باش بەت>نۆۋەتلىشىپ قويۇلۇش

جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى داغدۇغىلىق ئېچىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2018-09-04 21:16:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:دىلنۇر تۇرغۇن مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى

قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋردە تېخىمۇ زىچ جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، كەسىپلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى قولايلاشتۇرۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، ساغلاملىق-ساقلىقنى ساقلاش، ئادىمىيەت ئالاقىسى، تىنچلىق-خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت «سەككىز چوڭ ھەرىكەت»نى نۇقتىلىق ياخشى يولغا قويۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

9-ئاينىڭ 3-كۈنى، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «قول تۇتۇشۇپ تەقدىرداش بولايلى، بىر مەقسەتتە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەيلى» تېمىسىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ ۋېيبىڭ فوتوسى)

9-ئاينىڭ 3-كۈنى، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «قول تۇتۇشۇپ تەقدىرداش بولايلى، بىر مەقسەتتە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەيلى» تېمىسىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

  سۈرەتتە: ئېچىلىش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ مۇنبەر باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان چەت ئەل باشلىقلىرى بىلەن كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ لىڭ فوتوسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-سېنتەبىر تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار بەي جيې، جۇ چاۋ، دىڭ شياۋشى). 9-ئاينىڭ 3-كۈنى، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو-ئافرىقا قول تۇتۇشۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىگە ئالىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان، بەختتىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، مەدەنىيەتنى ئورتاق گۈللەندۈرىدىغان، خەۋپسىزلىكنى ئورتاق يارىتىدىغان، ئىناق ئۆتۈپ ئورتاق ياشايدىغان جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، كەسىپلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى قولايلاشتۇرۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، ساغلاملىق-ساقلىقنى ساقلاش، ئادىمىيەت ئالاقىسى، تىنچلىق-خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت «سەككىز چوڭ ھەرىكەت»نى نۇقتىلىق ياخشى يولغا قويۇشى كېرەك.

  باش كۈزدىكى بېيجىڭ، تيەنئەنمېن مەيدانى ۋە چاڭئەن كوچىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغانىدى، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت بايرىقى، ئافرىقا ئىتتىپاقى بايرىقى ۋە جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى گېربى بېسىلغان بايراقلار شامالدا لەرزان لەپىلدەۋاتاتتى. خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل گىلەمنىڭ ئىككى تەرىپىدە سەپ بولۇپ تۇرغانىدى. سائەت 16 ئەتراپىدا، مۇنبەر باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان چەت ئەل باشلىقلىرى ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ كەلدى. شى جىنپىڭ شىمالىي چوڭ زالدا ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالدى، ئۇلار بىلەن بىر-بىرلەپ سەمىمىي قول ئېلىشتى، ئۆزئارا ئەھۋال سوراشتى. ئارقىدىن، جۇڭگو ۋە چەت ئەل باشلىقلىرى كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى.

  چوڭ زالدا چىراغلار كۆزنى قاماشتۇراتتى، زال ئىچىگە رەڭگارەڭ گۈللەر چىرايلىق تىزىلغانىدى. جۇڭگو-ئافرىقا ھەمراھلىرى بىر يەرگە جەم بولدى. رەئىس سەھنىسىدە جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى گېربى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى، جۇڭگو ۋە 53 ئافرىقا دۆلىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى، ئافرىقا ئىتتىپاقى بايرىقى خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، فىرانسۇزچە يېزىلغان «2018-يىللىق جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى» دېگەن زور كۆك دېكىراتسىيە تاختىيىنىڭ ئالدىغا رەتلىك تىزىلغانىدى. سائەت 16 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، ھەربىي ئوركېستىر قىزغىن، ھەيۋەتلىك قارشى ئېلىش مارشىنى ئورۇنلىدى، شى جىنپىڭ ۋە چەت ئەل باشلىقلىرى بىرلىكتە يىغىن مەيدانىغا كىردى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، گۈلدۈراس ئالقىش ياڭراتتى.

  ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ «قول تۇتۇشۇپ تەقدىرداش بولايلى، بىر مەقسەتتە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەيلى» تېمىسىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنبەر باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان چەت ئەل باشلىقلىرى، گامبىيە، سان تومى ۋە پۇرىنسىپې، بۇركىنا فاسونى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇنبەرنىڭ ئۈچ يېڭى ئەزاسىنىڭ باشلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ ماۋۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-ئافرىقا ئىككى تەرەپ ئوخشىشىپ كېتىدىغان سەرگۈزەشتىلىرى ۋە ئورتاق بۇرچى ئاساسىدا، ئىلگىرىكى يىللاردا بىر قەلب، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئۆزئارا بىرلىشىپ قوغدىنىپ، ئۆزگىچە ۋە روشەن بولغان ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش يولىنى تېپىپ چىقتى. بۇ يولدا جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ھەقىقىي، سەمىمىي بولۇش ئىدىيەسى ۋە توغرا ھەققانىيەت-مەنپەئەت قارىشىغا ئەمەل قىلىپ، ئافرىقىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلىدى. جۇڭگو ھەمكارلىشىش جەريانىدا سەمىمىي دوستانە بولۇش، ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇردى، ھەققانىيەت بىلەن مەنپەئەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، ھەققانىيەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇردى، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشتا چىڭ تۇردى، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ھەممىنى قوبۇل قىلىشتا چىڭ تۇردى. جۇڭگو «بەشنى قىلماسلىق»، يەنى: ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە ئارىلاشماسلىق، ئافرىقىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق، ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى باشقىلارغا زورلاپ تاڭماسلىق، ئافرىقىغا ياردەم بېرىشتە ھېچقانداق قوشۇمچە سىياسىي شەرت قويماسلىق، ئافرىقىغا مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈشتە شەخسىي سىياسىي مەنپەئىتىنى كۆزلىمەسلىكتە چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئافرىقا ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندا بۇ «بەشنى قىلماسلىق»قا ئەمەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  شى جىنپىڭ ماۋۇلارنى تەكىتلىدى: ئافرىقىنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى چەكسىز، ئافرىقىنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدكە تولغان، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ دوستانە ھەمكارلىق ئىستىقبالى پارلاق، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى زور ئىستىقبالغا ئىگە. جۇڭگو مەڭگۈ ئافرىقىنىڭ ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى، ياخشى قېرىندىشى. جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ ياخشى بولۇش-بولماسلىقىدا جۇڭگو خەلقى بىلەن ئافرىقا خەلقىلا ھەممىدىن بەك سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. ھەر قانداق كىشى جۇڭگو-ئافرىقا خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلالمايدۇ، ھەرقانداق كىشى جۇڭگو-ئافرىقا خەلقىنىڭ گۈللىنىش قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ، ھەر قانداق كىشى تەسەۋۋۇر ۋە سۇبيېكتىپ پەرەز ئارقىلىق جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرىنى ئىنكار قىلالمايدۇ، ھەر قانداق كىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان ئىجابىي ھەرىكىتىنى توسۇيالمايدۇ ۋە ئۇنىڭغا كاشىلا قىلالمايدۇ.

  شى جىنپىڭ ماۋۇلارنى كۆرسەتتى: تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ھازىرقى دەۋرنىڭ باش تېمىسى، شۇنداقلا دەۋر سوئالى. دەۋر سوئالى ئالدىدا، جۇڭگو دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ؛ خەلقئارادىكى ھەمكارلىق ھەمراھلىرى بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تىنچلىق يولى، گۈللىنىش يولى، ئېچىۋېتىش يولى، يېشىل يول، يېڭىلىق يارىتىش يولى، مەدەنىيلىك يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى خالايدۇ؛ دۇنيانى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئارزۇسى ۋە مەنپەئىتىنى تېخىمۇ تەڭپۇڭ ئەكس ئەتتۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ؛ ئېچىۋېتىشتە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى ۋە كۆپ تەرەپلىمە سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

  شى جىنپىڭ ماۋۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، ئافرىقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئەڭ مەركەزلەشكەن چوڭ قۇرۇقلۇق، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا بۇرۇنلا بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلغان. بىز ئافرىقا خەلقى بىلەن تېخىمۇ زىچ جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا ئۈلگە بولۇشنى خالايمىز.

  بىرىنچى، قول تۇتۇشۇپ مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىگە ئالىدىغان جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش. بىز بىر-بىرىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا چۈشىنىش، قوللاشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدىكى ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ۋە بارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدىشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچى، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش. بىز «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئېلىپ كەلگەن مۇھىم، زور پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ «2063-يىل قارالمىسى»، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى ھەمدە ئافرىقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن ئۆزئارا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، يېڭى ھەمكارلىق بوشلۇقى ئېچىپ، يېڭى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ چىقىشىمىز كېرەك.

  ئۈچىنچى، قول تۇتۇشۇپ بەختتىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش. بىز خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىشىمىز كېرەك.

  تۆتىنچى، قول تۇتۇشۇپ مەدەنىيەتنى ئورتاق گۈللەندۈرىدىغان جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش. بىز جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاقىلىشىشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى، يۇغۇرۇلۇشى، ئورتاق مەۋجۇت بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-ئافرىقا خەلقىنىڭ ھېسسىيات رىشتىسىنى چىڭىتىشىمىز كېرەك.

