باش بەت>نۆۋەتلىشىپ قويۇلۇش

سۆزلىشىپ كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇپ ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئالاقىلىشىپ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى چوڭقۇر، ئەمەلىي ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلققە بەخت يارىتىش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت:2018-08-29 12:58:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىنىڭ بەش يىللىقى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

سۆزلىشىپ كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇپ ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئالاقىلىشىپ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى چوڭقۇر، ئەمەلىي ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلققە بەخت يارىتىش كېرەك

خەن جېڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

8-ئاينىڭ 27-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىنىڭ بەش يىللىقى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 27-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جاۋ چاۋ، ئەن بېي). جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىنىڭ بەش يىللىقى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنىڭ ئىچكى تەلىپىگە ماسلاشقان بولۇپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولىدىغان، ھوقۇق-مەسئۇلىيەتنى تەڭ ئۈستىگە ئالىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى نامايان قىلىپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى يېڭى تەپەككۇر يولى، يېڭى لايىھە بىلەن تەمىنلىدى. بىز سۆزلىشىپ كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇپ ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئالاقىلىشىپ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنىڭ ئەڭ زور ئورتاق تونۇشى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا سىڭىشىش، ئادىمىيەت جەھەتتە ئالاقىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يولغا قويۇشنى قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرى سۈرۈپ، نەتىجىلەرنى بىر-بىرلەپ قولغا كەلتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى چوڭقۇر، ئەمەلىي ئىلگىرى سۈرۈپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ، دۆلەت كومىسسارى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ باشلىقى يىڭ يۇڭ، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چې جۈن، چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى تاڭ لياڭجى، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى يىن لى، خېرىدار چاقىرىش ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لى جيەنخۇڭ، جېجياڭ جىلى پاي كونترول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لى شۇفۇ، جۇڭگو ماكرولۇق ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى شى يۈلۇڭ ئىلگىرى-كېيىن سۆز قىلدى. ئۇلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى، پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: 2013-يىلى كۈزدە، بىز «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، بارغانسېرى كۆپ دۆلەت قىزغىن ئاۋاز قوشتى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش دۆلىتىمىزنىڭ دۇنياۋى ئېچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىشىشقا قاتنىشىش، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ياخشىلاش، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان جۇڭگو لايىھەسىگە ئايلىنىۋاتىدۇ. بەش يىلدىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش دۆلىتىمىزنىڭ سودا، مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېچىۋېتىش بوشلۇقىنىڭ دېڭىز بويى، دەريا بويىدىن ئىچكى قۇرۇقلۇق، چېگرا بويىغىچە كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئىچى-سىرتى ھەمتۈرتكە بولىدىغان، شەرق بىلەن غەرب قوش يۆنىلىشتە ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسى شەكىللەندى؛ بىزنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»غا ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بولغان مال سودا سوممىمىز جەمئىي 5 تىرىليون دوللاردىن، چەت ئەللەرگە بىۋاسىتە سالغان مەبلىغىمىز 60 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ، شۇ جايلارغا 200 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى يارىتىپ بەردى، دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەلگە سالغان مەبلىغى دۇنيا بويىچە چەت ئەلگە سېلىنىدىغان بىۋاسىتە مەبلەغنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم موتورغا ئايلاندى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىرقى دۇنيا زور تەرەققىي قىلىش، زور ئۆزگىرىش، زور تەڭشىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بىز ئىستراتېگىيەلىك نەزەر ھازىرلاپ، دۇنياۋى نەزەر تىكلەپ، ھەم خەۋپ-خەتەر، ئەندىشە ئېڭى ھەم تارىخىي پۇرسەت ئېڭىغا ئىگە بولۇپ، 100 يىلدىمۇ كۆرۈلمەيدىغان بۇ مەيدان زور ئۆزگىرىش داۋامىدا يۆنىلىشنى تىرىشىپ ئىگىلىشىمىز كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش سۇپىسى قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئەزەلدىن چىڭ تۇرۇپ كەلگەن دۇنيا بۈيۈك بىرلىكى ئىدىيەسىگە، جۇڭگولۇقلارنىڭ باشقىلارنى جەلپ قىلىش، دۆلەتلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈشتەك جاھان قارىشىغا ئۇيغۇن، خەلقئارا ئەخلاق ۋە ھەققانىيەت ئېگىزلىكىنى ئىگىلىگەن. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئىقتىسادىي ھەمكارلىق بولۇپلا قالماي، بەلكى دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسى ۋە دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىقتىسادنى يەرشارىلاشتۇرۇشنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم يول.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە سانائەتلىشىش، شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىقتىسادىي مۇستەقىللىق ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەۋج ئالماقتا. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللاشقا ئېرىشىشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى كۆزلەش ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىدە. