باش بەت>نۆۋەتلىشىپ قويۇلۇش

ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا قىلچە تەۋرەنمەي ئىلھام، مەدەت بېرىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ھەم تېخىمۇ كەڭ سەھنىگە قاراپ ئىلگىرىلىشىنى قوللاش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت:2018-11-03 13:34:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:دىلنۇر تۇرغۇن مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

شى جىنپىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا قىلچە تەۋرەنمەي ئىلھام، مەدەت بېرىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ھەم تېخىمۇ كەڭ سەھنىگە قاراپ ئىلگىرىلىشىنى قوللاش كېرەك

ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى

11-ئاينىڭ 1-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى تاۋ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11-ئاينىڭ 1-كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساس قىلىنغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى بىرلىكتە راۋاجلاندۇرۇلىدىغان ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈم جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ئورنى ۋە رولى ئۆزگەرمىدى، بىزنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا قىلچە تەۋرەنمەي ئىلھام، مەدەت بېرىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش فاڭجېن-سىياسىتىمىز ئۆزگەرمىدى، بىزنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى مۇھىت ۋە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش فاڭجېن-سىياسىتىمىز ئۆزگەرمىدى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، دۆلىتىمىزنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكىنى پەقەت زورايتىشقىلا بولىدۇكى، ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، بەلكى تېخىمۇ كەڭ سەھنىگە قاراپ ئىلگىرىلىشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

