باش بەت>چارۋىچىلىق

ئېشەك كېسەللىكلىرىنى ھەسەل ئارقىلىق داۋالاش رېتسېپلىرى

يوللانغان ۋاقىت:2017-02-09 19:10:00 مەنبە:شىنجاڭ پەن- تېخنىكا گېزىتى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

 

1. ئۈچەي توسۇلۇپ قېلىشنى داۋالاش: 60g سانانى ئېزىپ قايناقسۇغا چىلاپ، سوۋۇغاندىن كېيىن 250g  ھەسەل، 500ml كۈنجۈت يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، بىر قېتىمدىلا ئىچكۈزۈۋېتىش ياكى 50g غولپىياز بېشىنى چاناپ، ئۇنىڭغا 500g ھەسەل ۋە مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكۈزۈش كېرەك.

2. ئېشەك دىئافراگما مۇسكۇلى تارتىشىپ قېلىشنى داۋالاش: 500g ھەسەل، 200g جۇڭگو ماڭدارى(ۋېيلىڭشيەن 威灵仙)نى مۇۋاپىق سۇدا قاينىتىپ، ئىلمان ھالەتتە ئىچكۈزۈش كېرەك.

3. زەخىم يارىسىنى داۋالاش: بىر ئۈلۈش ھەسەل، تۆت ئۈلۈش غولپىياز بېشى بوتقىسىنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، جايلىق ئورۇنغا سۈرۈپ، ئاندىن داكا بىلەن تېڭىش، دورىنى كۈندە بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش كېرەك.

4. كۆز بېرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغىنى داۋالاش: مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل، 15g مامۇرانچىن (خۇاڭليەن 黄连)نى سۇدا پۇرىقى تۈگىگىچە قاينىتىپ، تىرىپىنى سۈزۈۋېتىپ، سۈيىنى سۇس ئوتتا 120ml قالغىچە قاينىتىپ، ئاندىن تەڭ مىقداردا ھەسەل قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن بوتۇلكىغا قاچىلاپ، كۈندە بىر قېتىم ئېشەكنىڭ كۆزىگە تېمىتىش كېرەك.