باش بەت>چارۋىچىلىق

قىش ۋە ئەتىيازدا تۇخۇم توخۇسىنى بېقىش ئۇسۇلى

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-08 18:36:00 مەنبە:ماكانىمىز ئۇچۇر گۈلزارى تورى مۇھەررىر:پىرقەتجان جۈرئەت

 

قىشتا تۇخۇم توخۇسى ئاز كاكىلايدىغان ياكى كاكىلىمايدىغان بولغاچقا، توخۇنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا، داننى ئاز بېرىپ، قامدالما بېقىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق، دان ئىسراپ بولۇشنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش كېرەك.

1. تۈرلۈك دانلىق زىرائەتلەرنىڭ پوستى ۋە شاخ - شۇمبىلىرى (خاسىڭ پېلىكى، شال قاسىرىقى، ئاق قوناق قاسىرىقى، كۆممىقوناق مەدىكى قاتارلىقلار) نى ئۇششاقلاش ماشىنىسىدا ئۇششاقلاش، ئازراق پۇرچاق كۈنجۈرىسى، بېلىق پاراشوكى، مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنت ۋە تۈرلۈك ئامىنۇ كىسلاتالىق خۇرۇچلارنى تەييارلاش كېرەك.

2. تۈرلۈك يىرىك دانلارنى تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، تۈرلۈك خۇرۇچ ۋە تۈجۈپىلىك دانلارنى يىرىك دان بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ (يىرىك دان %80 - %85 نى، تۈجۈپىلىك دان بىلەن خۇرۇچلار %15 - %20 نى ئىگىلەيدۇ) بېرىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا داننى كۆپ مىقداردا تېجەپلا قالماي، يەنە توخۇدا تويغاندەك تۇيغۇ پەيدا قىلغىلى بولىدۇ. يىرىك دان تۈرلۈك خۇرۇچ ۋە تۈجۈپىلىك داننىڭ تەسىرىدە ئوزۇقلۇققا ئايلىنىپ، توخۇ ئورگانىزمى تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ ۋە پايدىلىنىلىپ، ئېنېرگىيە ھاسىل بولىدۇ - دە، بۇنىڭ بىلەن ئورگانىزمنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ماددا ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجى ۋە تەن تېمپېراتۇرىسىنى قامدايدۇ، ھەتتا تۇخۇم كاكىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

3. ئەتىيازدا توخۇ كاكىلاشقا باشلىغاندا، يىرىك داننى كۆممىقوناق، شاپاق قېقى، ئاق قوناق قاتارلىق كاربون - سۇ بىرىكمىلىك تۈجۈپىلىك يەمگە ئالماشتۇرۇش ھەمدە بېلىق پاراشوكى، پۇرچاق كۈنجۈرىسى، خاسىڭ كۈنجۈرىسى، مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنت ۋە ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، توخۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، داندىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئەڭ ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.