سۆھبەت يىغىنىدا، ليۇ جىرېن، لۇ ۋېيدىڭ، ۋاڭ شياۋلەن، سۈن پياۋياڭ، لۇ يۇڭ، تاڭ شياۋئوۋ، ليۇ خەنيۈەن، تەن جيەنفېڭ، ليۇ يى، گېڭ جې قاتارلىق ئون كارخانىچىلار ۋەكىلى ئىلگىرى-كېيىن سۆز قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش توغرىسىدىكى پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار سۆز قىلغاندا، شى جىنپىڭ توختىماي سوئال سوراپ ۋە ئارىلاپ سۆز قىستۇرۇپ، بىر قىسىم مەسىلىلەر توغرىسىدا پۇقراۋى كارخانىچىلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى ھەم مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، مۇۋاپىق ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى. نەق مەيداندا كەيپىيات قىزغىن، جانلىق بولدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنتايىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان پارتىيەنىڭ فاڭجېن-سىياسەتلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەرەققىي قىلدى. پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، پارتىيەمىز مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى مەسىلىسىدىكى ئەنئەنىۋى قاراشنىڭ چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىشىكنى چوڭ ئېچىپ بەردى. 40 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز پۇقراۋى ئىگىلىكى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان كۈچكە ئايلاندى، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئاساسىي ساھەگە، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم ئاساسىي گەۋدىگە، دۆلەت باج كىرىمىنىڭ مۇھىم مەنبەسىگە ئايلاندى، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش، خەلقئارا بازارنى ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىدى. ئۇزاقتىن بۇيان، كەڭ پۇقراۋى كارخانىچىلار باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىشتەك يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى، قەتئىي بوشاشماسلىقتەك كۈرەش قىلىش روھى بىلەن مىڭلىغان-مىليونلىغان ئەمگەكچىلەرنى جاسارەت بىلەن تىرىشىش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشقا تەشكىللىدى، يېتەكلىدى. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى جۇڭگو مۆجىزىسىنىڭ يارىتىلىشىدا پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تۆھپىسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىزنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش قارىشى ئېنىق، ئىزچىل بولدى، ئەزەلدىن تەۋرىنىپ باقمىدى. دۆلىتىمىز ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى ئۇزاقتىن بۇيان دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە شەكىللىنىپ، نۇرغۇن بايلىق توپلىدى، بۇ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بايلىقى، ئۇنى جەزمەن ياخشى ساقلاش، ياخشى ئىشلىتىش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. بىزنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى ياخشى مۇستەھكەملەش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەكىتلىشىمىز ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام، مەدەت بېرىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن زىت ئەمەس، بەلكى ئورگانىك بىرلىككە كەلگەن. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى بىلەن ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك بىر-بىرىنى تولۇقلىشى، ئۆزئارا ماسلىشىپ ئۈنۈمىنى گەۋدىلەندۈرۈشى، ئەكسىچە بىر-بىرىنى چەتكە قاقماسلىقى، بىر-بىرىنى يوققا چىقارماسلىقى كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمى ئاساسىي قانۇنغا، پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلگەن، بۇ ئۆزگەرمەيدۇ، شۇنداقلا ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمىنى ئىنكار قىلىدىغان، ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىدىغان، تەۋرىنىدىغان ھەرقانداق سۆز-ھەرىكەتنىڭ ھەممىسى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ فاڭجېن-سىياسىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. بارلىق پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلار كۆڭلىنى توختىتىپ، خاتىرجەم ھالدا تەرەققىياتنى كۆزلىسە تامامەن بولىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پۇقراۋى ئىگىلىك دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تۈزۈمىنىڭ ئىچكى ئامىلى، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلار ئۆز ئادەملىرىمىز. پۇقراۋى ئىگىلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى ئورنىتىشتىكى مۇھىم سۇبيېكت. شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ. يېقىندىن بۇيان، بەزى پۇقراۋى كارخانىلار تىجارەت، تەرەققىيات جەريانىدا بازار، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، تىپىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق جەھەتلەردە قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى، بۇنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى كۆپ تەرەپلىك بولۇپ، تاشقى ئامىل ۋە ئىچكى ئامىل، ئوبيېكتىپ سەۋەب ۋە سۇبيېكتىپ سەۋەب قاتارلىق كۆپ قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنىڭ ئۇچراشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى. بۇ قىيىنچىلىقلار تەرەققىيات جەريانىدىكى قىيىنچىلىق، ئالغا ئىلگىرىلەش جەريانىدىكى مەسىلە، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى باش قېتىمچىلىقى بولۇپ، بۇلار چوقۇم تەرەققىيات جەريانىدا ھەل بولىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىرادىنى ساقلاپ، ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىش بىزنىڭ تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىمىزدىكى ئاچقۇچ. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن سىلىق، مۇقىم، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلىنىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ئېنىقسىزلىقلار كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، تۆۋەنلەش بېسىمى سەل-پەل زورىيىپ، كارخانىنىڭ تىجارەت قىيىنچىلىقى كۆپەيدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرىلەش جەريانىدا مۇقەررەر دۇچ كېلىدىغان مەسىلە. بىز پايدىلىق شارائىتنىمۇ كۆرۈشىمىز، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ جەزمەن غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچنىمۇ ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. دۆلىتىمىز غايەت زور تەرەققىيات ئېلاستىكىلىقىغا، يوشۇرۇن كۈچكە ۋە ئىمكانىيەت بوشلۇقىغا ئىگە، دۆلىتىمىز 1 مىليارد 300 مىليوندىن كۆپرەك نوپۇسقا ئىگە ئىچكى ئېھتىياج بازىرىغا ئىگە بولۇپ، يېڭىچە سانائەتلىشىش، ئۇچۇرلىشىش، بازارلىشىش، يېزا ئىگىلىكى زامانىۋىلىشىش ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر توپىنىڭ كېڭىيىشى زور مىقداردىكى ئىستېمالنىڭ ئۆسۈش دەرىجىسىنى يېتىلدۈرۈۋاتىدۇ، شەھەر-يېزا رايون تەرەققىياتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىدا گەۋدىلىك تەرەققىيات بوشلۇقى ساقلانغان. دۆلىتىمىز بىر قەدەر ياخشى بولغان تەرەققىيات شارائىتى ۋە ماددىي ئاساسقا ئىگە، دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسى ۋە ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئومۇمىي ئامانەت نىسبىتى يەنىلا بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى مول، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى يەنىلا روشەن. دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ساغلام، مۇقىم بولۇشتەك ئاساسىي تەرىپىدە ئۆزگىرىش بولمىدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئامىلى شارائىتىدا ئۆزگىرىش بولمىدى، ئۇزاق مۇددەت مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشتەك ئومۇمىي ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولمىدى. بىزدە پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بار، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان سىياسىي ئەۋزەللىك بار، ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلدى، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. بىز پەقەت ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىمىزنى ساقلاپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرساق، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى چوقۇم يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا تېزدىن بۇرۇلۇپ كىرىپ، تېخىمۇ پارلاق تەرەققىيات ئىستىقبالىنى كۈتۈۋالالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇساپىسىدە، پۇقراۋى ئىگىلىككە ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتتىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، بېسىمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يېڭىلىق يارىتىش مەنبەسىنى تولۇق راۋانلاشتۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش كېرەك. نۆۋەتتە، ئالتە جەھەتتىكى سىياسەت-تەدبىرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. بىرىنچى، كارخانىلارنىڭ باج يۈكىنى يەڭگىللىتىش كېرەك. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتا تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش ھەرىكىتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، قوشۇلما قىممەت بېجى قاتارلىق ماھىيەتلىك باج كېمەيتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، پەن-تېخنىكا تىپىدىكى يېڭى ئىگىلىك تىكلىگەن كارخانىلارغا قارىتا، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق باج كىرىمىنى كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويۇپ، ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇش نامىدىكى ھەق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرى ۋە كارخانىلارغا چېتىشلىق ھەق ئېلىشنى ئېنىقلاش، ئىخچاملاش كېرەك. ئىككىنچى، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، باھالاش ۋە ئىچكى جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە بازىرى ئىجازىتىنى كېڭەيتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يۆنىلىشىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئىستىقبالى بار پۇقراۋى كارخانىلارغا زۆرۈر مالىيە ياردىمى بېرىش كېرەك، ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە پىلانى ئايرىم شەھەرلەر ئۆزلىرى مەبلەغ جۇغلاپ سىياسەت خاراكتېرلىك ياردەم بېرىش فوندىنى تەشكىللىسە بولىدۇ، بەزى ھۆكۈمەت تارماقلىرى، چوڭ كارخانىلارنىڭ ئەۋزەل ئورنىدىن پايدىلىنىپ كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلىدىغان، پۇقراۋى كارخانىنىڭ پۇلىنى كەينىگە سۆرەيدىغان قىلمىشلارنى تۈزىتىش كېرەك. ئۈچىنچى، ئادىل رىقابەت مۇھىتى يارىتىش كېرەك. خىلمۇخىل «يۆگەلمە ئىشىك»، «ئەينەك ئىشىك»، «ئايلانما ئىشىك»لەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، بازار ئىجازىتى، تەستىقلاش ئىجازەتنامىسى، تىجارەتنى يۈرۈشتۈرۈش، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش، ئارمىيە-خەلقنىڭ يۇغۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە پۇقراۋى كارخانىلارغا ئادىل رىقابەتلىشىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. تۆتىنچى، سىياسەتنى ئىجرا قىلىش ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. سىياسەتنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، مۇناسىۋەتلىك يانداش تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ جايىدا، ئىنچىكە، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ سىياسەتتىن ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش، پىشاڭنى تۈگىتىشتە، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارغا قارىتا ئوخشاش ئۆلچەمنى ئىجرا قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردە مىكرو قانۇن ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش، «بىر تاياقتا ھەيدەش»تىن ساقلىنىش كېرەك. بەشىنچى، يېقىن-پاك بولغان يېڭىچە ھۆكۈمەت-سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ۋە ھۆكۈمەتلەر يېقىن-پاك بولغان يېڭىچە ھۆكۈمەت-سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش تەلىپىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ۋە زېھنىي كۈچ سەرپ قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا، پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىنكاسى ۋە تەلىپىگە دائىم قۇلاق سېلىشى، بولۇپمۇ پۇقراۋى كارخانىلار قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىگە دۇچ كەلگەن ئەھۋالدا، رولىنى تېخىمۇ پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك. جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ زور سىياسەت-فاڭجېنلىرىنى توغرا تەشۋىق قىلىپ، بەزى خاتا پىكىرلەرنى ۋاقتىدا ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ئالتىنچى، كارخانىچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش-رېۋىزىيە ئورگانلىرى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا ھەم مەسىلىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى، ھەم قانۇنلۇق جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك ھوقۇق-مەنپەئەتنى كاپالەتلەندۈرۈشى، كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق تىجارىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى، كارخانىچىلارنى ئىدىيەۋى يۈكتىن خالاس قىلىپ، يەڭگىل جابدۇنۇپ ئالغا ئىلگىرىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كەڭ پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، ئۆز-ئۆزىنى تەربىيەلەپ، ئۆز-ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئوبرازىنى قەدىرلەپ، ۋەتەننى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەش، قانۇنغا رىئايە قىلىپ تىجارەت قىلىش، ئىگىلىك تىكلەپ يېڭىلىق يارىتىش، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. پۇقراۋى كارخانىچىلار توغرا كەيپىياتقا ئەھمىيەت بېرىپ، توغرا يولدا مېڭىشى، پۈتۈن زېھنىنى كارخانا باشقۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، قانۇنلۇق، قائىدىلىك بولۇش داۋامىدا، كارخانىنىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. كارخانىلارنىڭ ئىچكى ئىقتىدارىنى ياخشى چېنىقتۇرۇش، بولۇپمۇ تىجارەت ئىقتىدارى، باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شارائىتى بار پۇقراۋى كارخانىلارنى زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى ئورنىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. يېڭى بىر ئەۋلاد پۇقراۋى كارخانىچىلار پېشقەدەم بىر ئەۋلادلارنىڭ جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، بۆسۈشكە ۋە ئىشلەشكە جۈرئەت قىلىش، دىققىتىنى ئوقىتىگە مەركەزلەشتۈرۈش، ئاساسىي كەسىپنى ئىنچىكە ئىشلەش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىنى تىرىشىپ زورايتىشى، سەرخىللاشتۇرۇشى كېرەك. يەنە خەلقئارا نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دۇنياۋى رىقابەت كۈچىگە ئىگە دۇنيادىكى 1-قاتاردا تۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، خۇ چۈنخۇا، خۇاڭ كۈنمىڭ، يوۋ چۈەن، خې لىفېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىقتىساد كومىتېتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مۇناسىۋەتلىك خەلق تەشكىلاتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، پۇقراۋى كارخانىچىلار ۋەكىللىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.