باش بەت>نۆۋەتلىشىپ قويۇلۇش

شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا - سانائەت مۇنبىرىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2019-11-16 11:54:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پەرىدەم مەخەت مەسئۇل مۇھەررىر:دىلنۇر تۇرغۇن

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا - سانائەت كېڭىشى ۋە يېڭى تەرەققىيات بانكىسى بىلەن سۆزلىشىشىگە قاتناشتى

شۇ جاي ۋاقتى 11- ئاينىڭ 13- كۈنى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا -سانائەت مۇنبىرىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى باشىلىيادا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، باشىلىيا، 11- ئاينىڭ 13- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار پېي جيەنرۇڭ، ياڭ يىجۈن) شۇ جاي ۋاقتى 11- ئاينىڭ 13-كۈنى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا -سانائەت مۇنبىرىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى باشىلىيادا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى بولسونارو، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا يېپىلىش مۇراسىمىغا بىرلىكتە قاتناشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىر مەزگىلدىن بۇيان، دۇنيا ۋەزىيىتىدە يەنە نۇرغۇن يېڭى ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، ھەم پۇرسەتكە تولدى، ھەم ئاز بولمىغان خىرىسلار كۆرۈلدى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى تەدرىجىي قويۇپ بېرىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يېڭى زېمىن ئېچىپ بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قورۇقچىلىق، زومىگەرلىك تەتۈر ئېقىمى ھەرىكەتكە كېلىپ، خەلقئارا سودا ۋە سېلىنمىغا زەربە بېرىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىنى كۈچەيتىۋەتتى. كارخانىدا ئىشەنچ بولسا، بازار ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ. سودا - سانائەت ساھەسىدىكى دوستلارنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىغا قىزغىنلىق بىلەن قاتنىشىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، پائال تۈردە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىدە مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈپ، ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ھەقىقىي تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ يېڭى سانائەت ئىنقىلابىدىكى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېيىنكى باسقۇچتىكى كېسەك ئالتۇن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ بىر مۇھىم تۇتقىسى. ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كارخانا ھەمكارلىقىنى يېڭى سانائەت ئىنقىلابىدىكى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ كۆپ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىپ، بەش دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى تەتۈر شامالغا ئۇچرىدى. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد-سودا، سېلىنما ئالاقىسىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان قىيىن نۇقتا ۋە ئاغرىش نۇقتىلىرىنى تېپىپ چىقىپ، ھەقىقىي تۈردە يولغا قويۇشقا بولىدىغان ھەل قىلىش تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ كەسىپ ۋە بازار تەلىپىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلىشى، تەدبىر بەلگىلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيانىڭ پۇرسىتى. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئىرادىسى ئۆزگەرمىدى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتى ئۆزگەرمىدى. بىز بازارنى يەنىمۇ ئېچىۋېتىپ، ئىمپورتنى كېڭەيتىپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، كارخانىلارغا تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات شارائىتى يارىتىپ بېرىمىز. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى باسقۇچىغا كىردى، كارخانىچىلارنىڭ پۇرسەتنى تۇتۇپ، پائال قاتنىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق نەتىجىلىرىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا-سانائەت ساھەسىدىكى ۋەكىللەردىن تەخمىنەن 600 كىشى يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن بولسونارو ۋە رەپىقىسىنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى ھەم بىرلىكتە ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆردى.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، باشىلىيا، 11-ئاينىڭ 14-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار شۈ لىنگۈي، جياڭ گوپېڭ) شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 14- كۈنى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا -سانائەت كېڭىشى ۋە يېڭى تەرەققىيات بانكىسى بىلەن سۆزلىشىشى باشىلىيادا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى بولسونارو، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا بىرلىكتە قاتناشتى.

بەش دۆلەت رەھبەرلىرى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا - سانائەت كېڭىشى، يېڭى تەرەققىيات بانكىسى ۋەكىللىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، سودا - سانائەت كېڭىشى ۋەكىلى سۇنغان يىللىق خىزمەت دوكلاتىنى قوبۇل قىلدى ھەم ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە سودا-سانائەت كېڭىشى ۋە يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئىككى ئاپپاراتنىڭ يول ئېچىپ ئىلگىرىلەيدىغان كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، كەڭ يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭىلىق يارىتىش، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئېسىل تۈرلەرنى يارىتىش كېرەك. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى-تاشقى ھەمكارلىق مېخانىزمى بىلەن بولغان ماسلىشىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، داۋاملىق تۈردە ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. ھەم ئىقتىسادنىڭ ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت -سائادىتىنى كۆڭۈلگە پۈكۈش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، سىغدۇرۇشقا بولىدىغان ئۇل ئەسلىھەلەرنى قۇرۇش جەھەتتە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان تېخنىكىلارنى ئېچىش، كېڭەيتىش كېرەك. ئىچكى قىسىمدىكى قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت سەۋىيەسى ۋە تەتقىقات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ئەزا كۆپەيتىشكە تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى سۆزىدە سودا-سانائەت كېڭىشى، يېڭى تەرەققىيات بانكىسى ئىشلىگەن خىزمەتلەرنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ئىككى ئاپپاراتنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ۋە باشقا يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرى ھەم تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات تۈرلىرىگە مەبلەغ توپلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىدا تېگىشلىك رول ئوينىشىنى ئارزۇ قىلدى.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.