باش بەت>نۆۋەتلىشىپ قويۇلۇش

جۇڭگو ئاياللىرى مەملىكەتلىك 12-قۇرۇلتىيى ئېچىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2018-11-01 13:41:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتنىشىپ تەبرىكلىدى، جاۋ لېجى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى

  10-ئاينىڭ 30-كۈنى، جۇڭگو ئاياللىرى مەملىكەتلىك 12-قۇرۇلتىيى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.

سۈرەتتە: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

10-ئاينىڭ 30-كۈنى، جۇڭگو ئاياللىرى مەملىكەتلىك 12-قۇرۇلتىيى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10-ئاينىڭ 30-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ ۋېيخەن، خۇاڭ شياۋشى). جۇڭگو ئاياللىرى مەملىكەتلىك 12-قۇرۇلتىيى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتنىشىپ تەبرىكلىدى، جاۋ لېجى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

ھەيۋەتلىك خەلق سارىيىنىڭ چوڭ زالىدا كەيپىيات تەنتەنىلىك ۋە قىزغىن ئىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «جۇڭگو ئاياللىرى مەملىكەتلىك 12-قۇرۇلتىيى» دېگەن پىلاكات ئېسىلغانىدى. جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ كۆركەم گېربى رەئىس سەھنىسىنىڭ كەينىدىكى پەردىنىڭ قاپ ئوتتۇرىغا ئېسىلغان بولۇپ، ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە رەتلىك تىزىلغانىدى. 2-قەۋەتتىكى كۆرۈش سۇپىسىنىڭ ئۈستىگە «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاياللىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى!» دېگەن زور لوزۇنكا ئېسىلغانىدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر ساھە، ھەر كەسىپلىرىدىن كەلگەن جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ مەملىكەتلىك 12-قۇرۇلتىيىنىڭ 1637 ۋەكىلى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىن كەلگەن 79 ئالاھىدە تەكلىپلىك ۋەكىل مىليونلىغان ئايالنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، بۇ كاتتا قۇرۇلتايغا قاتناشتى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىقلار يىغىن زالىغا كىردى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى شېن يۆيۆ قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى.

جاۋ لېجى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن «يېڭى دەۋر مۇساپىسىدە يېرىم دۇنياغا خاس ئۇلۇغۋار سەھىپە يارىتايلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. جاۋ لېجى ئالدى بىلەن قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاياللىرى ۋە كەڭ ئاياللار خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋە تەيۋەن رايونىدىكى ئايال قېرىنداشلار، چەت ئەللەردىكى ئايال چياۋمىنلارغا ياخشى تىلەك تىلىدى.

جاۋ لېجى سۆزىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ 11-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، كەڭ ئاياللارنى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، دۆلىتىمىز ئاياللار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئاممىۋى ئاساسىنى پۇختىلاش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشتى. كەڭ ئاياللارنىڭ روھىي قىياپىتى پۈتۈنلەي يېڭى تۈس ئېلىپ، بوشاشماي ئىلگىرىلەيدىغان، ئېگىلمەس، قەيسەر، ئەقىللىق، خۇشخۇي يېڭى دەۋر ئاياللىرىنىڭ سالاپىتى نامايان قىلىندى.

جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاياللار ۋە ئاياللار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى يېڭى دەۋردىكى ئاياللار ئىشلىرى ۋە ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتىنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇلۇغۋار پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشىغا موھتاج. كەڭ ئاياللارنىڭ غايە-ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇشىنى، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇپ، ئۇلۇغۋار ئىشلارنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇشىنى، يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، مەدەنىي كەيپىياتنى تەشەببۇس قىلغۇچىلاردىن بولۇشىنى، يەلكەن تارتىپ يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىپ، ئارزۇ قوغلىشىشقا جۈرئەت قىلىدىغان كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇشىنى، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، شۇجىچۇسىنىڭ بىرىنچى شۇجىسى لى يۈفۇ جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار بىرلەشمىسى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمىسى، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن قۇرۇلتايدا تەبرىك سۆزى قىلدى. تەبرىك سۆزىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاممىۋى تەشكىلاتلار يېڭى دەۋر پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىشى كېرەك.

قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى خۇاڭ شياۋۋېي جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى 11-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتىغا ۋاكالىتەن «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاياللىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى!» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى. دوكلات بەش بۆلەككە بۆلۈنگەن: يېڭى دەۋرگە كىرگەن جۇڭگو ئاياللىرى ۋە ئاياللار تەشكىلاتلىرى؛ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق ئاياللار خىزمىتىنىڭ يېڭى ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش؛ يېڭى دەۋر جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى؛ يېڭى دەۋر ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتىنىڭ يېڭى سوئالىغا تىرىشىپ ياخشى جاۋاب بېرىش؛ يېڭى دەۋر ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى ئىسلاھاتىنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇش.

قۇرۇلتاي يازما دوكلات شەكلىدە «جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى نىزامنامىسى (تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى)» دەسلەپكى لايىھەسىنى ۋەكىللەرنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇندى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبىرىي يولداشلار قۇرۇلتايغا قاتناشتى.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى، ھەر قايسى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى، بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان مىنىستىر دەرىجىلىك قىسمەن ئايال رەھبىرىي كادىرلار ۋە مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئاياللار ۋەكىللىرى ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.