  بەشىنچى، قول تۇتۇشۇپ خەۋپسىزلىكنى ئورتاق يارىتىدىغان جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش. جۇڭگو ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقى قاتارلىق رايون تەشكىلاتلىرىنىڭ ئافرىقا مەسىلىسىنى ئافرىقىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇقىملىقنى، تىنچلىقنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ.

  ئالتىنچى، قول تۇتۇشۇپ ئىناق ئۆتۈپ ئورتاق ياشايدىغان جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش. جۇڭگو ئافرىقا بىلەن بىرلىكتە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئايلانما، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ساھەسىدىكى ئالاقە-ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ ماۋۇلارنى جاكارلىدى: جۇڭگو يېڭى دەۋردە تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، جوھاننىسبۇرگ باشلىقلار يىغىنىدا بېكىتىلگەن جۇڭگو-ئافرىقا «ئون چوڭ ھەمكارلىق پىلانى» ئاساسىدا، ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن زىچ ماسلىشىپ، كەلگۈسى ئۈچ يىل ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە «سەككىز چوڭ ھەرىكەت»نى نۇقتىلىق يولغا قويۇشنى خالايدۇ.

  بىرىنچى، كەسىپلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش. جۇڭگو جۇڭگودا جۇڭگو-ئافرىقا ئىقتىساد-سودا كۆرگەزمىسى تەسىس قىلىشنى، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئافرىقىغا بولغان سېلىنمىنى زورايتىشىغا ئىلھام بېرىشنى، ئافرىقىنىڭ 2030-يىلىدىن ئىلگىرى ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللاشنى، جۇڭگونىڭ ئافرىقىدىكى كارخانىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئىتتىپاقى قۇرۇشىنى قوللاشنى قارار قىلدى.

  ئىككىنچى، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش. جۇڭگو ئافرىقا ئىتتىپاقى بىلەن «جۇڭگو-ئافرىقا ئۇل ئەسلىھە ھەمكارلىقى يىرىك پىلانى» تۈزۈشنى باشلاشنى، ئافرىقا بىلەن بىرلىكتە بىر تۈركۈم ئافرىقا ئۇل ئەسلىھەسى، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش نۇقتىلىق تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنى، ئافرىقىنىڭ يەككە ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت بازىرى قۇرۇلۇشىنى قوللاشنى، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى، يېڭى تەرەققىيات بانكىسى، يىپەك يولى فوندى قاتارلىق بايلىقلاردىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىشىنى قوللاشنى قارار قىلدى.

  ئۈچىنچى، سودىنى قولايلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش. جۇڭگو ئافرىقا تاۋارلىرى، بولۇپمۇ بايلىق تۈرىدىن باشقا مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتىشنى، ئافرىقا قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى قوللاشنى، جۇڭگو-ئافرىقا ئېلېكتىرونلۇق سودا ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشنى قارار قىلدى.

  تۆتىنچى، يېشىل تەرەققىيات ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش. جۇڭگو ئافرىقا بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، دېڭىز-ئوكيان ھەمكارلىقى، چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش، ياۋايى ھايۋاناتلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاقە-ھەمكارلىقنى نۇقتىلىق كۈچەيتىشنى قارار قىلدى.

  بەشىنچى، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش. جۇڭگو ئافرىقا بىلەن تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئافرىقىنى ئادەم كۈچى بايلىقى تەربىيەسى بىلەن تەمىنلەپ، ياشلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشنى مەقسەت قىلغان جۇڭگو-ئافرىقا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق مەركىزى قۇرۇشنى قوللاشنى قارار قىلدى.

  ئالتىنچى، ساغلاملىق-ساقلىقنى ساقلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش. جۇڭگو داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش بويىچە ئافرىقىغا ياردەم بېرىدىغان 50 تۈرنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئافرىقا ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مەخسۇس كېسەللەر دوختۇرى يېتىشتۈرۈپ، ئافرىقىغا ياردەم بېرىدىغان داۋالاش ئەترەتلىرىنى داۋاملىق ئەۋەتىپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، «يورۇقلۇق سەپىرى»، «مېھىر-شەپقەت سەپىرى»، «تەبەسسۇم سەپىرى» قاتارلىق داۋالاش، سەييارە كېسەل كۆرۈش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاجىزلار توپىغا يۈزلەنگەن ئانا-بالىلار قەلبداش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى.

  يەتتىنچى، ئادىمىيەت ئالاقىسى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش. جۇڭگو ئافرىقا تەتقىقات يۇرتى قۇرۇپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ يىپەك يولى خەلقئارا تىياتىرخانىسى، مۇزېي، سەنئەت بايرىمى قاتارلىق ئىتتىپاققا قاتنىشىشىنى قوللاشنى، جۇڭگو-ئافرىقا تاراتقۇلار ھەمكارلىق تورى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئۆزئارا مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇشنى، ئافرىقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ كۇڭزى شۆيۈەنى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشىنى قوللاشنى، تېخىمۇ كۆپ ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو پۇقرالىرى ئۆمەك تەشكىللەپ چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىدىغان مەنزىلگاھقا ئايلىنىشىنى قوللاشنى قارار قىلدى.

