باش بەت>نۆۋەتلىشىپ قويۇلۇش

جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزدى

يوللانغان ۋاقىت:2018-09-05 20:44:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:تۇمارس يالقۇن مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بېيجىڭ خىتابنامىسى ۋە بېيجىڭ ھەرىكەت پىلانى ماقۇللاندى

9-ئاينىڭ 4-كۈنى، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-باسقۇچلۇق يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

9-ئاينىڭ 4-كۈنى، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن مۇنبەرنىڭ ئورتاق رەئىس دۆلىتى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ زۇڭتۇڭى رامافۇسا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1-باسقۇچلۇق ۋە 2-باسقۇچلۇق يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى تاۋ فوتوسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4-سېنتەبىر تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋاڭ جولۈن، ليۇ يۈجيا). جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن مۇنبەرنىڭ ئورتاق رەئىس دۆلىتى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ زۇڭتۇڭى رامافۇسا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1-باسقۇچلۇق ۋە 2-باسقۇچلۇق يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا «تېخىمۇ زىچ جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى بېيجىڭ خىتابنامىسى» ۋە «جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى − بېيجىڭ ھەرىكەت پىلانى (2019-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە)» ماقۇللاندى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10لار ئەتراپىدا، شى جىنپىڭ مۇنبەرنىڭ ئورتاق رەئىس دۆلىتى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ زۇڭتۇڭى رامافۇسا ۋە مۇنبەرگە ئەزا باشقا 53 ئافرىقا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن بىللە يىغىن مەيدانىغا كىردى. شى جىنپىڭ يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

  يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەر جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تېخىمۇ زىچ جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، شۇنداقلا ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا كۆز قاراشلىرىنى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى كۈندىن بۇيان، بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى «ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ زىچ جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش»تىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى چۆرىدەپ، ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئاساسىي مېلودىيەسىنى يەنە بىر قېتىم ياڭراتتى.

  شى جىنپىڭ ماۋۇلارنى كۆرسەتتى: مۇنبەرنىڭ بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغان 18 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ 2015-يىلى ئېچىلغان جوھاننىسبۇرگ باشلىقلار يىغىنىدىن بۇيان، جۇڭگو-ئافرىقا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن زور تەرەققىياتنى بىرلىكتە ئەسلەپ ئۆتتى، جۇڭگو-ئافرىقا «ئون چوڭ ھەمكارلىق پىلانى»نىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا قاراپ چىقتى، بۇنىڭدىن مەمنۇن بولدۇق. بىز قول تۇتۇشۇپ مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىگە ئالىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان، بەختتىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، مەدەنىيەتنى ئورتاق گۈللەندۈرىدىغان، خەۋپسىزلىكنى ئورتاق يارىتىدىغان، ئىناق ئۆتۈپ ئورتاق ياشايدىغان جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگو-ئافرىقا خەلقلىرىنىڭ قەلب رىشتىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ دەۋر مەزمۇنىنى بېيىتىشنى بىردەك قارار قىلدۇق.

  شى جىنپىڭ ماۋۇلارنى كۆرسەتتى: بىز باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجە ھۆججەتلىرىنى بىردەك ماقۇللاپ، جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردۇق. «تېخىمۇ زىچ جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى بېيجىڭ خىتابنامىسى»دە، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ھازىرقى دۇنيادىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئورتاق تونۇشى ئومۇميۈزلۈك گەۋدىلەندۈرۈلدى، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق، پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ئىرادىسى نامايان قىلىندى. «جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى − بېيجىڭ ھەرىكەت پىلانى (2019-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە)»دا، كەلگۈسى ئۈچ يىل ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى پىلانلىنىپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ «سەككىز چوڭ ھەرىكەت»نى قول تۇتۇشۇپ يولغا قويۇش، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئارزۇسى نامايان قىلىندى، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانى سۈرەتلەپ بېرىلدى.

  شى جىنپىڭ ماۋۇلارنى تەكىتلىدى: بىز ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنى جۇڭگو-ئافرىقا ئىتتىپاقلىقى-ھەمكارلىقىدىكى داڭلىق ماركا، خەلقئارانىڭ ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقىدىكى بايراق قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا بىردەك قوشۇلدۇق. بىز سىياسەت جەھەتتە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، مۇنبەرنىڭ باشلىقلار يىغىنى نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىمىز ھەم جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشى، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ «2063-يىل قارالمىسى»، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى، ئافرىقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ۋە ئۈنۈملۈك سۇپا بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنى تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە تېخىمۇ چوڭ بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيمىز.

