باش بەت>نۆۋەتلىشىپ قويۇلۇش

10-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار، مۇھاجىرلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئېچىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2018-08-31 00:50:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قۇرۇلتايغا قاتنىشىپ تەبرىكلىدى، جاۋ لېجى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى

8-ئاينىڭ 29-كۈنى، 10-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار، مۇھاجىرلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى قۇرۇلتىيى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.

  سۈرەتتە: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ رەئىس سەھنىسىدە قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەرگە ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)

8-ئاينىڭ 29-كۈنى، 10-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار، مۇھاجىرلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى قۇرۇلتىيى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 29-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جاڭ شياۋسۇڭ، رۇڭ چىخەن). 10-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار، مۇھاجىرلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى قۇرۇلتىيى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى قۇرۇلتايغا قاتنىشىپ تەبرىكلىدى، جاۋ لېجى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

  خەلق سارىيىنىڭ چوڭ زالىدا چىراغلار كۆزنى چاقنىتاتتى، يىغىن مەيدانى قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەنىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «10-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار، مۇھاجىرلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى قۇرۇلتىيى» دېگەن يىغىن بەلگىسى ئېسىلغانىدى، كەينى تەرەپتىكى پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا بەش چوڭ قىتئەدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار قەلبىنىڭ ۋەتەنگە تەلپۈنۈشىگە سىمۋول قىلىنغان جۇڭگو مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ گېربى ئېسىلغان بولۇپ، كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى، ئون قىپقىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە رەتلىك تىزىلغانىدى. 2-قەۋەتتىكى كۆرۈش سۇپىسىغا «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەنگە قايتقان كەڭ مۇھاجىرلار، مۇھاجىرلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە چەت ئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!» دېگەن خەتلەر يېزىلغان چوڭ لوزۇنكا ئېسىلغانىدى. مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 1300 نەپەرگە يېقىن ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار، مۇھاجىرلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ۋەكىلى ۋە ئەزىز مېھمان سۈپىتىدە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان 110 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 700 نەپەرگە يېقىن چەت ئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداش خۇشال-خۇرام جەم بولغانىدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىقلار يىغىن مەيدانىغا كىرگەندە، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  قۇرۇلتاي جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە ئېچىلدى.

  جاۋ لېجى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن «يېڭى دەۋردە مۇھاجىرلارنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتەيلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. جاۋ لېجى ئالدى بىلەن قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ۋەتەنگە قايتقان كەڭ مۇھاجىرلار، مۇھاجىرلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە چەت ئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار، مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  جاۋ لېجى سۆزىدە مۇنداق دېدى: 9-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار، مۇھاجىرلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى، مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى كادىرلىرى يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلدى. ۋەتەنگە قايتقان كەڭ مۇھاجىرلار، مۇھاجىرلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە چەت ئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار باشتىن-ئاخىر ۋەتىنىمىز بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇپ، ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پائال تۆھپە قوشتى، ۋەتەننى، يۇرتىنى سۆيۈشتەك ئوتتەك ھېسسىياتى، بوشاشماي كۈرەش قىلىش روھى، ئوچۇق، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان خەلقئارا ئوبرازىنى نامايان قىلدى.

  جاۋ لېجى ماۋۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھاجىرلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ مۇھاجىرلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئورتاق نىشانى، شۇنداقلا دۆلىتىمىز ئىچى-سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق بۇرچى. ۋەتەنگە قايتقان كەڭ مۇھاجىرلار، مۇھاجىرلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە چەت ئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارنىڭ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگو ساداسىنى ياخشى تارقىتىپ، ۋەتەننىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھەققانىيەت ئىشلىرىنى قوغداپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ شياۋۋېي جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار دوستلۇق جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن يىغىندا تەبرىك سۆزى قىلدى. تەبرىك سۆزىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەر قايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئالاقە باغلىغان ئاممىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇشقا يېتەكلەپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئورتاق يارىتىشى كېرەك.

  قۇرۇلتايدا «جۇڭگو مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى، گوۋۇيۈەن مۇھاجىرلار ئىشخانىسىنىڭ جۇڭگو مۇھاجىرلار ساھەسىدىكى مەشھۇر شەخسلەر ۋە مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار، مۇھاجىرلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئىچىدىكى ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى»، «ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، جۇڭگو مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى»، «جۇڭگو مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى سىستېمىسىدىكى ئىلغار تەشكىلاتلار ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى» ئوقۇپ ئۆتۈلدى ھەم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئورۇنلار ۋە شەخسلەرگە مۇكاپات تارقىتىلدى.

  قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى ۋەن لىجۈن جۇڭگو مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى 9-نۆۋەتلىك كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا «يېڭى ئىدىيەنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇپ، ۋەتەنگە قايتقان كەڭ مۇھاجىرلار، مۇھاجىرلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە چەت ئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى» دېگەن تېمىدا خىزمەت دوكلاتى بەردى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ قىسمەن شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، ھەر قايسى خەلق تەشكىلاتلىرى، بېيجىڭ شەھىرى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى، 10-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار، مۇھاجىرلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، ئەزىز مېھمان سۈپىتىدە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان چەت ئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلاردىن بولۇپ، جەمئىي 3000 دەك كىشى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.