باش بەت>نۆۋەتلىشىپ قويۇلۇش

شى جىنپىڭ «كېسەك ئالتۇن+» باشلىقلىرى سۆھبەتلىشىش يىغىنىغا قاتناشتى

يوللانغان ۋاقىت:2018-07-28 22:39:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

7-ئاينىڭ 27-كۈنى، «كېسەك ئالتۇن+» باشلىقلىرى سۆھبەتلىشىش يىغىنى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جوھاننىسبۇرگتا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سۆھبەتلىشىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى ۋە سۆھبەتلىشىش يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان دۆلەت باشلىقلىرى ياكى باشلىقلارنىڭ ۋەكىللىرى، شۇنداقلا ئالاقىدار ئافرىقا رايونى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جوھاننىسبۇرگ، 27-ئىيۇل تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار شاڭ ياڭ، لو جۈن). «كېسەك ئالتۇن+» باشلىقلىرى سۆھبەتلىشىش يىغىنى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جوھاننىسبۇرگتا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا قاتناشقان باشلىقلار خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقى ۋە جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقى زور پىلانى ئۈستىدە كېڭىشىپ، كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سۆھبەتلىشىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيا زور تەرەققىيات، زور ئۆزگىرىش، زور تەڭشىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئورتاق پۇرسەت ۋە خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى تېخىمۇ گەۋدىلەنمەكتە.

  بىرىنچى، «كېسەك ئالتۇن+» ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى ئورتاق چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. بىز ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا قوللاپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، «كېسەك ئالتۇن+» ھەمكارلىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى بەرپا قىلىپ، جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان سۇپا قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچى، «كېسەك ئالتۇن+» ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئورتاق قېزىش كېرەك. بىز پۇرسەتنى ئورتاق چىڭ تۇتۇپ، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئورنىتىلغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يېڭى سانائەت ئىنقىلابى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئارقىلىق تەرەققىياتقا يۈزلىنىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلەپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش ۋە ئۈنۈمنى ماسلاشتۇرۇشنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىجادچان، بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئۈچىنچى، «كېسەك ئالتۇن+» ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، پايدىلىق تاشقى مۇھىتنى ئورتاق بەرپا قىلىش كېرەك. بىز كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى ئورتاق قوغداپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەش ئىسلاھاتىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

  تۆتىنچى، «كېسەك ئالتۇن+» ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى ئورتاق بەرپا قىلىش كېرەك. بىز كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قەتئىي قوغداپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، 2030-يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇب-شىمال ھەمكارلىقىنى ئاساسىي لىنىيە، جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقىنى تولۇقلىما قىلغان خەلقئارالىق تەرەققىيات ھەمكارلىقى ئەندىزىسىدە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلۈشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز بۇ قېتىمقى سۆھبەتلىشىش يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئەزەلدىن ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ، ياخشى قېرىنداش. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو-ئافرىقا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى تېز راۋاجلىنىپ، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ دائىرىلىك ھەمكارلىق ئەندىزىسى شەكىللىنىپ، يۈز مىليونلىغان ئاممىغا نەپ يەتكۈزدى. كەلگۈسىدە خەلقئارا ئەندىزىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو چىن، سەمىمىي قاراش ۋە توغرا ھەققانىيەت، مەنپەئەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئافرىقىنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى داۋاملىق قوللايدۇ. بۇ يىل 9-ئايدا، جۇڭگو ئافرىقا بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ. مەن ئافرىقا باشلىقلىرى بىلەن بېيجىڭدا ئۇچرىشىپ، جۇڭگو-ئافرىقا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى ئارزۇ قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلىك ئورنى ئۆزگەرمىدى. مەيلى كەلگۈسىدە جۇڭگو قانداق تەرەققىي قىلسۇن، يەنىلا مەڭگۈ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتكە تەۋە بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىلا قەتئىي قوللايدۇ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە قويۇق ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا داۋاملىق كۈچەيدۇ. بىز «كېسەك ئالتۇن+» ھەمكارلىقىنى سۇپا قىلىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىيات جەريانىدا تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە قول تۇتۇشۇپ تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  سۆھبەتلىشىش يىغىنىغا قاتناشقان باشقا باشلىقلار كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرى جوھاننىسبۇرگ ئۇچرىشىشىنىڭ شيامېن ئۇچرىشىشى ئۇسۇلىنى داۋاملاشتۇرۇپ، داۋاملىق «كېسەك ئالتۇن+» باشلىقلىرى سۆھبەتلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەرىپلەپ، بۇ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى، دەپ ماختىدى، سۆھبەتلىشىش يىغىنىنى مېخانىزملاشتۇرۇپ، كەڭ دائىرىلىك تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىپ، جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قوللىدى. ھەرقايسى تەرەپلەر مۇنداق قارىدى: ھازىرقى ۋەزىيەتتە، بولۇپمۇ بىر تەرەپلىمىلىك ۋە قورۇقچىلىق باش كۆتۈرۈشتەك خىرىسقا دۇچ كەلگەن ئەھۋالدا، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئافرىقا بىلەن ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بىر تەرەپلىمىلىك ۋە قورۇقچىلىققا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، سىغدۇرۇشچان ئېشىش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىدىن جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى تېمېر، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى ۋە سۆھبەتلىشىش يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان دۆلەت − ئانگولا، ئارگېنتىنا، بوتسۋانا، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، مىسىر، گابون، لېسوتو، ماداغاسقار، مالاۋى، موزامبىك، نامىبىيە، رىۋاندا، سېنېگال، سېيشېل، تانزانىيە، توگو، تۈركىيە، ئۇگاندا، زامبىيە، زىمبابۋې، يامايكانىڭ باشلىقلىرى ياكى باشلىقلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، شۇنداقلا ئالاقىدار ئافرىقا رايونى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەتلىشىش يىغىنىغا قاتناشتى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.