  شى جىنپىڭ ماۋۇلارنى كۆرسەتتى: باشلىقلار يىغىنىدا خەلقئارا ۋەزىيەت، تىنچلىق، خەۋپسىزلىك، دۇنيانى ئىدارە قىلىش قاتارلىق مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇلدى. بىز ئالاقىلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغداپ، قورۇقچىلىققا، بىر تەرەپلىمىلىككە قارشى تۇرۇپ، بىر-بىرىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتىنى ئورتاق قوغداپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەيدىغان، ئادىل-ھەققانىي بولغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا بەل باغلىدۇق.

  شى جىنپىڭ ماۋۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتى كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى توپلاپ، كەڭ، گۈزەل كەلگۈسىنى كۈتۈۋالماقتا. جۇڭگو ئافرىقا بىلەن بىللە، مۇنبەر بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ «شەرق شامىلى»نىڭ تۈرتكىسىدە، جۇڭگو-ئافرىقا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە يۈكسىلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. بىز قەتئىي بوشاشماي جۇڭگو-ئافرىقا ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو-ئافرىقا دوستلۇق دەرىخىنى تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ياشنىتىشىمىز؛ جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشىنى قەتئىي بوشاشماي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىشىمىز؛ جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى بىلەن تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو-ئافرىقا خەلقىگە نەپ يەتكۈزۈشىمىز؛ جۇڭگو-ئافرىقا ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى قەتئىي بوشاشماي كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىيات دولقۇنىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ ماۋۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، ئافرىقا خەلقىنىڭ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئافرىقىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىق ھەمراھلىرىنىڭ ئافرىقىغا ھەسسىلەپ ئەھمىيەت بېرىپ، ئافرىقىغا مەبلەغ سېلىش ۋە ئافرىقا بىلەن ھەمكارلىشىشنى زورايتىشىغا تېخىمۇ تۈرتكە بولدى. بىز بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش ئۇلۇغ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى.

  ئافرىقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىغا يۈكسەك باھا بېرىپ، بىردەك مۇنداق قارىدى: باشلىقلار يىغىنى ئافرىقا-جۇڭگو ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتىكى تارىخىي خاراكتېرلىك كاتتا يىغىن بولدى، دۇنياغا ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ دوستانە ھەمكارلىقنى تىرىشىپ كۈچەيتىش، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كۈچلۈك سىگنالىنى يەنە بىر قېتىم تارقاتتى. تېخىمۇ كۆپ ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ مۇنبەرگە ئەزا بولغانلىقىدىن، ئافرىقا-جۇڭگو دوستلۇقى دوستلار چەمبىرىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەنلىكىدىن تولىمۇ خۇشال بولدۇق. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، نەتىجسى مول بولۇپ، ئافرىقا-جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئافرىقا-جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى. مۇنبەر تېخىمۇ زىچ جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ توپلىدى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ جۇغلىدى.

  ئافرىقا تەرەپ جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جوھاننىسبۇرگ باشلىقلار يىغىنىدا بېكىتىلگەن «ئون چوڭ ھەمكارلىق پىلانى»نىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىدىن مەمنۇن بولدى، شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە جاكارلىغان «سەككىز چوڭ ھەرىكەت» قاتارلىق ئافرىقا بىلەن ئەمەلىي ھەمكارلىشىش يېڭى تەشەببۇسى، يېڭى تەدبىرىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، ئالاقىدار تەدبىر ۋە تەشەببۇسلارنىڭ ئافرىقىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ئەۋزەل ساھەلەرگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئافرىقا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي كۈچىنى زورايتىپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئافرىقا تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى قوللايدۇ ۋە ئالقىشلايدۇ، ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشىنىڭ ئافرىقا رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىغا ھەم ئۇنىڭ ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ «2063-يىل قارالمىسى»، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇھىم ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ.

  ئافرىقا تەرەپ ماۋۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ئافرىقىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سالدى، ئۇنى چۈشەندى ۋە قوللىدى. جۇڭگو ئافرىقىغا ياردەم بەرگەندە، ئەزەلدىن ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمىدى. جۇڭگو ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقتا دائىم ھەققانىيەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتتە ئۇزاقتىن بۇيان مەۋجۇت بولۇۋاتقان باراۋەرسىزلىك ۋەزىيىتى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما شەكىللەندۈردى. جۇڭگونىڭ خەلقئارادا ھەققانىيەتنى ياقلاپ، ئافرىقا ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز. ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى رولى ۋە تەسىرىنى كۈچلۈك ئاشۇرىدۇ.

  ھەر قايسى تەرەپلەر بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا ماقۇللانغان «تېخىمۇ زىچ جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى بېيجىڭ خىتابنامىسى» ۋە «جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى − بېيجىڭ ھەرىكەت پىلانى (2019-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە)»غا يۈكسەك باھا بېرىپ، بېيجىڭ ھەرىكەت پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ زىچ جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.