادىمىيەت ئالاقىسى-ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر كېڭەيتىش كېرەك. بىز داۋاملىق ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئادىمىيەت زور ئالاقىسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، بەش دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.

  تۆتىنچى، زىچ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى تورى بەرپا قىلىش كېرەك. بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق رامكىلار ئىچىدە «كېسەك ئالتۇن +» ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ۋە تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، كەڭ دائىرىدىكى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ كەلگۈسى بەش دۆلەت خەلقىنىڭ قولىدا. بىز خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، ئۇزاققىچە تىنچ بولغان، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر، ئورتاق گۈللەپ ياشنىغان، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇپ چىقايلى.

  رامافۇسا ماۋۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈنكى دۇنيادا بىر تەرەپلىمىلىك ۋە قورۇقچىلىق باش كۆتۈرۈپ، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە پاسسىپ تەسىر كۆرسەتمەكتە. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپلىك تەرتىپنى قوغداشقا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەركەزلىك ئورنىنى قوغداشقا، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىنى قوغداشقا موھتاج. جەنۇبىي ئافرىقا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ يېڭى سانائەت ئىنقىلابى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىنى قوللاپ، 4-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتنى ياخشى ئىگىلەپ، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ ئىككىنچى «ئالتۇن ئون يىل»ىدا تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىگە قاراپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەيدۇ.

  تېمېر ماۋۇلارنى بىلدۈردى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تەرەققىيات ۋەزىپىسىگە دۇچ كەلمەكتە، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىپ، پەن-تېخنىكا رىقابەت كۈچىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  پۇتىن ماۋۇلارنى بىلدۈردى: ھازىرقى مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا مۇھىتتا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، كۆپ تەرەپلىمىلىكتە ۋە خەلقئارا قائىدىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرتىپنى قوغداشقا ئورتاق كۈچەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، باراۋەر تەرەققىيات ۋە سىياسىي ۋاسىتە ئارقىلىق رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى تەسىرىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

  مودى ماۋۇلارنى بىلدۈردى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى دۇنيانىڭ يۈكسىلىشىدىكى مۇھىم موتور. قورۇقچىلىقنىڭ باش كۆتۈرۈشى، كۆپ تەرەپلىك سىستېمىسىنىڭ خىرىسقا دۇچ كېلىشىگە قارىتا، بىز دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، كۆپ تەرەپلىمىلىكنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەركىن سودىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياۋىلىشىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك.

  ئۇچرىشىش مەزگىلىدە، بەش دۆلەت باشلىقلىرى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ خەۋپسىزلىك ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر يىغىنىنىڭ رەئىسى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا-سانائەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

  ئۇچرىشىشتا «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرى جوھاننىسبۇرگ خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنىپ، كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قوغداش، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇشقا قارىتا ئېنىق سىگنال بېرىلىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يېڭى سانائەت ئىنقىلابى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى باشلاش، ئىقتىساد-سودا، پۇل مۇئامىلە، سىياسىي خەۋپسىزلىك، ئادىمىيەت ئالاقىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قارار قىلىندى.

  ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بەش دۆلەت باشلىقلىرى كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججىتىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق شاھىت بولدى ھەم سىن ئارقىلىق ئىنسانىيەت بۆشۈكى خارابىسىنىڭ رېئال كۆرۈنۈشىنى كۆردى، ئارقىدىن قول ئىزىنى بېسىپ خاتىرە قالدۇردى. ئىنسانىيەت بۆشۈكى خارابىسى جوھاننىسبۇرگنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، بۇ يەردە بايقالغان ئىنسانلار ئەجدادىنىڭ تاشقاتمىسى پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئومۇمىي ساننىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ، بۇ، ئىنسانىيەتنىڭ مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىدى، بۇ خارابە 1999-يىلى دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.