  سەككىزىنچى، تىنچلىق-خەۋپسىزلىك ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش. جۇڭگو جۇڭگو-ئافرىقا تىنچلىق-خەۋپسىزلىك ھەمكارلىق فوندى تەسىس قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ تىنچلىق-خەۋپسىزلىك ۋە تىنچلىق ساقلاش، مۇقىملىقنى قوغداش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاشنى، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ رايون خەۋپسىزلىكى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قوللاشنى، جۇڭگو-ئافرىقا تىنچلىق-خەۋپسىزلىك مۇنبىرى تەسىس قىلىشنى قارار قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «سەككىز چوڭ ھەرىكەت»نىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، جۇڭگو ھۆكۈمەت ياردەم بېرىش، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە كارخانىلار مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئافرىقىنى 60 مىليارد دوللارلىق ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا ماۋۇلارنى تەكىتلىدى: ياشلار جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈمىدى. جۇڭگو-ئافرىقا «سەككىز چوڭ ھەرىكەت» تەشەببۇسىدىكى نۇرغۇن تەدبىردە ياشلار، ياشلارنى تەربىيەلەش، ياشلارغا يار-يۆلەك بولۇش كۆزدە تۇتۇلغان. ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو-ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ كۈچ ئۇلاش تايىقى ياش ئەۋلادلارنىڭ قولىدا ئۈزلۈكسىز يەتكۈزۈلسىلا، جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى جەزمەن تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى بىلەن ئافرىقا خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئافرىقا ئارزۇسى جەزمەن بالدۇر ئەمەلگە ئاشىدۇ.

  شى جىنپىڭنىڭ سۆزى نەق مەيداندىكى ئافرىقا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەر باشلىقلىرى ۋە مېھمانلارنىڭ بىردەك قوللىشىغا ئېرىشتى. پۈتۈن مەيداندا كۆپ قېتىم گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئورتاق رەئىس دۆلىتى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ زۇڭتۇڭى رامافۇسا، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى رىۋاندا زۇڭتۇڭى كاگامى، باشلىقلار يىغىنىغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئەزىز مېھمان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس، ئافرىقا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى فاكى ئىلگىرى-كېيىن سۆز قىلدى.

  ئۇلار ماۋۇلارنى بىلدۈردى: ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، دوستانە ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول. ئۇزاقتىن بۇيان، ئافرىقا بىلەن جۇڭگو باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىدا ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى. جۇڭگو ئافرىقىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى، ئافرىقىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمىدى، ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقتا ھېچقانداق قوشۇمچە سىياسىي شەرت قويمىدى. ئافرىقا دۆلەتلىرى ئافرىقا-جۇڭگو ھەمكارلىقىنى كۆرۈشنى خالىمايدىغان ئاشۇ بىر قىسىم كىشىلەر ئويدۇرۇپ چىقارغان «يېڭى مۇستەملىكىچىلىك» نەزەرىيەسىگە قارشى تۇرىدۇ. ئافرىقا تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئىجادىيەتكە يۈكسەك باھا بېرىدۇ، ئافرىقا دۆلەتلىرى ئالاقىدار ھەمكارلىققا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆز تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى تولۇق ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.

  ئۇلار ماۋۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى تېخىمۇ زىچ جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئافرىقا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى ئورتاق پىلانلاشقا كۈچەيدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «سەككىز چوڭ ھەرىكەت» كىشىنى خۇشال قىلىدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا مۇھىم ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئافرىقا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ زىچ جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى ئافرىقا تەرەپ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ باشلىقلىرى ھەم خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىق جۇڭگو ۋە ئافرىقىدىكى ھەر ساھە زاتلاردىن تەخمىنەن 3200 كىشى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ چېن، ليۇ خې، سۈن چۈنلەن، ياڭ جيېچى، خۇ چۈنخۇا، خۇاڭ كۈنمىڭ، سەي چى، جاۋ كېجى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  ۋاڭ يى ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ھازىر جۇڭگو، جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئافرىقىدىكى 53 دۆلەت ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقى كومىتېتىدىن ئىبارەت 55 ئەزاسى بار. جۇڭگو-ئافرىقا ئىككى تەرەپ 2006-يىلى، 2015-يىلى، 2018-يىلى ئۈچ قېتىم باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ باش تېمىسى «ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ زىچ جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش» بولۇپ، باشلىقلار يىغىنىدا جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ «2063-يىل قارالمىسى» قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.