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشەببۇسى بولۇپ، جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئىتتىپاق ياكى ھەربىي ئىتتىپاق قۇرۇش ئەمەس؛ ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇش مۇساپىسى بولۇپ، ئىشىكنى ئېتىۋېلىپ كىچىك گۇرۇھ ياكى «جۇڭگو كۇلۇبى» قۇرۇش ئەمەس؛ ئىدېئولوگىيە ئارقىلىق چەك-چېگرانى ئايرىغانلىق ئەمەس، «نۆل يىغىندىلىق ئويۇن» ئوينىغانلىقمۇ ئەمەس، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ تەشەببۇسقا قاتنىشىش ئارزۇسىلا بولىدىكەن، بىز ھەممىسىنى قارشى ئالىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاساس پۇختىلىنىپ، تۈۋرۈك تىكلىنىپ، لىملار ئېلىنغان بەش يىلنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش يىلتىز تارتىش، سىجىل تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. بىز قەدىمىمىزنى توختاتماي يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ، ساغلام، ياخشى تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ساقلاش ئاساسىدا، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشقا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك، بۇ كېيىنكى باسقۇچتا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ تەلىپى. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بايلىقنى بىرىكتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق مۇھىم، زور تۈرلەر قۇرۇلۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مۇھىم، زور تۈرلەر، پۇل مۇئامىلە ياردىمى، مەبلەغ سېلىش مۇھىتى، خەۋپ-خەتەرنى باشقۇرۇش-كونترول قىلىش، بىخەتەرلىك كاپالىتى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كۆرۈنمە نەتىجىلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، كىچىك ئىشلار ئارقىلىق زور نەتىجىلەرنى ھاسىل قىلىپ، بۇ تۈرلۈك خىزمەتنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىي ئىشلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىرقانچە يىلدا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىنى تاماملاپ، توم سىزما رەسىمنى سىزىپ چىقتۇق، بۇنىڭدىن كېيىن دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىللىق بىلەن ئىنچىكە ئىشلەپ، نەپىس بولغان «ئىنچىكە سىزما رەسىم»لەرنى ئورتاق سىزىپ چىقىشىمىز كېرەك. تۈر قۇرۇلۇشىغا كۈچ سەرپ قىلىپ، خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، يۈرۈشلەشكەن قوللاشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرنىڭ پائال ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىشىگە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، باشقا كۈن چۈشكەندە ياردەم بېرىدىغان، قارشى تەرەپ ئالدىرىغانغا ئالدىرايدىغان، يەرلىك پۇقرالارنى نەپكە ئېرىشتۈرىدىغان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك. بازار ئېچىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، سودىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تېخىمۇ كۆپ سۇپا قۇرۇپ، ئەمەلىي كۈچى بار كارخانىلارنى لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق سودا يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سودا تەڭپۇڭلۇقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە كاپالىتىگە كۈچ سەرپ قىلىپ، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى قوللايدىغان سىياسەت سىستېمىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، خەلق پۇلىنى خەلقئارالاشتۇرۇشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مەبلەغنىڭ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە، بايلىق ئېچىش قاتارلىق تۈرلەرگە ئورتاق سېلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، سىرتقا چىقىدىغان كارخانىلارنى تاشقى پېرىۋوت مەبلىغى مەدىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساياھەت، سەھىيە، ئارخىئولوگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنىڭ جۇش ئۇرۇپ قانات يېيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى چۆرىدەپ ئاجايىپ ئۈنۈملۈك خەلق تۇرمۇشى ياردىمىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش، تىجارەت ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇن-بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن تىجارەت قىلىپ، مۇھىت ئاسراشقا دىققەت قىلىپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ ئوبراز ئەلچىسىگە ئايلىنىش كېرەك. چېگرا سىرتىدىكى خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىخەتەرلىك ۋە خەۋپ-خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چېگرا سىرتىدىكى بىخەتەرلىك كاپالىتى ۋە خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ ماۋۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. جايلار، تارماقلار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پارتىيە ۋە دۆلەت ئومۇمىيلىقىدا تۇرۇپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش خىزمىتىنى پىلانلىشى، ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، باشلامچىلىق بىلەن ئومۇملۇقنى تۇتۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جايلار، تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەت لايىھەسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ۋەزىپىنى قاتلاممۇ قاتلام پارچىلاپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرما-تەدبىرلەرنىڭ بىرمۇ بىر جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جايلار «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق دۆلەت ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، غەربىي رايون، شەرقىي شىمال رايونىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ چېگرا بويىدىكى رايونلارنىڭ ئېچىۋېتىش ئالدىنقى لىنىيەسىگە ئايلىنىشىغا ياردەم بېرىپ، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئىچى-سىرتى ھەمتۈرتكە بولىدىغان، شەرق بىلەن غەرب قوش يۆنىلىشتە ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  خەن جېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا ماۋۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، ئومۇمىيەت بىر تۇتاش ئىگىلەنگەن بولۇپ، ئىدىيەسى چوڭقۇر، مەزمۇنى مول، ئۇ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. بىز سۆزنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، پەيتنى قولدىن بەرمەسلىكتەك روھ بىلەن خىزمەتكە ئاتلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. ئومۇمىيەت ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرنى كۈچەيتىپ، پىلان لايىھەسىنى ياخشى قىلىپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، تەشۋىقات ئاممىۋى پىكرىگە ئەھمىيەت بېرىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى «ئىنچىكە سىزما رەسىم»لەرنى تىرىشىپ ياخشى سىزىشىمىز كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ رەھبەرلىكىدە ماسلاشتۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى-تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇش، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، ھەيدەكچىلىكنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان خىزمەت مېخانىزمىنى كۈچەيتىشى كېرەك. جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ياڭ جيېچى، خۇ چۈنخۇا، شياۋ جيې سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇللىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىرى، ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.